مۇنەۋۋەر ئېلى:
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغىرىدىغان باغۋەن
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ
«مەيلى قانداق ۋاقىتتا مۇئەللىمگە تېلېفون قىلساق، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن تېلېفوننى ئالىدۇ.» «ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا قانداق قىيىنچىلىقىمىز بولسا، مۇئەللىمنى ئىزدىسەكلا، ئۇ ھەمىشە ئامال قىلىپ بىزگە ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ.»… ئوقۇغۇچىلار دەۋاتقان بۇ ئوقۇتقۇچى، نىڭبو كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يېتەكچىسى مۇنەۋۋەر ئېلى بولۇپ، ئۇ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە ساھەسىدە ئون نەچچە يىل چوڭقۇر ئىزدىنىپ، كۆپ تۈردە دۆلەت دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشكەن كۆزگە كۆرۈنگەن يېتەكچى. بۇ يىل، مۇنەۋۋەر شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
2006 - يىلى، 20 ياشلىق مۇنەۋۋەر يوپۇغا ناھىيەسىدىن نىڭبو داشۆگە ئوقۇشقا كەلگەن بولۇپ، جېجياڭغا يېڭىلا كەلگەن نۇرغۇن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، تىل ئالاقە قاتارلىق قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، ئۇ بىر مەزگىل بەل قويۇۋەتمەكچى بولغانىدى. «مېنىڭ ئەينى چاغدىكى يېتەكچىم بۇنى كۆرۈپ ئىچى تىتىلداپ، دەم ئالغان چاغلاردا مېنى باشلاپ شۇ جاينىڭ يېزا ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ماڭا تۇغقانلاردەك ئىللىقلىقنى يەتكۈزدى.» شۇنىڭدىن باشلاپ، مۇنەۋۋەردە بۇ ئىللىقلىقنى تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياقا يۇرتلۇقلارنى جېجياڭغا سىڭىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئويى پەيدا بولدى. نىڭبونى بارغانسېرى چۈشىنىشكە ئەگىشىپ، ئۇ ئاستا - ئاستا بۇ شەھەرنى ياقتۇرۇپ قالدى.
2011 - يىلى، نىڭبو كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى بىر يېتەكچى تەكلىپ قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە، نىڭبوغا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە ياردەم بەرمەكچى بولدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مۇنەۋۋەر بىرىنچى ۋاقىتتا تىزىملاتتى. «نىڭبو ماڭا ئىللىقلىق بېغىشلىدى، مەنمۇ كۈچۈمنى ئايىماي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىڭبوغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە، بۇ جايدا تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىشنى ئويلىدىم» دېدى ئۇ.
گەرچە مەكتەپنىڭ يېتەكچىسى بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئۇنى «مۇنەۋۋەر ھەدە» دەپ چاقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.
«مەن گاڭگىراپ قالغان چاغلاردا، مۇنەۋۋەر ھەدەم ماڭا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مۇنەۋۋەر ھەدەم ئىللىق سۆزلىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، مېنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىپ بەردى» ئوقۇغۇچى مۇتەللىپ مەتتۇردى مۇنداق دېدى: مۇنەۋۋەر مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم بولۇپلا قالماي، يەنە دوستۇم، بىر ئائىلە كىشىم.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىللە، مۇنەۋۋەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى مەكتەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېڭى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.
مۇنەۋۋەر جېجياڭ ئۆلكىسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە مېغىزلىق سۆزلەش» دەرسى تەسىس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئادەم تەربىيەلەش دەرسخانىسى» «لەنمو بۇلۇت سىنىپى دەرسى» بۇلۇت تېرمىنالى مىكرو دەرسخانىسىدىن پايدىلىنىپ، توردا تەربىيەلەش دەرسلىكىنى يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى جانلىق، قىزىقارلىق ئۆتتى.
«مۇنەۋۋەر مۇئەللىمنىڭ دەرسى ھەمىشە كىشىنى بەك جەلپ قىلىدۇ، ئۇ بىزگە بىلىم ئۆگىتىپلا قالماي، بىزگە قانداق ئادەم بولۇشنى، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا قانداق ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئۆگەتتى» دېدى ئوقۇغۇچى نىمان سەيرېن.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، مۇنەۋۋەر يېتىشتۈرگەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار نەزەرىيە تەشۋىقاتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان «جەڭگىۋار قوشۇن»غا ئايلاندى.
«ھەربىر ئانارنىڭ دانىسىنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەممە جايدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمىز.» مۇنەۋۋەر مەۋقەنى ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىگە قويۇپ، جەمئىيەتتىكى مۇنبەت تۇپراققا نەزەر سېلىپ، باشتىن - ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سۇغاردى.
دەرسخانىدىكى ئىدىيەۋى تەربىيە دەرسىدىن باشقا، مۇنەۋۋەر يەنە ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزئارا گىرەلەشكەن ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، دەرسلىكتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەۋى تەربىيەسىنى مەكتەپ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭدۇردى.
«بۇ جايدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەبئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتى بار، كۆپچىلىكنىڭ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز!» ئوقۇغۇچىلار توپلىشىدىغان سودا رايونىدا «ئانار قىزاردى. مۇنەۋۋەر خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيەت ئۆتىڭى» نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى جەلپ قىلدى، مەدەنىيەت ئۆتىڭىدىكى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش، خەلق ئۆرپ - ئادىتىدىن زوقلىنىش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۈزۈلدۈرمەي قانات يايدۇرۇلدى، پائالىيەتتە، ئوقۇغۇچىلار جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
2017 - يىلى مۇنەۋۋەر «مۇنەۋۋەر خىزمەت ئىشخانىسى» قۇردى. خىزمەت ئىشخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ كوللېكتىپ ئىشلەمچىلەر بىرقەدەر مەركەزلەشكەن كارخانا، مەھەللە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، 1000غا يېقىن ئىشلەمچىنىڭ شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈچ قوشتى.
«ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ئەسلىي مەقسىتىم دەل ئۇلارنى زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشقا يېتەكلەش» دېدى مۇنەۋۋەر.