باي ناھىيەسى: كەنتكە ئورنىتىلغان يول چىرىغى كېچە يولىنى «يورۇتتى»

日期:2019年08月23日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزگە يول چىرىغى ئورنىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتۇپلا قالماي، بىزنىڭ قەلبىمىزنىمۇ ئىللىتتى. ھازىر يول چىرىغى بولغاچقا، كەچتە يوللار يوپيورۇق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.» دېدى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، باي ناھىيەسى ياقائېرىق بازىرى چاقچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن.

يېقىندا، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى بىلەن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ كەنت قىياپىتىنى پائال ياخشىلاپ، ماسلاشتۇرۇپ مەبلەغ توپلاپ 58 قۇياش ئېنېرگىيىسى LED يول چىرىغىنى سېتىۋالدى. 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ، خىزمەت ئەترىتى چاقچى كەنتىدە ئومۇميۈزلۈك يورۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىر چوڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

«كەنتتە تۇرۇش كەنت ئاھالىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، كەنت ئاھالىلىرىنىغەمدىن خالاس قىلىشئۈچۈندۇر، يول چىراغلىرىنى يورۇتۇش قۇرۇلۇشى كەنتلەرنى يورۇتۇپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىنەپكە ئېرىشتۈردى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىتېخىمۇ ئاشتى.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ جىچاڭ.

يىراقتا، يورۇق چىراغ نۇرى كېچىدە ئۆيىگە قايتقان كەنت ئاھالىلىرىغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، يول چىراغلىرى يورىدى، كەنت ئاھالىلىرى كۈلدى.

(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن خۇرشىدە تەمىنلىگەن)