باي ناھىيەسى: بالىلار بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىپ، ئورتاق تىلەك تىلىدى

日期:2019年07月15日
来源:天山网
【字体:

«بىللە تۇغۇلغان كۈن تورتى يەپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈش، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىق مۇھەببىتىنى تەڭ بايان قىلىش...» يېقىندا، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ باي ناھىيەسى ياقائېرىق بازىرى چاقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپبىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش بويىچە قوشماقلاشقان تۇغقىنى تۇلاقىز ياسىننىڭ بالىسى مۇنىرە تۇرسۇنغا تۇغۇلغان كۈن تورتى ئاپىرىپ بېرىپۋە بەخت تىلەپ، تۇغقانلىرىغا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىللىقلىقىنى، پارتىيەنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى.

خىزمەت ئەترىتىيېقىندا، چاقچى كەنتىدىكى بىر نەچچە بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلىپ، بالدۇرپىلانلاپ،مەززىلىك تورت ۋە يېمەك-ئىچمەك تەييارلىدى. تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىكۈنى كەچتە، مۇنىرە كەنتتىكى باشقابالىلار بىلەن تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ تاماق يېگەچ تورت شامىياندۇرۇپ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتتى. مەززىلىك تورت ئېغىزدىلا قالماي، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قەلبىنىمۇ شېرىن تۇيغۇغا چۆمدۈردى.

«بالىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن، ئۇلارنىڭ ساغلام، خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشمەن!» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ جىچياڭ.