شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى تارقاتتى

日期:2019年08月21日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 21:10 ئۆتكەندە قارا يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى تارقاتتى: سائەت 20دىن 21گىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەلىك ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە جام بازارلىق ھەق ئېلىش پونكىتىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر سائەتلىك يېغىن مىقدارى 38.1 ۋە 29.3 مىللىمېتىر بولغان، مۆلچەرلىنىشىچەكەلگۈسى ئۈچ سائەتتە بۇ رايوندا ھۆل-يېغىن يەنە داۋاملىشىدىكەن، تاغلىق رايوندىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر، كەلكۈن ۋە لاي-لاتقا ئېقىنى، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيىلىك ئاپەتلەر يۈز بېرىشىنىڭمېتېئورولوگىيە خەۋپى دەرىجىسى يۇقىرى بولىدىكەن، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.