ئۆمۈرلۈك ئاكا- ئۇكا مۇھەببىتى

日期:2019年01月22日
来源:新疆日报
【字体:

1- ئاينىڭ 19- كۈنى، جياڭ يىشىن باھار بېغىشلىمىسى، «بەخت» خېتى، پانۇسلارنى سېتىۋالدى ھەم پويىز بېلىتى زاكاز قىلدى. ئۇ 1- ئاينىڭ 25- كۈنى يېڭى يىللىق سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ، كەنتكە بېرىپ ئىنىسى ئەخمەت مەمەتنى يوقلاپ، ئىنىسى ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرى بىلەن باھار بېغىشلىمىسى چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، چاغاننى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزمەكچى بولدى.

ئەخمەت بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۆيى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ ئامۇتلۇق كەنتىدە ئىدى. 2016- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت- دىن ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ كادىرى جياڭ يىشىن ئەخمەت بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانىدى.

ئاتا- ئانىسى كېسەل سەۋەبىدىن بالدۇر ۋاپات بولغاچقا، ئەخمەت پالەچ سىڭلىسى بىلەن ئىزچىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنىدى. ئەخمەت ئاكىسىغا ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خوتۇنۇمنىڭ خىزمىتى يوق، ئوغلۇم ئەمدى تولۇقسىز 2- يىللىقتا ئوقۇيدۇ، ئائىلەمنىڭ يۈكى ئېغىر، تۆت مودەك يېرىمىزدىن قىلىدىغان كىرىمىمىز كۈندىلىك چىقىمىمىزغا يەتمەيدۇ، شۇڭا، بىكار ۋاقتىم بولسىلا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىمەن.

جياڭ يىشىن ئالدى بىلەن ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئەخمەتكە بېرىپ، ئۇنى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت بىلەن يۈك توشۇپ پۇل تېپىشقا رىغبەتلەندۈردى.

بۇ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ئەخمەتكە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئادەتتە، ئۇ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت بىلەن ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلغاندىن باشقا يەنە، كەنتتە كىمنىڭ ھاجىتى بولسا، ئۇلارغا ياردەملىشىپ يۈك توشۇپ، بىر كۈندە 100 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتى. «بۇ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنىڭ رولى بەك چوڭ بولدى، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 900 يۈەن پۇل تاپتىم، جياڭ ئاكامغا ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن!» ئەخمەت مۇنداق دېدى: «بىر نەچچە قېتىم جياڭ ئاكام ئۆيۈمگە كەلگەندە، مېنىڭ سىرتتا يۈك توشۇپ ئالدىراش يۈرگەنلىكىمنى كۆرۈپ، بىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماق ئېتىپ بەردى. جياڭ ئاكام تاماق ئېتىشكە بەك ئۇستا، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ئەتكەن تاماقنى مەززە قىلىپ يەيدۇ.»

ئالاقىلىشىشنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن، جياڭ يىشىن ئەخمەتكە بۇغداي پاخىلىنى يىغىپ ئېزىپ، قىشلىق يەم- خەشەك تەييارلاپ سېتىشنى سىناپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئەخمەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يەنە بىر كىرىم مەنبەسى كۆپەيدى.

2018- يىلى يازدا، جياڭ يىشىن يەنە ئەخمەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بەردى، ئەخمەتنىڭ خوتۇنى ھويلىسىدا قوي، توخۇ بېقىشنى ئۆگەندى. ئەخمەت ئۇچرىغانلىكى كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: «جياڭ ئاكام ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، بېيىشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئەقىل كۆرسەتتى.»

«جياڭ ئاكام بىلەن تۇغقانلىشىش بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى.» ئەخمەت مۇنداق دېدى: «جياڭ ئاكامنىڭ ياردىمى بىلەن، مېنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.»

2017- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى، جياڭ يىشىننىڭ قىزىنى ئېلىپ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا كەلگەندە، چوڭ- كىچىك سومكىلاردا يېڭى كىيىم- كېچەك، ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا يەنە، ئۆزلىرىگە نۇرغۇن يېڭى كىتابلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئەخمەتنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە.

«ئاشۇ ئىككى كۈندە، ئوغلۇم ھاياجانلانغانلىقىدىن ئۇخلىماستىن، جياڭ ئاكامنىڭ قىزىغا يېپىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا يولۇققان ھەرخىل يېڭى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشىنى سوراپ تۇرۇۋالدى.» ئەخمەت مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 8- ئايدا، ئوغلۇم جياڭ ئاكامنىڭ ئىدارىسى تەشكىللىگەن يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشتى. ھازىر ئوغلۇمدا زور ئۆزگىرىش بار، ئۇ ئىمتىھان بېرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، سىرتلارغا چىقىپ دۇنيانى كۆرۈپ بېقىشقا ئىرادە باغلىدى.

«ئىنىم ئىنتايىن ئاددىي- ساددا، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن مېھىر- مۇھەببەتنى چوڭ بىلىدۇ. ئىنىمنىڭ قولۇمغا ياڭاق، كېلىن سىڭلىمنىڭ ئۆز قولىدا تىككەن ئىشتاننى تۇتقۇزغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ، ھەر قېتىم تۇغقان يوقلاپ كەلگەندە، ئاشۇ ئىشتاننى كىيىۋېلىپ، تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن.» جياڭ يىشىن مۇنداق دېدى: «ئىككى يىلدىن كۆپرەك ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇپ كەتتۇق. مەيلى قانداق ئىشقا دۇچ كەلسۇن، ئىنىم ئالدى بىلەن مېنى ئويلايدۇ. ئادەتتە، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن ئاكا دېسە ئاكا دەپ ھال سوراپ كېتىدۇ، ئارىمىزدىكى بۇ قېرىنداشلىق مېھىر- مۇھەببەتنىڭ بىر ئۆمۈر داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...»