ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو
«راۋابىم تولىمۇ ئېسىل، تارىسىنى مەن تارتقان؛ كېلىپ قالسا مېھمانلار، سايراپ كېتەر شادىمان...» 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى كەچتە، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىدا، لەرزان دۇتار ساداسى، جاراڭلىق نەي ئاۋازى بىلەن مۇڭلۇق راۋاب كۈيى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ۋايىغا يەتكەن ماھارەت بىلەن ئورۇنلانغان قويۇق پۇراققا ئىگە مۇزىكىدىكى ھەربىر مېلودىيەگە خۇددى سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز ھېكايە يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى.
رېپېتىتسىيە زالىغا كىرگەندە، سەبىي، ئەمما قايناق ھېسسىياتقا تولغان سەككىز ئۆسمۈر قولىدا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان چالغۇلارنى تۇتقان ھالدا ياكى بېشىنى تۆۋەن قىلىپ چالغۇلارنى يېنىك چالاتتى، ياكى بىر ـ بىرىگە قاراپ تەبەسسۇم قىلاتتى، ئەتراپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قويۇق ماسلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش كەيپىياتىغا تولغان بولۇپ، ئۇلار ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىسىنى ئورۇنلاۋاتاتتى. بۇ ئانار گۈلى مۇزىكا ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاران ئون ياش بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان بەش مىللەتتىن بولغان ئۆسمۈرلەردىن تەركىب تاپقانىدى. گەرچە قۇرۇلغىنىغا بىر يىل بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئورتاق قىزىقىش ئۇلارنىڭ قەلبىنى بىر ـ بىرىگە مەھكەم باغلىغانىدى.
«بالىلار مۇزىكىنى تېخىمۇ ياخشى چېلىش ئۈچۈن، ئاساسىي مۇزىكا نەزەرىيەسى بىلىملىرىنى ئىگىلىشى كېرەك.» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى − شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سازەندىسى ئەختەر ئەسقەر بۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىدا پىدائىي بولغان مەزگىلدە، ئەختەردە ياش ـ ئۆسمۈرلەر مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى. ئەختەر جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى مۇزىكا ئىجادىيىتى كەسپىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئىلگىرى بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونلۇق 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. «بېيجىڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، مەن شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن مۇزىكا ئەترىتى تەشكىللىگەن ھەم ئۇلارنىڭ شىنجاڭ مىللىي مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغانىدىم، بۇ كەچۈرمىشلەر مېنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مۇزىكىلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئىرادەمنى چىڭىتتى».
شىنجاڭغا قايتىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئەختەر دائىم شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىدا ئوقۇغۇچىلارغا چالغۇ چېلىشنى ئۆگەتتى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئۇ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇزىكا تالانتى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەنئەنىۋى مىللىي مۇزىكىلارغا ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىغا ياش ـ ئۆسمۈرلەر مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇش تەكلىپى بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي، «ئانار گۈلى» دەپ ئاتالغان بۇ مۇزىكا ئەترىتى رەسمىي قۇرۇلدى، بۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىققا سىمۋول قىلىنغان.
ئەختەرنىڭ كۆڭلىدە، مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە ئورۇنلاش ئۇسلۇبى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى تەڭكەش قىلىنىدىغان چالغۇلارنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن داڭلىق، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇلاردىن نەي، سۇناي، كامانچىلىق چالغۇلاردىن غېجەك، شۇنداقلا چەكمە چالغۇلاردىن تەمبۇر، دۇتار قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئومۇمىي سانى ئون خىلدىن ئاشىدۇ.» بۇنىڭدىن باشقا، مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولۇپ، ئۇلار يەنە ھەرقايسىسى ئۆز مىللىتىنىڭ چالغۇلىرىنى يۇغۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى بىرلىكتە ئورۇنلاپ، مۇزىكىغا كۆپ خىللىق بېغىشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىنى چېلىشقا ماھىر بىر توپ ئۆسمۈر مۇزىكىنىڭ تۈرتكىسىدە بىر يەرگە جەم بولدى. گەرچە دەسلەپتە بىر ـ بىرىگە ناتونۇش بولسىمۇ، لېكىن مۇزىكا خۇددى بىر شەكىلسىز كۆۋرۈككە ئوخشاش، ئاستا ـ ئاستا ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.
بۇ بىر توپ بالىلار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك بولغان جەۋلان ئالىمجان ئاران يەتتە ياشتا بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا شەرق دۇمبىقىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى. تۇنجى قېتىم بىرلىكتە ئورۇنلىغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ئۇنىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە ئىدى: «ئۇ چاغدا، بىزنىڭ ماسلىشىپ بىرلىككە كېلىشىمىز بەك تەسكە توختىدى، خۇددى تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان بىر توپ كىچىك قۇشتەك، بىرلىكتە ئۇچۇشقا ئۇرۇنغان بولساقمۇ، لېكىن ھەمكارلىشالماي، ھەركىم ئۆز ئالدىمىزغا چالغانىدۇق».
سازەندىلەرنىڭ يېشى كىچىك ھەم ھەمكارلىشىش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، ئەختەر ئەڭ ئاساسىي مۇزىكا نەزەرىيەسى بىلىملىرىدىن باشلاپ ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلدى، «مەن ئوقۇغۇچىلارغا نوتىنى قايتا ـ قايتا تونۇتتۇم، ئۇدار ۋە نوتا تونۇش ماھارىتىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم، ئاندىن چالغۇغا بىرلەشتۈرۈپ بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلدىم. بالىلار ناھايىتى تىرىشتى، ئۇلار بىرلىكتە ئورۇنلاش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان، ئوچۇق ـ يورۇق بولۇپ كەتتى».
سازەندىلەرنىڭ ماسلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە مەشىق ۋاقتى جەھەتتىكى خىرىسقا دۇچ كەلدى. بالىلار ئوخشاش بولمىغان مەكتەپتىن كەلگەچكە، بىرلىشىپ مەشىق قىلىش ۋاقتىنى ماسلاشتۇرۇش بىرقەدەر تەس ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەختەر ۋە بالىلار سىن ئارقىلىق خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى خاتىرىلىدى، ئاندىن ئەختەر ئىنچىكە باھالىدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، بالىلار شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىغا كېلىشكە كېلىشىپ، يۈزتۇرا بىرلىكتە مەشىق قىلدى. ئۇلار ھەپتە ئاخىرىدىكى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى رېپېتىتسىيە قىلىشقا سەرپ قىلدى، مەشىق ۋاقتى ھەر كۈنى تۆت سائەتتىن كەم بولمىدى، كۆپلەپ مەشىق قىلىش ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلەش نەتىجىسىدە بالىلار كۈندىن ـ كۈنگە ماسلاشتى. راۋاب چالىدىغان جوۋ مۇياڭ مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم كۆپچىلىك بىرلىكتە چېلىش پۇرسىتىنى ناھايىتى قەدىرلەيمىز، ئاستا ـ ئاستا بىز ھەتتا بىر ـ بىرىمىزگە قاراپلا، قانداق ۋاقىتتا ئۇلاپ چېلىشنى بىلەلەيدىغان بولدۇق، بۇنداق ماسلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىق تۇيغۇسى ھەقىقەتەن قالتىس بولىدىكەن».
ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، «ئانار گۈلى»مۇ ئېچىلىپ مېۋە بېرىدىغان پەيتنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل 8 ـ ئايدا، نىڭبودا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش ـ ئۆسمۈرلەر گۈزەللىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرىكى − 2024 ـ يىللىق «ئومۇمىي خەلق گۈزەللىك تەربىيەسى» ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئۇنىۋېرسال كۆرەك كۆرگەزمە پائالىيىتىدە، ئۇلار پىشقان ماھارىتى ۋە ياخشى ماسلىشىشى بىلەن، قايتىدىن رەتلەپ تەييارلىغان «شىنجاڭ ئون ئىككى مۇقامى»نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، مۇنەۋۋەر كۆرەك ئەسىرى دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. 10 ـ ئايدا ئۇلار يەنە تەكلىپ بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلىدىكى 2 ـ نۆۋەتلىك نومۇر تاللاشقا قاتناشتى، سەھنىدە، ئۇلار يەنە بىر قېتىم قالتىس ئىپادىسى بىلەن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ۋە باھالىغۇچىلارنى قايىل قىلدى، ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك تەرىپلەش ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى.
«مۇزىكا ئەترىتىمىزدىكى سەككىز سازەندىنىڭ ھەممىسى كۆپ خىل ماھارەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ھەربىرى ئىككى خىلدىن ئارتۇق چالغۇنى چالالايدۇ.» ئەختەر بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلاندى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ خىل چالغۇنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ مول، رەڭدار ئەنئەنىۋى مىللىي مۇزىكىلارنى ئورۇنلاشنى پىلانلىدى، «بىز تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ مۇزىكا ئەترىتىگە قاتنىشىشىنى، ئانار گۈلىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، تېخىمۇ كۆزنى قاماشتۇرۇپ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».