ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | ئۇ پۈتۈن مەھەللىنىڭ «باشقۇرغۇچى»سى

日期:2024年09月09日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

«ۋېن تاغا، سىز ئۈرۈمچىدە قانچىلىك ۋاقىت تۇرىسىز؟ قايتىپ كەلگەندە چوقۇم ئۆيگە كېلىڭ، مەن يەنە مومامغا دەپ سىزگە ساڭزا ۋە پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرغۇزۇپ تۇراي.» 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، ۋېن خەيبو ئايروپىلاندىن چۈشۈشىگە دىلنۇر ئىمىننىڭ تېلېفونىنى ئالدى.

ۋېن خەيبو ئاتۇش شەھىرى گۇاڭمىڭ كوچا باشقارمىسى قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى. 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇ ئۈرۈمچىگە تەربىيەلىنىشكە بارىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى، گەرچە بىر ئايدىن كۆپرەكلا ۋاقىت بولسىمۇ، مەھەللە ئاھالىسى دىلنۇرنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى.

2022-يىلى، 33 ياشلىق ۋېن خەيبو قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسىگە كېلىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى، ئۇ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، مەھەللە ئاھالىسى مەمەت يۈسۈپ بىلەن خوتۇنىنىڭ ئۆيىدە ئۇزاقتۇرالمايدىغانلىقىنى، ياشىنىپ قالغان ئانىسى ۋە دىلنۇر قاتارلىق ئۈچ بالىنىڭ ھالىدىن مەمەتنىڭ قېيىنئانىسىنىڭ خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى. ۋېن خەيبو ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن تۇغقانلىشىپ، بۇ ئائىلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى قارار قىلدى.

مەمەتنىڭ ئۆيىدىكى ئىككى ئاغرىق ئۇزاق مۇددەت دورا يىيىشكە ئېھتىياجلىق ئىدى، ۋېن خەيبو ئۇلارغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە ئېغىر كېسەللىك قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى. ئادەتتە ۋېن خەيبو دائىم ئۇلارغا گۈرۈچ، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بېرەتتى، دىلنۇر قاتارلىق بالىلار ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا قىيىن مەسىلىگە ئۇچرىسا مەھەللىگە كېلىپ ۋېن خەيبونى ئىزدەيتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇلار خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان بولدى.

بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان مەمەت ۋېن خەيبوغا ئالايىتەن تېلېفون قىلىپ: «گەرچە بىز بالىلار ۋە ئاتا-ئانىمىزنىڭ يېنىدا بولمىساقمۇ، پارتىيە ئەۋەتكەن ياخشى كادىر بار ئىكەن، مەن خاتىرجەم بولدۇم» دېدى.


ئاتۇش شەھىرى گۇاڭمىڭ كوچا باشقارمىسى قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسىدىكى بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىدە، ۋېن خەيبو(سولدا) ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىمەكتە(ماتېرىيال سۈرەت).

سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسىدە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىن 679ىبار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %13ىنىئىگىلەيدۇ. يان تېلېفوندىن چاتاق چىقىش، ئۆيدە سۇ توختاپ قېلىش، ئاچقۇچى ئۆيدە قېلىش... ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدا دائىم ئۇنداق ياكى مۇنداق كىچىك ئىشلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ھەر قېتىم مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇلار ۋېن خەيبوغا تېلېفون قىلىشنى تاللايدۇ. ۋېن خەيبومۇ بۇ ياشانغانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي، ھەمىشە ۋاقتىدا يېتىپ بارىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ۋېن خەيبونى پۈتۈن مەھەللىنىڭ «باشقۇرغۇچى»سى دېيىشىدۇ.

ۋېن خەيبو ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ بىر ئورتاق مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى: نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايتتى.

بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، ۋېن خەيبو مەھەللە كادىرلىرىنى باشلاپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى، يەنە مەخسۇس «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كارتىسى» ياساپ، ئۇنىڭغا ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلارنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە مەھەللە نۆۋەتچىلىك تېلېفون نومۇرىنىباستى، ياشانغانلار ھەل قىلالمىغان مەسىلىگە يولۇققان ھامان، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىغان بولدى.

پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى يەنە ياشانغانلارنىڭ كىچىك ئارزۇسىنى چۆرىدەپ، «پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى يالغۇز قالغانلارغا يەتكۈزۈش» پارتىيە قۇرۇلۇشى مىكرو ماركىسىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىپ، قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسىنىڭئۆيگە كىرىپ قاراپ بېقىش، ئادەتتىكى ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىش، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش، سالامەتلىكىنىتەكشۈرۈش، تازىلىق قىلىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىدىن ئىبارەت«ئالتىنى بىرلەشتۈرۈش» پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردى.

بۇ يىل 5-ئايدا، ۋېن خەيبو ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۇرۇلغان بىر تېلېفوننى قوبۇل قىلدى، مەھەللىدىكى 80 ياشلىق مەمەيلىخان ئىسمائىل 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغانىدى، لېكىن ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەچكە، ماتېرىيالنىتولۇق تەييارلىيالماي قالغانىدى.ۋېن خەيبو كونكرېت ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، تەييارلاشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارنى مەخسۇس تىزىملىك قىلىپ تۈزۈپ، مەمەيلىخان بىلەن بىللە ماتېرىيال تولۇقلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، مەمەيلىخان تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ئالدى، ئۇنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

بۇ ئىش ۋېن خەيبوغا خىزمەتنى ئالدىن ئىشلەشنى ئەسكەرتتى، ۋېن خەيبو مەھەللە كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، 80 ياشقا كىرىش ئالدىدا تۇرغان ياشانغانلارنىڭ تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىپ، ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىشقا تېگىشلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، ھەر بىر ياشانغان كىشىگە تارقىتىپ بەردى، يەنە بۇ ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىرلىكتە ماتېرىيال تەييارلاتقۇزدى. شۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلۇش يولى مەھەللىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىشى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.

«مەھەللە ئاھالىلەرنىڭ چوڭ ئائىلىسى، پەقەت ئائىلىدىكىلەرنى كۆڭۈلگە پۈككەندىلا ئاندىن مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى، مەھەللىنى مېھىر-مۇھەببەتكە تولدۇرغىلى بولىدۇ» دېدى ۋېن خەيبو.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى