قويۇق ئاتا- بالا مېھرى

日期:2019年01月29日
来源:新疆日报
【字体:

«ئوغلۇم، تاماق يېمىگەنسەن، ساڭا ئالغاچ كەلدىم، ئىسسىقىدا يەۋالغىن». 1- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتە، ھەبىبۇللا نىياز چۈشلۈك تاماق ئېلىپ نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئوغلى شۈ چاۋنى يوقلاپ باردى.

2016- يىلى 11- ئايدا، مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، كۇچا ناھىيەسى شىنچېڭ كوچىسى ئىتتىپاق يولى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ چاۋ بىلەن مەھەللە ئاھالىسى ھەبىبۇللا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، شۈ چاۋ بوش ۋاقتى بولسىلا، ھەبىبۇللانى يوقلاپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، دەسلەپكى مەھەللە كادىرى بىلەن مەھەللە ئاھالىسى مۇناسىۋىتىدىن ھازىرقى ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋەتكە تەرەققىي قىلدى.

شۈ چاۋ مۇنداق دېدى: «ھەبىبۇللا دادام بىلەن بولغان مېھىر- مۇھەببىتىمىز ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش جەريانىدا ئاستا- ئاستا شەكىللەندى».

بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن ھەبىبۇللانىڭ ئۈچ ئوغلى بار. 2016- يىلى، ھەبىبۇللانىڭ ئىككىنچى ئوغلى كېسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر زەربە بولدى. شۈ چاۋ ھەبىبۇللانىڭ كۆڭلىنىڭ ئارامى يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى بىئارام بولدى. شۈ چاۋ ۋاقتى بولسىلا ئۇنى يوقلاپ تۇردى، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ، بىللە غىزالاندى، ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كۆڭلىنى كۆتۈردى. كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دېيىشىپ پىكىرلىشىش جەريانىدا، ھەبىبۇللانىڭ كەيپىياتى ئاستا- ئاستا ياخشىلاندى.

«شۈ چاۋ كەلسىلا، كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدۇ» دېدى ھەبىبۇللا خۇشال ھالدا.

شۈ چاۋنىڭ ئادەتتە خىزمىتى ئالدىراش، ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە دائىم تاماق يېيىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. ھەبىبۇللا ئۆيىدە ئەتكەن پولۇ، لەڭمەنلەرنى ئوغلىغا ئاپىرىپ بەردى. شۈ چاۋمۇ ۋاقتى چىقسىلا، خوتۇن، بالىسىنى ئېلىپ بېرىپ ھەبىبۇللانى يوقلاپ تۇردى. ھەبىبۇللا ئائىلىسىنىڭ سۇ، توك كارتىسىدا پۇل تۈگىسىلا، شۈ چاۋ تالىشىپ تۇرۇپ پۇل تاپشۇردى. شۈ چاۋ ئائىلىسىنىڭ چوڭ- كىچىك ئىشلىرىغا ھەبىبۇللامۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

«قىزىمنى مەكتەپكە ئالغىلى بېرىشقا ۋاقتىم چىقمىسا، دادام ياردەم قىلىپ ئالغىلى بارىدۇ. بۇلتۇر ھەيدەش كىنىشكىسى ئالدىم، ئاپتوموبىل سېتىۋالمىغىنىمنى كۆرۈپ، دادام مەندىن پۇلۇڭ يەتمىدىمۇ دەپ سوراپ، ئازراق ياردەم قىلماقچى بولدى. بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ. ھازىر، بىز بىر- بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ تۇغقانلاردەك ئۆتۈپ، ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرى بولدۇق» دېدى شۈ چاۋ.

شۈ چاۋنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھەمراھ بولۇشى ۋە كۆيۈنۈشى بىلەن ھەبىبۇللا كۆڭۈل بىئارامچىلىقىدىن قۇتۇلدى. «بۇ يىل چاغاندا، مەن ھەبىبۇللا دادامنى ئېلىپ يۇرتۇم شەندۇڭغا بېرىپ بايرام ئۆتكۈزۈپ كەلمەكچى» دېدى شۈ چاۋ كۈلۈپ تۇرۇپ.