بۇ يەردە ھەربىر ئادەم ئانارنىڭ بىر دانىسى

日期:2024年08月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى خەن جىن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى دېڭباڭ

شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئاقسۇ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تۇمشۇق چېگرا ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە ساقچى ياردەمچىلىرىتىلغا ئېلىنسىلا، ئاھالىلەر ئۇلارنى يېقىشلىق ھالدا «يىراقنى يېقىن قىلغۇچىلار» «ئىش بېجىرگۈچىلەر» دەپ ئاتىشىدۇ.

«ئەگەر جاڭ ئاكام بولمىغان بولسا، مەن ئىشنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى راستىنلا بىلمەيتتىم». ئاھالە تۇرغۇن تۇنىيازنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ، ئاچچىقىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ھەمدە ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى پۈتۈنلەي قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەن.

ئۆيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تۇرغۇن تۇمشۇق چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جاڭ چياڭۋېينى ئىزدەپ ياردەم سورىدى. ئىككىيلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا جاڭ چياڭۋېي بىنورماللىقنى بايقاپ، تۇرغۇنغا توختىماي تەسەللى بەردى ھەمدە ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى سورىدى.

ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلگەندىن كېيىن، جاڭ چياڭۋېي ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويماي، ئەكسىچە ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بىر سائەتتىن ئارتۇق سىردىشىش ئارقىلىق تۇرغۇن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، جاڭ چياڭۋېينىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى ھەمدە ئاتا-ئانىسىدىن كەچۈرۈم سورىدى.

شۇ ئىشتىن كېيىن، جاڭ چياڭۋېي يەنە ئىش كۈتۈپ تۇرغان تۇرغۇنغا خىزمەت تونۇشتۇردى. شۇ چاغدىن باشلاپ تۇرغۇن ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن ئاكا دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

«بىز ئاھالىلەرنى ئۆز تۇغقىنىمىزدەك كۆرسەك، ئۇلار ئاندىن بىزگە ئىشىنىدۇ»، دېدى جاڭ چياڭۋېي.

تۇمشۇق چېگرا ساقچىخانىسىدا ھەر بىر خەلق ساقچىسى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان ئالاقىگە دائىر بىر قانچەھېكايىنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.

«بۇ ئىشنى ئىككى يىل ئاۋۋالقى چاغلاردىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ»، داشۆ ئوقۇغۇچىسى رەھىمەئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم بۇ كەچۈرمىشنى ئەسلىگىنىمدە كۆزۈمگە ياش ئالىمەن.

رەھىمەنىڭ دادىسى يىل بويى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، ئۆيىدە ئانىسى بىلەن سىڭلىسىلا بار ئىدى. رەھىمە بارا-بارا ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق زىيارەت قىلىشى بىلەن ئۆزگەردى.

2022-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، خەلق ساقچىسى ۋۇ پېڭشياڭ رەھىمەنىڭ ئۆيىدە زىيارەتتە بولغاندا، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئارقىدىن ئۇ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن رەھىمە بىلەن پاراڭلاشقان ئىدى، رەھىمە دەسلەپتىكى قارشىلىشىشتىن، ئاستا-ئاستا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ، ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئېيتالايدىغان بولدى.

«بىز ئىزچىل باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ئىچىدە ياشىساق بولمايدۇ». ۋۇ پېڭشياڭ رەھىمەگە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشنى ئۆگىنىشنى ئېيتتى. ۋۇ پېڭشياڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن رەھىمە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تېپىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشكە باشلىدى. تۇرمۇشتا باش قېتىنچىلىققايولۇققاندا، ئۇ ۋۇ پېڭشياڭ بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولدى، مىجەزىمۇ بارا-بارا ئوچۇق-يورۇق بولۇپ كەتتى.

ۋۇ پېڭشياڭنىڭ ياردىمىدە رەھىمەنىڭ نەتىجىسى تېزئۆرلەپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆڭۈلدىكىدەك نومۇر ئالدى. نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋۇ پېڭشياڭ يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ بەردى.

«گەرچە دادام ئۆيدە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ماڭا دادامدەك ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، مېنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇردى»، دېدى رەھىمە.

ئەمەلىيەتتە، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۆز كۆڭلىدەك چۈشەنگەنلىك، كۆپ ئاڭلاپ، كۆپ سوراپ، كۆپ قاترىساقلا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيمىز»، دېدى ۋۇ پېڭشياڭ.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، تۇمشۇق چېگرا ساقچىخانىسى يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى باشتىن-ئاخىر ئەمەلدە كۆرسىتىپ،چىن قەلب، چىن ھېسسىياتبىلەن ماجىرانى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئىناق ئۆتىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى.

«ھېلىمۇ ياخشى ئۇ بار ئىكەن، بولمىسا مەن راستىنلا ۋاز كېچەتتىم». ئاھالە ئېرپان مەخمۇت مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، مەن قىز دوستۇم بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئالدىم ھەم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى بېكىتتىم. بۇ ئەسلىدە بىر بەختلىك ئىش ئىدى، لېكىن كۈتۈلمىگەن ئىش يۈزبەردى. بەختلىك مىنۇتلاردىن ھەمبەھرىلىنىش ئۈچۈن، مەن ئۆيلىنىش خېتى ئالغان نەق مەيداندا سۈرەتكە ئالغان سىن كۆرۈنۈشىنى قىسقا سىن سۇپىسىدا ئېلان قىلدىم، بەزىلەر بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، قىز دوستۇمنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن يامان گەپلەرنى قىلىشنى ئويلىمىغان ئىدىم.

«بولغۇسى ئايالىم بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ناھايىتى خاپا بولۇپ، نېمىلا دېسەممۇ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى خالىمىدى». ئېرپان مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ شۇ سەۋەبتىن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالدۇق، كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم ۋاقىتتا تەۋەلىكتىكى خەلق ساقچىسى ۋاڭ يۇڭشۈ ئېسىمگە كەلدى.

ۋاڭ يۇڭشۈ ئېرپاننىڭ ئۆتمۈشىنى بىر قەدەر پىششىق بىلەتتى، ئۇنىڭ ئەخلاقىنىمۇ ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى، ئۇ بۇ ئىشنى چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن، ۋاڭ يۇڭشۈ ئېرپاننىڭ قىز دوستى بىلەن پاراڭلاشتى ھەمدە ئۇنىڭغا كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدىكى ئېرپاننىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

«كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى ناھايىتى ياخشى يىگىت، ئاددىي-ساددا، قابىلىيەتلىك، جاپاغا چىدايدىغان يىگىت دەپ قارايدۇ، سىز نېمىشقا باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ توي مۇراسىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىسىز؟» ۋاڭ يۇڭشۈنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئېرپاننىڭ قىز دوستى ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئاخىرى ئىككىيلەن يارىشىپ قالدى.

«ئۇ ماڭا ئۆز قېرىندىشىمدەكلا شەرتسىز ياردەم قىلدى!» دېدى ئېرپان كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا.

تۇمشۇق چېگرا ساقچىخانىسىدا بۇنىڭدەك كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان كىچك ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ، خەلق ساقچىلىرى ۋە ساقچى ياردەمچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ كەلمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى