ئۇل مۇستەھكەملىنىپ ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولدى قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ غەيرەت - شىجائەت تولۇپ تاشتى

日期:2019年03月13日
来源:新疆日报网
【字体:

ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

كەچكى شەپەق مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزىسى كۆكتىكەن كەنتىگە چېچىلغانىدى، رەتلىك ئۆيلەر، تۈپتۈز كەتكەن يوللار، خىزمەت كىيىمى كىيىپ ئىككى - ئۈچتىن ھەمراھ بولۇپ ماڭغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلىنىپ تۇرغان خۇش تەبەسسۇملار ... ئىلگىرىكى نامرات كۆكتىكەن كەنتىنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن، كەنت ئاھالىلىرىگىمۇ جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇلغانىدى.

■ ئاساسىي قاتلام مۇستەھكەملەندى كەنت ئاھالىلىرى ھىمايە قىلدى

«پارتىيەلىك كادىرلار بىزنى يېتەكلەپ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ»

2018- يىلى 1- ئايدا، كۆكتىكەن كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى كۇڭ چىڭشەن كەنتكە كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

كېلىشتىن ئىلگىرى، كۇڭ چىڭشەن كۆكتىكەن كەنتىنىڭ ئېغىر نامرات كەنت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇ كەنتنى ئالا قويماي تولۇق بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، قىيىنچىلىقنىڭ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. «%70 ئۆينىڭ ھويلا تېمى يوق، چىلانزارلىقتا ياۋا ئوت - چۆپلەر ئادەم بويى ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، چىلانزارلىقتا ماڭغاندا، ئېھتىيات قىلمىسا، ياۋا ئوت - چۆپلەر كۆزگە سانجىلىپ كېتەتتى».

ئاساس بوش، ئۇل ناچار، ئەھۋال قانچە مۇشۇنداق بولغانسېرى قوشۇننى تېخىمۇ تۇتۇش، ئاساسنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

ئۆزگىرىش ئالدى بىلەن كۆكتىكەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشتىن باشلاندى، پارتىيەلىك كادىرلاردىن باشلاپ تۇتۇلدى. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش ۋە مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى ئۆتۈش ئارقىلىق، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى؛

خىزمەت مېخانىزمى تۈزۈلۈپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى كۈچلەر ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈلۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى؛

«ئۈچ ئۆزئارا» خىزمەت مېخانىزمى ئىجادىي يولغا قويۇلۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇلدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى يېتەكلەپ ئاھالىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئىدىيەۋى تەربىيە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ياردەم، مەدەت بەردى.

كەنت كەنتلەرگە قارايدۇ، ئائىلە ئائىلىلەرگە قارايدۇ، ئامما كادىرلارغا قارايدۇ. پارتىيە ئەزالىرى ئۆزگەرمەكتە، كەنت كادىرلىرى ئۆزگەرمەكتە، كۆكتىكەن كەنتى ئۆزگەرمەكتە. «ھازىر، بىزنىڭ كەنتىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى، بىزنى يېتەكلەپ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ» دېدى كەنت قۇرغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان كەنت ئاھالىسى ئادالەت مامۇت.

■ ئۈنۈم كۆرۈلدى ئامما قايىل بولدى

«ئۇلار بىزنىڭ باشلامچىمىز، ئۇلارغا ئەگىشىپ ئىشلىسەك خاتالاشمايمىز»

2- ئاينىڭ 20- كۈنى كۆكتىكەن كەنتىدىكى خېڭشىن ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ھويلىسى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن لىق تولغانىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشقا كەلگەنىدى.

قىپقىزىل بارماق ئىزلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بولغان ئىشەنچ، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ئىدى.

بۇلتۇر 4- ئايدا، كۆكتىكەن كەنتى يەرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، «سىز سىرتتا ئىشلەپ پۇل تېپىڭ، مەن بۇ يەردە قېلىپ سىزگە ياردەملىشىپ يېرىڭىزنى تېرىپ بېرەي» ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، بىر قىسىم كەنت ئاھالىسىنى يەردىن ئازاد قىلىشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلدى. ھالبۇكى، بىر ئايدىن كۆپرەك سەپەرۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، پۈتۈن كەنتتە ئاران 470 نەچچە مو يەر ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كۆزىتىۋاتاتتى.

داۋاملىق نەسىھەت قىلغاندىن كۆرە، ئوبدان ئىشلەپ نەتىجە چىقارغان تۈزۈك. كەنت ئاھالە كومىتېتى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىدىكى 400 نەچچە مو يەرنى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى قىلىشنى قارار قىلدى.

ئارقىدىن، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئادەتتىكى قورۇمىلارنى قورۇش، كالا گۆشى ئۈگرىسى ئېتىش، تامچىلىق، ھاكلىغۇچىلىق ھەم باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق قاتارلىق ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، يەنە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزى، ساتىراشخانا، ئاشخانا، پىشۇرۇقخانا، قۇرۇلۇش رېمونت قىلىش ئەترىتى، تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق تۈرلەر بار بولۇپ، يەرلىرىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى تېخنىكا ئۆگەنگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھەم يەرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ھەققىگە ئېرىشتى، ھەم ئىشلەپ كىرىم قىلدى.

بۇ يىل، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سەپەرۋەرلىكىنى كۈتۈپ تۇرمايلا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەرلىرىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھازىر، پۈتۈن كەنتتىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى يەر ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىگە كىردى. مۇشۇنداق بولۇپلا قالماي، ئەتراپتىكى كەنتلەرمۇ ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىنى ئىزدەپ قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلدى. ھازىر ھاۋالىلىك باشقۇرۇلۇۋاتقان يەر 5000 مودىن ئاشتى.

راخمان قۇۋان كۆكتىكەن كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ماھىرى، بۇلتۇر ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزى سەپەرۋەر قىلغاندا، ئۇ ئويلانماستىنلا رەت قىلغانىدى، ھالبۇكى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ھېسابات قىلغاندا، ئۇ يەر تېرىپ قىلغان كىرىم يېرىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرغان نامرات ئاھالىنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن چىقتى، «ئىچىم ئاچچىق بولدى، تەن بەرگۈم كەلمىدى» دېدى ئۇ خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈمسىرەپ. ھازىر ئۇ يېرىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆزىمۇ ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىگە تەكلىپ قىلىندى. «مەن كەنت كادىرلىرىغا ئىشىنىمەن. ئۇلار بىزنىڭ باشلامچىمىز، ئۇلارغا ئەگىشىپ ئىشلىسەك خاتالاشمايمىز» دېدى راخمان.

■ كەلگۈسى كۆزلەندى بەختتىن ئۈمىد تۇغۇلدى

«تېخىمۇ كۆپ ياش پارتىيە ئەزالىرى، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك، كۆكتىكەن كەنتىنىڭ كەلگۈسى ئۇلارغا تايىنىدۇ»

2- ئاينىڭ ئاخىرىلىرى، كۆكتىكەن كەنتىدە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى سايلاشتا كۆپچىلىك بېلەت تاشلاپ 31 ياشلىق داۋۇت ياسىننى سايلاپ چىقتى. ئۇ ياش ۋە غەيرەتلىك، كاللىسى ئۆتكۈر، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى چۈشىنىدىغان، يېزا ئىگىلىك خىزمىتىگە پىششىق ئىدى.

«بىز سىياسىي ئىدىيەۋى جەھەتتىن ياخشى، ياش ۋە غەيرەتلىك، مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى، بېيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز، قوبۇل قىلىشىمىز، تېخىمۇ كۆپ ياش پارتىيە ئەزاسى، ياش كادىرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك، كۆكتىكەن كەنتىنىڭ كەلگۈسى ئۇلارغا تايىنىدۇ» دېدى كۇڭ چىڭشەن.

تۇرسۇن يۈسۈپ كۆكتىكەن كەنتىدىكى قابىللاردىن، ياغاچچىلىق ھۈنىرى بار. بۇلتۇر كۇڭ چىڭشەن ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، كەنتنىڭ قۇرۇلۇش ئەترىتىگە مەسئۇل قىلماقچى بولدى. «كەنتتىكى قابىللارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنى بېيىش باشلامچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك» دېدى كۇڭ چىڭشەن. ھازىر، تۇرسۇن بەكلا ئالدىراش، ھەر كۈنى كەنتتىكى 20 نامرات ئاھالىنى باشلاپ، ئۆي - جاينى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى ئۇلارغا ئۆگەتتى. قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ بارغانسېرى نامى چىقتى، ئىشى بارغانسېرى كۆپەيدى، كەنت ئاھالە كومىتېتى يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشنا كەنتتىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تېپىپ كېلىپ ئۇلارغا تاپشۇردى.

بۇلتۇر 3- ئايدا، كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى قىلىپ بېكىتىلدى. مۇشۇنداق ئاكتىپلارنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل كۆكتىكەن كەنتىدىكى 25 كىشى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇردى.

ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشتىن مەدەنىي يېزا ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشكىچە، ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشتىن كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىشكىچە، كۆكتىكەن كەنتىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى كۈچەيدى، پارتىيە ئەزالىرى ئوتتۇرىغا چىقتى، ياشلار ئىشەنچكە تولۇپ تاشتى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۆكتىكەن كەنتىدە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش غەيرىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىشەنچى تېخىمۇ چىڭىدى، كۆپچىلىك كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكلىشىدە «كۈچلۈك، گۈزەل، باي» ئىستىراھەت ئېكولوگىيە كەنتى قۇرۇشقا ئاتلاندى.