قۇربان نىياز: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى

日期:2019年01月04日
来源:天山网
【字体:

  قۇربان نىياز ئوقۇغۇچىلارغا ئەرخۇ چېلىشنى ئۆگەتمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

2018- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، يولداش قۇربان نىيازغا ئىسلاھات ئاۋانگارتى دەپ نام بېرىلىپ، ئىسلاھات ئاۋانگارتى مېدالى تارقىتىپ بېرىلدى.

«دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا مەن توغرا قىلدىم» دېدى قۇربان نىياز ھاياجانلانغان ھالدا.

16 يىل ئىلگىرى، قۇربان نىياز ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرۇپ، مائارىپ ئارقىلىق بالىلار ئۈچۈن زامانىۋى مەدەنىيلىككە تۇتىشىدىغان كۆۋرۈك سېلىشقا ئىرادە باغلىدى. ئۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى.

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى»

«پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا بۇنداق ئالىي شەرەپنى بەردى، مەن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم». 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى، مۇخبىرلار شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن قۇربان نىيازنى كۆرگەندە، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىكى مەنزىرىنى پات- پات تىلغا ئالاتتى، ئۇنىڭ مۇكاپاتلانغاندىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتى تېخى بېسىلمىغانىدى. «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى، بۈگۈنكى ئىشلىرىمنى ۋۇجۇدقا چىقاردى» دېدى قۇربان نىياز.

1986- يىلى، قۇربان نىياز داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە- سودا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى دەرسى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. 1998- يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 20- يىلىدا، قۇربان نىياز مائاشىنى توختىتىپ، ئىشتاتىنى ساقلاپ قېلىپ ئىچكىرى جايلارغا بېرىپ تىجارەت قىلىشنى تاللىدى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدا %99.5 ئاھالە ئۇيغۇر مىللىتى بولۇپ، دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، سىرتتا ئۈچ يىل كۈرەش قىلغان قۇربان نىياز بازارغا قايتىپ تاللا بازىرى ۋە دورىخانا ئاچتى. كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئۇزاق مەزگىل ئۇچرىشىش داۋامىدا، قۇربان نىياز شۇنى ھېس قىلدىكى، ئوكۇل سېلىش، دورا بېرىش ئارقىلىق بەدەندىكى كېسەل ئازابىنىلا تۈگەتكىلى بولىدۇ. يۇرتىدىكى خەلقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن جەزمەن ئىلغار مائارىپ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

قۇربان نىياز ئىچكىرى جايلاردا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى بىلەن يۇرتىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇش ئويىغا كەلدى.

«مەغلۇبىيەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇ ئىشەنچىمنى چىڭىتتى»

2003- يىلى، قۇربان نىياز ئۆزى يىغقان 600 مىڭ يۈەننى چىقىرىپ، ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇردى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغاندا، قۇربان نىياز بىر خەنزۇ مۇئەللىمنى باشلاپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ تەشۋىق قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا 80 ئوقۇغۇچىنى مەكتەپكە كىرىشكە جەلپ قىلدى.

كۈزلۈك ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى 1- سائەتلىك دەرستە، بالىلار خەنزۇ مۇئەللىمنىڭ بىر ئېغىز «ساۋاقداشلار ياخشىمۇسىلەر» دېگەن گېپىنى چۈشىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، دەرسخانا دەقىقىدىلا «قايناۋاتقان قازاندەك ۋاراقشىپ» كەتتى. قۇربان نىياز بۇ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشنى دەل بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، دەپ قارىدى.

مەكتەپ پۇقراۋى باشلانغۇچ مەكتەپ بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار مۇقىم ئەمەس ئىدى، ھەر مەۋسۇمدە دېگۈدەك ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، قۇربان نىياز ھەر تەرەپكە قاتراپ يېڭى مۇئەللىم قوبۇل قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى، گەرچە قىيىنچىلىق قاتمۇقات بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەكتەپ قۇرۇش ئىشەنچىدىن باشتىن- ئاخىر تەۋرەنمىدى. «مەغلۇبىيەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇ ئىشەنچىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى» دېدى قۇربان نىياز.

«ئۇلۇغ دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇ ئارزۇيۇمنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى»

«مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۇتۇڭخۇا ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن مۇئەللىملەرنىڭ دەرس ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، بالىلاردىن پۇتۇڭخۇادا سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلدىم. بۇنىڭ بىلەن، بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىلدى.» قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: ئىشنى پىنيىننى توغرا تەلەپپۇز قىلىشتىن باشلىغاندىن سىرت، مۇئەللىملەر يەنە بەدەن ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بالىلارغا ھەر بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلدۈردى، ھەرىكەتچان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى.

ئوقۇتۇش جەريانىدا، قۇربان نىياز ئىزچىل قانداق قىلىپ تىل ئۆگىنىش بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇ بالىلارنىڭ پائالىيەتچان بولۇشتەك تۇغما تەبىئىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەر بىر بالىغا بىردىن كۈەيبەن تارقىتىپ بېرىپ، «ئۈچ خەتلىك دەستۇر» «شاگىرتلار يوسۇنى»نى كۈەيبەننىڭ رىتىمىغا چۈشۈرۈپ ئوقۇتتى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئىگىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسى بۇ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، ياڭگىر ئۇسسۇلى، جىڭجۈي تىياتىرى، ئەرخۇ، گۇجېڭ، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىق دەرسلەر بالىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ زورايدى. ئوقۇقۇغۇچىلار ئەڭ دەسلەپكى 80 دىن كۆپىيىپ 700 دىن ئاشتى، ئوقۇتقۇچى تۆتتىن كۆپىيىپ 40 قا يەتتى، مەكتەپ تەربىيەلەش ئارقىلىق، جەمئىي توققۇز قاراردا 539 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى %80 بالا رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ئىچىدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجە بىلەن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتتى.

«مەكتەپ قۇرۇشتىكى مەقسىتىم بالىلارغا تىل ئۆگىتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ نۇرغۇن ئىلغار مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلىتىپ، ئۇلارنى سىرتقى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەگەرتىش ئۈچۈندۇر» دېدى قۇربان نىياز.

2016- يىلى، دۆلەت 17 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مەكتەپكە 8700 نەچچە كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمدىكى مەكتەپ ياتىقى سېلىپ بەردى، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك مالىيە ھەر يىلى مەكتەپنى 760 مىڭ يۈەن مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى.

«ئۇلۇغ دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇ ئارزۇيۇمنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. مەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپ قورۇسىدا يىلتىز تارتقۇزىمەن، يەنە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يېزا- كەنتلەرگە، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزىمەن» دېدى قۇربان نىياز.