جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەر: كىچىك ھويلا - ئاراندىن پايدىلىنىپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى

日期:2019年03月11日
来源:新疆日报网
【字体:

170 مىليون يۈەن

2015- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ جەمئىي 170 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 33 نامرات ناھىيە(شەھەر)، 300دىن ئارتۇق يېزا - بازار، 800دىن ئارتۇق كەنتتە ھويلا - ئاران ئىگىلىكى تۈرىنى يولغا قويۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە يېزا ئىگىلىك كەسپى ئارقىلىق نامرات دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلدى.

150 − 100 يۈەن

نۆۋەتتە، نامرات نوپۇسنىڭ ھەر 1000 يۈەن كىرىمىنىڭ 150- 100 يۈەنگىچە قىسمى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىدىن كېلىدۇ.

مۇخبىر يېقىندا زىيارەت جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ 800دىن ئارتۇق يېزا - كەنتىدە، ئاز بولمىغان دېھقانلارنىڭ «قىرلارنى تۈزلەپ، ئېتىزلارنى سالالاشتۇرۇش» ئارقىلىق گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، يەنە كىچىك ھويلا - ئاراندىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتەك چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى كۆردى.

ھاۋا تەدرىجىي ئىللىماقتا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى دېھقان ئەركىن جالامۇدىن بالدۇرلا ئۆز يېرىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ قوشنىسىنىڭ ھويلا - ئاراننى ئۆزگەرتىپ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقىغا ھەۋەس قىلىپ، بۇ يىل يەنە يېرىم مو يېرىنى بوشىتىپ كۆكتات تېرىماقچى، ئۈزۈم قويماقچى بولدى. «پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر يېڭى كۆكتات يەپلا قالماي، يەنە ئارتۇق كۆكتاتنى سېتىپ پۇل قىلغىلى بولىدىكەن».

«بۇرۇن كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىدىكى يەرلەر تاشلىنىپ قالغان، كېرەكسىز نەرسىلەر دۆۋىلىنىپ، گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزگەن، يەنە بايلىق ئىسراپ بولغان.» قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى دۆڭئاچما كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئەركىن ئەخمەت مۇنداق دېدى: ھويلا - ئاراننى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشتى، ھويلىلار پاكىزلاندى، تۇرمۇش سۈپىتىگە بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى.

دۆڭئاچما كەنتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تىپىك ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، كىشى بېشىغا پەقەت 0.6 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ. ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، قاراقاش ناھىيەسى مۇشۇ يېزا - كەنتلەردە «ئۈچ رايون (ئولتۇراق رايون، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونى)نى ئايرىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 128 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھويلا - ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىپ، 39 مىڭ موغا يېقىن ھويلا - ئاران يېرىنى رەتلىدى.

ئېرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان 45 ياشلىق ھەبىبە مەمتىمىن يىل بويى ئۆيدە بىكار ئولتۇراتتى. ھويلا - ئارانلارنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ھەبىبەنىڭمۇ ئائىلىنى قامداشقا ئىشلەتكۈدەك كىرىمى بار بولدى. ئۇ يېرىم موغىمۇ يەتمەيدىغان يەردىكى تېرىقچىلىق رايونىدا ئۈزۈم بارىڭى ياسىدى، ئوتتۇرىسىغا نېپىز سولياۋ يوپۇق يېپىلىدىغان سەككىز قىر ئالدى. «ھاۋا يەنە ئازراق ئىللىسا جاڭدۇ، شوخلا تېرىماقچى، بۇنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئالاقىلىشىپ بەرگەن كۆكتات توپ سېتىش بازىرىغا سېتىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن».

ئۇنىڭ ئۆيىدىكى كونا قوتاندىن ئۆزگەرتىلگەن توشقان بېقىش ئۆيىدە 300دىن ئارتۇق توشقان توختىماي سەكرىشىپ يۈرەتتى. «يېزىدىكى بىر كارخانا نەسىللىك توشقان، يەم - خەشەك ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، مەن پەقەت توشقان بېقىش ئۆيىگە كېتىدىغان سۇ، توك ئۈچۈن ھەر ئايدا 15 يۈەن تۆلىسەملا بولىدۇ.» ھەبىبە مۇنداق دېدى: بۇ يىل 2- ئاينىڭ ئاخىرىدا، بىرىنچى تۈركۈمدە توشقانلارنى سېتىپ چىقىرىپ 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم.

ھويلا - ئاران ئىگىلىكى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان «كارخانا (ھەمكارلىق كوپىراتىپى) + دېھقان ئائىلىسى» ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەندىزىسىدىن نەپ ئالغان دېھقان ئائىلىلىرى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىپ چىقىرىش قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە مەنپەئەتلەندى.

«ئۆزىمىزنىڭ ھويلىسىدا كۆكتات تېرىش، توشقان بېقىش ھەقىقەتەن بىر ياخشى چىقىش يولى ئىكەن.» ھەبىبە مۇنداق دېدى: توشقان بېقىشنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە، سېتىش يولى بار، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 45 كۈندە سېتىپ چىقارغىلى بولىدۇ، بىر يىللىق كىرىمىم 16 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

«ھويلا - ئاراندا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 600 يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ، ھەم ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، ھەم كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.» ئەركىن ئەخمەت مۇنداق دېدى: شۇ جاي نامرات ئائىلىلەرنى ھويلا - ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزگەرتىپ بولغان نامرات ئائىلىلەرگە 140 مىڭ يۈەن تولۇقلىما مەبلىغى تارقىتىپ بەردى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلا - ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىش ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2015- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ جەمئىي 170 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 33 نامرات ناھىيە (شەھەر)، 300دىن ئارتۇق يېزا - بازار، 800دىن ئارتۇق كەنتتە ھويلا - ئاران ئىگىلىكى تۈرىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسپى ئارقىلىق نامرات دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش يېڭى سۇپىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرگەن. نۆۋەتتە، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەر 1000 يۈەن كىرىمىنىڭ 150- 100 يۈەنگىچە قىسمى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىدىن كەلگەن.