导航切换

«90 ياشتىن ئاشقان» موماي بىلەن ئۇنىڭ ھېكايىسى

日期:2024年05月07日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

«موما، يېقىندا ھاۋا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، قېلىنراق كىيىۋېلىڭ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن سىزنى يوقلاپ بارىمەن». 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىدە بىر كۈن يامغۇر ياغدى، ئەمدىلا ئىشتىن چۈشكەن لى خۇڭمى زەينەپ يۇنۇسقا تېلېفون بېرىپتاپىلىدى.

«زەينەپ موما، نەۋرىڭىز بەكمۇ ۋاپادار ئىكەن، ئۇ سىزنى قېلىنراق كىيىنىۋالسۇن دەيدۇ.»ئاقتۇ ناھىيەلىك مەركىزىي ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭخىزمەتچى خادىمى بىر چەتتە تۇرۇپ تېلېفوندىكى مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ بەردى.

لى خۇڭمى جياڭشى ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ كاندىداتمۇدىر سېستراسى، ئاقتۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئۇ 2023-يىلى 5-ئايداشىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈنئاقتۇ ناھىيەسىگە كەلگەن. زەينەپ موماي بۇ يىل 96 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىدىكى ئىگە-چاقىسىز موماي، ئىككىيلەن پاراڭلىشىشتا سەل قىينالسىمۇ، ئەمما قەلبى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلانغان.

ئىككىيلەننىڭ ھېكايىسىنى بىر قېتىملىق ھەقسىز كېسەل كۆرۈشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

2023-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭغا كەلگىنىگە ئەمدىلا بىر ئاي بولغان لى خۇڭمى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كېلىپ، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ قان بېسىمى، قان شېكىرىنى ئۆلچەپ، ئېغىز بوشلۇقى، كۆزى، سۆڭەكلىرىنى تەكشۈرىدۇ... لى خۇڭمى خىزمەتداشلىرى بىلەن تازا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن خىزمىتىنى ئەمدىلاتۈگىتىشىگە، ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ساناتورىيە باشلىقى زەينەپموماينى قول ھارۋىسىدائىتتىرىپ ئۇنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىدۇ، ساناتورىيە باشلىقى زەينەپ موماينىڭ لى خۇڭمىنى قۇچاقلاپ قويغۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ.

بىر ئىللىق قۇچاقلىشىشتىن كېيىن، زەينەپ موماي ئۇنىڭغا، ئۆزىنىڭ بىرەرمۇ پەرزەنتىنىڭ يوقلۇقىنى، ھەر قېتىم باشقا ياشانغانلارنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى بىلەن جەم بولغانلىقىنى كۆرگىنىدە تولىمۇ ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى، لى خۇڭمىنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭغا قىلغان ئىللىق مۇئامىلىسى، مۇلايىم گەپ-سۆزلىرى، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىشلىق تۇيۇلغانلىقىنى، ئۇنى خۇددى ئۆزىنىڭ نەۋرىسىدەك ھېس قىلغانلىقىنى، شۇڭائۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇنى قۇچاقلاپ قويغۇسىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئىزچىل جياڭشىدا ياشاپ كەلگەن لى خۇڭمى شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن بىر قىرغىز موماينىڭ ئۆزىنىتۇنجى قېتىمقۇچاغلاپ قويىدىغانلىقىنىئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ كۈنى لى خۇڭمى زەينەپ مومايبىلەنبىللە زۇڭزا تۈگۈپ، ئۆزى دەملىگەن ئەتكەن چاينى ئىچىپ، شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينايدۇ... شۇ دەقىقىدە بەخت كۈلكىسىنىڭ موماينىڭ يۈزلىرىدىكى قورۇقلار ئىچىگە ئويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، لى خۇڭمى «90 ياشتىن ئاشقان» بۇ موماينى ئۆزىنىڭ مومىسى دەپ تونۇيدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن، لى خۇڭمى ھەر ئايدا ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ زەينەپ موماينى يوقلايدۇ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردىن تارتىپ پايپاققىچە، ئارتىدىغان شارپىدىن ئاياغقىچە، زەينەپ موماينىڭ نېمىسى كەم بولسا، ئۇ يەنە بىر قېتىم كەلگەندە شۇنى ئەكىلىپ بېرىدۇ. زەينەپ موماينىڭ چىرايىدىكى كۈلكىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

ئىككىيلەننىڭ ئالاقىلىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، زەينەپ مومايمۇ لى خۇڭمىغا نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ: بۇلۇڭكۆل يېزىسى چارۋىچىلىق يېزىسى بولۇپ، ياش ۋاقتىدا ئۇ تاغدا قوي باقاتتى، قورسىقى ئاچسا بىر پارچە نان يەپ، ئۇسسىسا تاغدىكى بۇلاق سۈيىنى ئىچەتتى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ بۇنداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

باھار بايرىمى ھارپىسىدا، لى خۇڭمى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە زەينەپ موماينى يوقلاپ بارىدۇ، ئۇ ئىشكاپتىن ئۆزى يېيىشكە كۆزى قىيمىغان بىر خالتا قۇتۇرماچنى ئېلىپ، لى خۇڭمىغا ئۆز قولى بىلەن يىگۈزۈپ قويماقچى بولىدۇ، موما-نەۋرە ئىككىيلەن بىر-بىرىگە يىگۈزگەچ، خۇشال ھالدا كۈلۈشىدۇ، شۇ دەقىقىدە لى خۇڭمى بەختنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك بولىدۇ. ئالاقىلىشىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، لى خۇڭمى زەينەپ مومايغامەخسۇس يان تېلېفون ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا قانداق ئىشلىتىشنى بىرمۇبىر ئۆگىتىدۇ.

بۇ يىل 3-ئايدا، ئاقتۇ ناھىيەسىدە تېمپېراتۇرا قاتتىق تۆۋەنلەپ، دوختۇرخانىدا ئاغرىقلار تېز سۈرئەتتەكۆپىيىدۇ، لى خۇڭمى ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، زەينەپ موماينى يوقلاپ بارالماي قالىدۇ. بىر كۈنى، لى خۇڭمى ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ساناتورىيە باشلىقىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن زەينەپ موماينىڭ بۇ بىرنەچچە كۈندە ئىشتىھاسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئۇيقۇسىنىڭمۇ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. لى خۇڭمى ئالدىراپ-تېنەپ ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بارغاندا، زەينەپ موماي ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بالام، مەن سىزنىڭ ئالدىراشلىقىڭىزنى بىلىمەن، سىزنى كۆرمىگىلى ئۇزاقبوپتۇ، سىزنى كۆرگۈم كەلدى» دەيدۇ.

زەينەپ موماي لى خۇڭمىغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەممىڭلار كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىغۇچىلار، چوقۇم ئۆزۈڭلارنىڭ سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ساغلاملىق ئاتا قىلالايسىلەر.»

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى