مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
11-ئاينىڭ 19-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يۇڭنىڭ بازىرى شياچاخې كەنتىدە قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىسى چېن شىنپىڭ ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، شۇ كەنتتىكى پاتىگۈل ئەيسانىڭ ئۆيىگە بالدۇرلا كەلدى، ئىككىيلەن بىرلىكتە قاپاق ئۈزۈپ، سېۋەتكە قاچىلاپ، پوستىنى ئاقلاپ،داغلىما رەسىم سىزىلىدىغان كېيىنكى بىر تۈركۈم قاپاقنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.
چېن شىنپىڭ بۇ يىل 59 ياشقا كىردى. ئادەتتە، ئۇ پاتىگۈل بىلەن قويۇق بېرىش-كېلىش قىلىش جەريانىدا ئاچا-سىڭىللاردەك يېقىن بولۇپ كەتكەن ئىدى. «مەن ئىچ مىجەز، چېن ھەدەمنىڭ مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، شوخ، ئۇنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىنى تېپىۋالدىم» دېدى پاتىگۈل.
ۋاقىتنى 12 يىل ئىلگىرىگە قايتۇرايلى، چېن شىنپىڭ پاتىگۈلنىڭ ئائىلىسىگە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئارىيەت ئالغىلى بارغاندا، ئۇنىڭ ھويلىسىغا تېرىغان قاپاقلارنىڭ ھەم چوڭ، ھەم توق ئىكەنلىكىنى كۆردى، قاپاق داغلىما رەسىمى سىزىشقا ماھىر چېن شىنپىڭدا شۇ ھامان قىزىقىش پەيدا بولۇپ، دەرھاللا نەچچىنى سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئويلىمىغان يەردىن پاتىگۈل بىلەن ئېرى توختى ھوشۇر ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەنسۈپىتى ۋە شەكلى ئەڭ ياخشى قاپاقلارنى تاللاپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى، يەنە چېن شىنپىڭنى دائىم ئۆيىگە كېلىپ پاراڭلىشىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
چېن شىنپىڭ پاتىگۈل سوۋغا قىلغان قاپاقتىن قاپاق قول ھۈنەر بۇيۇمى ياسىدى. ئۇ داغلىما رەسىم سىزىلغانقاپاقتىن بىرنەچچىنىئېلىپ پاتىگۈلنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قاپاق بىلەنمۇ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«مەندەك ئائىلە ئايالىمۇ قىلالامدۇ؟ راستىنلا ئۆگەنگىلى بولامدۇ؟» پاتىگۈل ھاياجانلانغان ھالدا ئارقا-ئارقىدىن سوئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتى.
پاتىگۈل چېن شىنپىڭدىن قاپاق داغلىما رەسىمى سىزىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى قارار قىلدى. كەشتىچىلىك ھۈنەر ئاساسى بولغاچقا، ئۇ يېرىم يىلدىلا قاپاق داغلىما رەسىمى سىزىشتىكى ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلىۋالدى. «بىر قاپاق داغلىما رەسىمىسىزىشقا تەخمىنەن بىر كۈن كېتىدۇ، سېتىلىش باھاسى قاپاقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ياساشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ.» پاتىگۈل مۇنداق دېدى: بەزىلەر تاغ-دەريالارنى، بەزىلەر گۈل-گىياھ، قۇشلارنى، يەنە بەزىلەر ھايۋاناتلارنى ياخشى كۆرىدۇ، بىز خېرىدارلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان باش تېمىدىكى قاپاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساپ چىقىمىز.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، پاتىگۈلنىڭ تېخنىكىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. چېن شىنپىڭ ئۇنى كەشتىچىلىك جەھەتتىكى بەدىئىي قۇرۇلما ماھارىتىنى قاپاق داغلىما رەسىمى سىزىشقا ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
«مەن چېن ھەدىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇلى، كىيىم-كېچىكى، مەززىلىك تائاملىرى قاتارلىق ئامىللارنى سىڭدۈرۈپ داغماللاپ سىزىپ چىققان قاپاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرى بارغانسېرى كۆپلىگەن خېرىدارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.» پاتىگۈلنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىللاردا، ئۇ قاپاق داغلىما رەسىمى سىزىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە قاپاق ئاسقۇ،قاپاق ئاچقۇچ ئىلغۇچ، قاپاق غاڭزىسى، قاپاق نىقاپى ياساش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ، ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان.
توختى مۇنداق دېدى: «چېن ھەدە خوتۇنۇمغا قاپاق داغلىما رەسىمى سىزىشتېخنىكىسىنى ئۆگەتكەندىن باشقا، يەنە ئائىلىمىزنىڭ قوي سېتىشىغا ياردەملەشتى، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئەكىلىپبەردى، قىزىمغا ئوقۇش قوراللىرى ۋە يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ بەردى، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ناھىيە بازىرىدا خىزمەت قىلىدۇ، ھەر قېتىم كەنتكە قايتقاندا، بىزگە سوۋغات ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى ئائىلە كىشىلىرى يەنە بىرلىكتە يىغىلىپ تاماق يەپ، بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزىمىز، ئۆيىمىز ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ».
2021-يىلى، چېن شىنپىڭ قاپاق داغلىما رەسىمھۈنەرخانىسى ئېچىپ، 12 شاگىرت قوبۇل قىلدى. بۇلتۇر ئۇ يەنە پاتىگۈل بىلەن بىللە «ئاچا-سىڭىل گۈللەر» قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دۇكىنى ئېچىپ، مەخسۇس قاپاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللاندى.
«بۇ يىللاردا بىز ئۆزئارا ھەمراھ بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قارشى تەرەپنى ئۆز تۇغقىنىمىزدەك كۆردۇق.» چېن شىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىدا ئېشىنساملا، پاتىگۈل ئائىلىسىگە كۆپرەك ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئويلايمەن.
كەلگۈسىگە نىسبەتەن پاتىگۈلنىڭ قەلبى ئارزۇغا تولغان ئىدى، ئۇ مۇخبىرغا ئېرىنىڭباقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ دۇكاندا ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ئىككىسىنىڭھەر يىلى 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئېسىل مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قاپاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. كەنت ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىپ، قالتىس ياشىشىغا تۈرتكە بولىمىز»دېدى ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا.