چاغانلىق ھال سوراش

日期:2019年02月03日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن سېن): چاغان كېلىش ئالدىدا، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ 11-مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن 11-مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەلىك رايونىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە «تۆت پىشقەدەم»لەردىن ھال سوراپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە بايراملىق سالىمىنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزدى.

خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە كومىتېتى كادىرلىرى سەھەردىلا تۇخۇم، سۈت، چۈنليەن قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، تەۋەلىكتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەر ۋە «تۆت پىشقەدەم»لەردىن بولۇپ 20 كىشىدىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارغا قانداق قىيىنچىلىقى بولسا ھەر ۋاقىت ئىنكاس قىلسا بولىدىغانلىقىنى، خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە كومىتېتىنىڭ جەزمەن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىزمەت ئەترىتى زىيارەت قىلىپ يوقلاش ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، بىر-بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشنى ئىللىق، چاغاننى بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەردى.