导航切换

شايار ناھىيەسى: كالا باقمىچىلىق كەسپى بېيىش ئىشىكىنى ئاچتى

日期:2021年02月19日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دىڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەكرەم خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى گۆش كالىسى ئىلمىي باقمىچىلىق ئولتۇراق رايونىغا كىرگىنىڭىزدە، ئازادە، يورۇق كالا باقمىچىلىق قوتىنىدا كالىلارنىڭ مۆرىگەن ئاۋازى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

بازارلىق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى مەردان ئەنۋەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «2020-يىلى 7-ئايدا، باقمىچىلىق رايونى قۇرۇلۇشقا باشلىدى، ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 70 مو، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق قوتىنىدىن102نىسېلىشنىپىلانلىدۇق، 5000 كالا سىغىدۇ، ھازىر 75ى سېلىندى، جەمئىي 3600 كالا بار. باقمىچىلىق رايونىدا 35 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئۇلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 25 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە».

  شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى سىراجىدىن مەمەت مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر، ناھىيە بويىچە يېڭىدىن تۆت <ۋەنتوۋنيۇ> باقمىچىلىق رايونى قۇرۇلدى، 2019-يىلى ناھىيە بويىچە قوتاندىكى كالا مىقدارى ئاران 35 مىڭ تۇياق ئىدى، بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر قوتاندىكى كالا مىقدارى 65 مىڭ تۇياققا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شايار ناھىيەسى قوي كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى ئەندىزىسى ئارقىلىق كۆپەيتىش، بورداش، سويۇش، پىششىقلاشنى بىر گەۋدە قىلغان كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۆلچەملىشىش، كۆلەملىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلىدى».