خوشۇت ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر «ئىللىق قىشتا بەخت سوۋغا قىلىپ» ‏چاغاننى كۈتىۋالدى ‏

日期:2019年02月01日
来源:天山网
【字体:

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رېن يى خەۋىرى، فوتوسى: خوشۇت ناھىيەسى تېۋىلغا بازىرى لوڭجۈ مەھەللىسىدىكى ۋاڭ چۈەنفۇ خۇشال ھالدا:«ھەر يىلى چاغان ھارپىسىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى مول مەزمۇندىكى رەڭگارەڭ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ يىل بىزگە چۈنليەن يېزىپ، تىلەك تىلىدى، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدى»، دېدى.

چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شاد-خۇراملىققا تولغان بايراملىق كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، خوشۇت ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ تېۋىلغا بازىرى لوڭجۈ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ناھىيەدىكى خەتتات ھەۋەسكارلىرىنى مەھەللە پائالىيەت ئۆيىدە «چۈنليەن سوۋغا قىلىپ، چاغان كۈتىۋېلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

گۈزەل تىلەكلەر يېزىلغان چۈنليەنلەر مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

لوڭجۈ مەھەللىسىنىڭ 1-شۇجىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى بو:«چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بىز بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئاھالىلەرگە <بەخت> سوۋغا قىلدۇق، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر زىيارەت قىلىپ ھال سوراش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، چۈنليەن سوۋغا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ قەلبىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدۇق»، دېدى.