ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
«مەھەللە مۇھىتىنى تۈزەش، ئۆي ـ جاي مۇلازىمىتى، كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە قارىتا پارتىيەلىك يولداشلارنىڭ ياخشى تەكلىپ ۋە پىكىرلىرى بارمۇ؟» كورلا شەھىرى چاۋياڭ كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ «پارتىيە ئەزاسى مەركىزىي ئائىلىلىرى بىرلەشمە يىغىنى»دا، بۇ مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئەزاسى، 1 ـ دائىرە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تەن پېيپېينىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، ئەڭ ئاخىرقى رەتتە ئولتۇرغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى شياڭ چىڭخۇي ئېغىز ئاچتى: «مەن دەپ باقاي، ئالدى دەرۋازىدا دائىم ئاپتوموبىللار قالايمىقان توختىۋالىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىپ ـ چىقىشى بەك قولايسىز بولۇۋاتىدۇ...»
تەن پېيپېي ئەستايىدىل ئاڭلىغاچ، دەپتىرىگە خاتىرىلىۋالدى. «بىز ۋىيشىن توپىدا كۆپچىلىككە ئاپتوموبىللارنى قالايمىقان توختىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆي ـ جاي تارمىقىنى نازارەتچىلىكنى ياخشى قىلىشقا بۇيرۇيمىز...»
بۇ، 9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر بۇ مەھەللىنىڭ ئانار ئۆزى ئىدارە قىلىش كېڭىشىش پونكىتىدا كۆرگەن كۆرۈنۈش. يىغىندا، ئون نەچچە پارتىيە ئەزاسى مەركىزىي ئائىلىسىدىكىلەر كەڭ ـ كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان لىفىت يوشۇرۇن خەۋپى، يول چىرىغى كاشىلىسى، سۇ تۇرۇبىسىنىڭ كونىراپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، تەن پېيپېي بىرمۇبىر خاتىرىلىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يىغىندىن كېيىن بۇ مەسىلىلەرنى يىغىنچاقلاپ، ئالاقىدار تارماقلارنى تېزدىن ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىمىز.
ئىتتىپاق مەھەللىسى 2003 ـ يىلى 3 ـ ئايدا قۇرۇلغان. خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى... ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 7000 كىشى بولغان ئىتتىپاق مەھەللىسىدە ھەر مىللەت خەلق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدۇ. «مەھەللىمىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، <مەھەللە پارتىيە كومىتېتى ـ دائىرە پارتىيە ياچېيكىسى ـ بىنا پارتىيە گۇرۇپپىسى ـ پارتىيە ئەزالىرى مەركىزىي ئائىلىسى>دىن ئىبارەت تەشكىلىي سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى مەركىزىي ئائىلىسى بىرلەشمە يىغىنىنى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئاچتۇق، زۆرۈرىيىتى بولغاندا ھەر ۋاقىت ئاچتۇق.» ئىتتىپاق مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ جۇڭخۇي مۇنداق دېدى: ھەربىر پارتىيە ئەزاسى مەركىزىي ئائىلىسى ئەتراپىدىكى 15تىن 20گىچە بولغان ئائىلىدىكى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ، پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى» سېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، مەھەللىنى تېخىمۇ ئىناق قىلدۇق.
«ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشتا سىزگە تايىنىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئايرىلمايمىز...» ئانار ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش بويىچە كېڭىشىش پونكىتىدىن چىققىنىمىزدا، جاراڭلىق ناخشا ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ مەھەللە مەيدانىغا كەلگىنىمىزدە، ئويۇن قويۇش كىيىمى كىيگەن بىر توپ مەھەللە ئاھالىلىرى ئاكاردىيون، داپ، تەمبۇر، دۇتار، ئىسكىرىپكا، راۋاب قاتارلىق چالغۇلارنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى بەس ـ بەستە كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلغانىدى.
«بايا ئېيتقىنىمىز ئانار دانىسى سەنئەت ئۆمىكىمىزنىڭ <ئانار گۈلى ئۆزگىچە پورەكلەپ ئېچىلدى> ناملىق ئۆمەك ناخشىسى، ناخشىچى جىن باۋچاڭ بۇ ناخشىنىڭ سۆزى ۋە مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى.» ئانار دانىسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ 74 ياشلىق ئۆمەك باشلىقى قادىر قېيۇمنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، تېتىك. ئۇ كىچىكىدىن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، 2018 ـ يىلى 3 ـ ئايدا مەھەللىدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەتكە قىزىقىدىغان ئاھالىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ سەنئەت ئۆمىكىنى تەشكىللەپ قۇردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 70 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى قاتارلىقلارنى ناخشا، مۇزىكىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ھەمدە گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان مەدھىيەسىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئىپادىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ شۇ جايدا خېلى نامى بار، ئۇلار شۇ مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە ئويۇن قويۇپ بېرىپلا قالماي، يەنە دائىم تەكلىپ بىلەن باشقا كوچا باشقارمىسى، مەھەللە، يېزا ـ بازار قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئويۇن قويۇپ، كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئىتتىپاق مەھەللىسىدە نۇرغۇن كونا ئاھالىلەر بار، ناھايىتى كۆپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى بارلىققا كەلگەن. قادىر پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى ناخشا ساداسى ئارقىلىق تەشۋىق قىلغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس. ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن ۋاڭ شياۋباۋ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ تۇغقان بولۇپ، 20 نەچچە ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئۆزئارا بېرىش ـ كېلىش قىلغانلىق ھىكايىسى مەھەللىدە تىللاردا داستان بولۇپ تارقالدى. يۈ جۇڭخۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: مەھەللىمىز قادىر ۋە ۋاڭ شياۋباۋنىڭكىگە ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تىپىك ئىش ئىزلارنى پائال قېزىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق ـ تەربىيە كارىدورى بەرپا قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى» كىچىك ھويلىسى قۇرۇپ، «ئانار گۈلى ئۆزگىچە پورەكلەپ ئېچىلدى، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش ھېسسىياتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ» ئانار رىشتى . ئىتتىپاق مەھەللىسى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈشكە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا يېتەكلىدى.
بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىدا مەھەللىدە قانات يايدۇرۇلغان قوشنىلار بايرىمى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئەسلىگەندە، بۇ پائالىيەت مەھەللە ئاھالىسى مارىيە ئەبەيدۇلنىڭ ھېلىمۇ يادىدا. تېخىمۇ كۆپ ئاھالىگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ مەھەللە «ئاي تولغان جۇڭچيۇ، مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا − جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «بىز بىرلىكتە يۆبىڭ تەييارلىدۇق، بەزىلەر خېمىر يۇغۇردى، بەزىلەر قىيما سالدى، بەزىلەر قېلىپقا سالدى، بەزىلەر قېلىپتىن ئالدى، يەنە ناخشا ـ ئۇسسۇل نومۇرلىرى ۋە قىزىقارلىق پانۇس تېپىشمىقى تېپىش ئويۇنلىرى بار بولۇپ، كۆپچىلىك بەك خۇشال بولدى» دېدى مارىيە.
كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشكە تايىنىپ، «كىچىكلىرىنى چېقىۋېتىپ، چوڭلىرىنى سېلىش»نى يولغا قويۇپ، مەھەللىلەر ئارىسىدىكى قورشاۋ تامنى چېقىپ، كۆپ مىللەت ئامما ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان مەھەللە قۇرۇش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى پۇرسەت بىلىپ، 100 ئائىلىلىك زىياپەت، كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئاھالىلەرنىڭ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ سەھنىسىگە تايىنىپ، قوشنىلار ئارا مېھىر ـ مۇھەببەتنى يۇغۇرۇش ھېكايىسىنى بىرلىكتە ئاڭلاش، مېھىر ـ مۇھەببەتنى يۇغۇرۇش ئۇسسۇلىنى بىرلىكتە ئويناش، مېھىر ـ مۇھەببەتنى يۇغۇرۇش ناخشىسىنى بىرلىكتە ئېيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى يارىتىش... بىر قاتار تەدبىرلەر مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«بىز ھەر مىللەت ئامما ئويلاۋاتقان، كۈتۈۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا زىچ يېقىنلىشىپ، مەھەللىنى كىشىلەر توپلىشىپ ھارارەتكە تولغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى چوڭقۇر، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش دەل جايىدا بولغان، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان <ئانار دانىسىدەك ماكان> قىلىپ قۇرۇپ چىقتۇق» دېدى كورلا شەھىرى چاۋياڭ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دۇ يەن.