كۇچا ناھىيەسى: ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنى ياخشى ئۆگىنىپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش

日期:2019年08月23日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى، خىزمەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كۇچا ناھىيەسى 4-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭدۇڭچېڭ كوچا باشقارمىسى فۇياڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى فۇنكىسىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە كادىرلىرىغا كومپيۇتېر سىستېما ماھارىتىنى كۈچەيتىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

تەربىيەلەش مەزمۇنى ئاساسلىقى ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنى مۇستەھكەملەش مەشىقى ۋە يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى تېرمىنالىنى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار بولۇپ، سۈرەتنى بىر تەرەپ قىلىش، تەكشىلىك لايىھەلەش، سۈرەت بېتى ياساش، خەتنى تېز كىرگۈزۈش، سانلىق مەلۇمات جەدۋىلى تۈزەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېرىم ئايلىق تەربىيەلەش ئارقىلىق، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، يۇقىرى-تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە زور ياخشىلاندى، خىزمەت ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

مەھەللە كادىرى ئەركىن ئابلا خۇشاللىنارلىق ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ تەربىيەلەش بەكمۇ ئەمەلىي بولدى، مېنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيەرىم زور دەرىجىدە ئۆستى، خىزمەت ئۈنۈمىممۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا يۇقىرلىدى.»

«خىزمەت ئەترىتى مەھەللە كادىرلىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ۋاڭ يۇڭفۇ.

(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن شاڭ جۈنلىن، خوۋ بو تەمىنلىگەن)