ساقچىلارنىڭ ياردىمىدە، يۈ ئېريۈن ئەر ـ خوتۇن (سولدىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى كىشى) ئىبراھىم توختىنى تاپتى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى شىنئەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى گۇ شۆلى ئىختىيارىي مۇخبىر لى شىنئەن
«ساقچى يولداش، شەپقەتچىمىزنى تېپىشىپ بېرەلەمسىز؟»5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت 17دە، ئەر-خوتۇن بوۋاي - موماي ئوغلى ۋە كېلىنىنىڭ ھەمراھلىقىدا لوپنۇر ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى گۈلباغ ساقچىخانىسىغا بېرىپ ياردەم سورىدى، ئۇلار،54 يىل ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلغان ئابدۇراخمان كېرەم بىلەن ئىبراھىم توختىنى ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى.
85 ياشلىق بوۋاي يۈ ئېريۈن ساقچىخانا باشلىقى چيەن خۇاچاۋغا 50 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ گۈلباغ يېزىسىنىڭ خادادۆڭ كەنتىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىق كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بېرىپ، شەپقەتچىسىنى تېپىشقا تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
1970-يىلى ئەتىيازدا، يۈ ئېريۈن خوتۇن ـ بالىلىرىنى ئېلىپ يۇرتىدىن ئايرىلىپ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسىغا ئىشلىگىلى كەلدى. ئەر - خوتۇن ئىككەيلەنگەن ناتونۇش ھېسابلىنىدىغان بۇ جايدا،ئۈچ بالىسى بار ئۇلار ئۈچۈن يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇشىنىڭ ھەممىسى بىر مەسىلە ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان پەيتتە خادادۆڭ كەنتىنىڭ سابىق كادىرى ئابدۇراخمان بىلەن ئىبراھىم بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلدى.
«ئەينى ۋاقىتتا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، ئابدۇراخمان ئۆزىنىڭ بوش قالغان كونا ئۆيىنى بىزگە بوشىتىپ بەردى. ئەينى ۋاقىتتا كىچىك ئوغلۇم ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق مەزگىل ئىدى، ئابدۇراخمان بىلەن ئىبراھىمنىڭ ئۆيىدە سېغىن كالا بار ئىدى، كۈنلىرىمىزنىڭ تولىمۇ جاپالىق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بۇ ئىككىيلەن نۆۋەتلىشىپ بىزگە سۈت، كۆكتات ئەكىلىپ بەردى. ئايالىمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلار يەنە بىزنىڭ كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئەمگىكىگە قاتنىشىش ۋاقتىمىزنى ئازايتىپ بېرىپ، ھاياتىمىزدىكى ئەڭ جاپالىق ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈشىمىزگە ياردەم بەردى»، يۈ ئېريۈن ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىدە يەنىلا ئىنتايىن ھاياجانلىناتتى.
يۈ ئېريۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى خادادۆڭ كەنتىدە تەخمىنەن ئىككى يېرىم يىل تۇرمۇش كەچۈردى، تۇرمۇشىمۇ خېلى ياخشىلىنىپ قالدى، كېيىن بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئالاقىلىشىش قورالى بولمىغاچقا، قاتناشمۇ تەرەققىي قىلمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئائىلە كىشىلىرى تىرىكچىلىك ئۈچۈن توختىماي پايپېتەك بولۇپ يۈرگەچكە، ئۇنىڭ كەنتتىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بارا - بارا ئۈزۈلۈپ قالدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كەنتكە قايتىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئويى يۈ ئېريۈن بىلەن خوتۇنى شياۋ شيۇيىڭنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى.
يۈ ئېريۈننىڭ كىچىك ئوغلى يۈ بىن خەلق ساقچىسىغا مۇنداق دېدى: «دادام دائىم تامدىكى خەرىتىگە قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالىدۇ، ئۇمۇ دائىم بىزگە 1970 - يىلى لوپنۇر ناھىيەسىدە ياشىغان ۋاقىتتىكى ئاشۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ئۇ نۇرغۇن قېتىم لوپنۇر ناھىيەسىگە كېلىپ شەپقەتچىسىنى ئىزدىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئارىلىق بەك يىراق بولغاچقا، بىز ياشىنىپ قالغان ئادەم سىرتقا چىقسا ئانچە بىخەتەر ئەمەس، دەپ ئويلاپ، ئۇنى كەلگىلى قويمىغانىدۇق».
بۇ قېتىم «1-ماي»لىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ، يۈ بىن ئاتا ئانىسى بىلەن بىللە، دادىسىنىڭ خاتىرىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئورۇننى بويلاپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ يول بويى ئىزدەپ، گۈلباغ يېزىسىغا باردى. ھالبۇكى، ئارىدىن 54 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا، يېزىدا زور ئۆزگىرىش بولغانىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى نەچچە قېتىم ئىزدەپمۇ ئەينى يىللاردىكى تۇرالغۇسى ۋە تونۇش كىشىلەرنى تاپالمىغاچقا، ئاندىن ساقچىخانىغا كەلدى.
چيەن خۇاچاۋ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يېرىم ئەسىردىن ھالقىغان بۇ تەسىرلىك ھېكايىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ شەپقەتچىسىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن، ئوخشاش ئىسىملىكلەر كۆپ، ئىزدەش ھەقىقەتەن قىيىن بولسىمۇ، لېكىن خەلق ساقچىلىرى ۋاز كەچمىدى. شۇ كۈنى ئۇلار زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سۈرۈشتۈرۈشئارقىلىق خادادۆڭ كەنتىنىڭ سابىق كەنت كادىرى ئابدۇراخمان بىلەن ئىبراھىمغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى تاپماقچى بولدى.
ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، خەلق ساقچىلىرى ئاخىرى ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تاپتى. شۇ ھامان يۈ ئېريۈن بىر ئائىلە كىشىلىرىنى باشلاپ «تۇغقان يوقلاش»قا باردى.
يۈ ئېريۈن (ئوتتۇرىدا) ئەر - خوتۇن ئىبراھىم توختى (ئوڭدىن 3 - كىشى) ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى شىنئەن فوتوسى
«سىزنى ئاخىرى تاپتىم، بۇرادەر! سىزنىڭ 50 نەچچە يىل ئىلگىرى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭىزغا رەھمەت!» كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ مېھىر ـ مۇھەببەت سۇسلاشمىغانىدى، يۈ ئېريۈن بىلەن ئىبراھىم بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس دوستلاردەك مەھكەم قۇچاقلاشتى. ئىككى ئائىلە كىشىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇردى، ئىككى بوۋاي ھاياجانلىقھېسسىياتى بىلەنئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەشتى، ھاياجانلىق ئىلكىدە ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، بۇ كۆرۈنۈش ئىنتايىن ئىللىقلىققا تولغانىدى.
يۈ ئېريۈن (ئوتتۇرىدا) ئەر ـ خوتۇنئىبراھىم توختى (ئوڭدىن 3-كىشى) بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن پاراڭلاشماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى شىنئەن فوتوسى
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىبراھىم يۈ ئېريۈن ئائىلىسىدىكىلەرگە ئابدۇراخماننىڭ 1993 - يىلى ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتتى، ئىبراھىمنىڭ يول باشلىشى بىلەن يۈ ئېريۈن ئائىلىسىدىكىلەر خەلق ساقچىلىرى بىلەن بىللە ئابدۇراخماننىڭ ئوغلى ئابلىز ئابدۇراخماننىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئابلىز يان تېلېفونىدىن دادىسىنىڭ سۈرىتىنى چىقارغانىدى، يۈ ئېريۈن بىر قاراپلا تونۇۋالدى ھەم كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى، ئۇ ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ ئابدۇراخمانغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئېيتتى، نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندى.
يۈ ئېريۈن (سولدىن 2 - كىشى) ئەر - خوتۇن ئابدۇراخمان كېرەمنىڭ ئوغلى (ئوڭدىن 2 - كىشى) بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى شىنئەن فوتوسى
شۇ كۈنى، ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يۈ ئېريۈننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يەنە ئابدۇراخمان، ئىبراھىم ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىرلىكتە گۈلباغ يېزىسىنىڭ قىزىلنۇر كەنتىدىكى «قىزىل ھويلا»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ھويلىدا بىر تۈپ توغراق قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، بۇ قەدىمىي دەرەخنىڭ قۇچىقىدا بىر تۈپ تېرەك ئۇنى چىڭ «قۇچاقلاپ» تۇراتتى، بىللە ئۆسكەن ئىككى تۈپ دەرەخنى يەرلىكلەر «قەلبداش قەدىمىي دەرەخلەر» دەپ ئاتىشاتتى، تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغىنى، «قەلبداش قەدىمىي دەرەخلەر»نىڭ ئارقىسىدا مىننەتدارلىق توغرىسىدىكى ھېكايە بار ئىدى.
لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزىسى گۈلباغ كەنتىدىكى «قەلبداش قەدىمىي دەرەخلەر» مەدەنىيەت ھويلىسىنىڭ ئىگىسى تۇداخۇن غوجى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ «قەلبداش قەدىمىيدەرەخلەر»نى قوغدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكتە. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ لىچياڭ فوتوسى
1960 - يىلى قىشتا، ئەينى چاغدا ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن غوجى ئەخمەت سۇ ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن دەرياغا چۈشۈپ كېتىدۇ، كەنتتىكى ۋاڭ دېفۇ بوۋاي ئۇنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ، ئەمما ئۇ شۇ سەۋەبلىك قۇربان بولىدۇ. ۋاڭ دېفۇ بوۋايغابولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا، غوجى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى قېرى توغراقنىڭ ئاستىغا بىر تۈپ كىچىك تېرەك تىكىدۇ، ئون نەچچە يىلدىن كېيىن، كىچىك تېرەك ئاستا ـ ئاستا چوڭ بولۇپ، قېرى توغراقنىڭ قوينىغا كىرىپ، ئاخىرى بىر گەۋدە بولۇپ يېتىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، «قەلبداش قەدىمىي دەرەخلەر»گە يەنە بىر بۆلەك مىننەتدارلىققا ئائىت ھېكايە خاتىرىلەندى، شۇنداقلا ئۈچ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرىنىڭ داۋاملاشقانلىقىغا گۇۋاھچى بولدى.