نىجاتنىڭ ئاكادېمىك تۇغقىنى بار

日期:2024年05月04日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ

«نىجات، سىزنىڭ تۇغقىنىڭىزنى ئاكادېمىك دەپ ئاڭلىدۇق، نېمىدېگەن قالتىس...» ھەر قېتىم ساۋاقداشلىرىنىڭ مۇشۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغىنىدا نىجات ھەمىشە ناھايىتى خۇشال بولىدۇ.

ئاكادېمىك بىلەن تۇغقان بولغانلىقىدىن نىجات ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ، لېكىن يەنە «تاغدەك زور بېسىم» ھېس قىلىدۇ. «ئاكادېمىك بولسا دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىم، مېنىڭمۇ كېيىن خۇاڭ تاغامغا ئوخشاش ئادەم بولغۇم بار.» نىجات مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىمەن.

نىجاتنىڭ تولۇق ئىسمى نىجات ئىسمايىل بولۇپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 3 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇ دەۋاتقان خۇاڭ تاغا جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ چىڭشۆ. ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

بۇ يىل 1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى سائەت 2 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، نىجاتنىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق يامانسۇ يېزىسى تەۋرەش مەركىزىگە جايلاشقانىدى.

«يەر تەۋرەشتە يەر يۈزىدىكى ئىمارەتلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى، يامانسۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تاملىرىغا چاك كەتتى.» خۇاڭ چىڭشۆ مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدۇ، مەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئىزچىل ئويلاپ كەلگەنىدىم. مەن ئاكادېمىك ۋۇ گۇاڭخۇي، ئاكادېمىك جىن جىشىن بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، كوللېكتىپىمىزدىكى بىرنەچچە ئاساسلىق مەسئۇل كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، يامانسۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە 300 مىڭ يۈەن پۇل ھەم بىر قىسىم ماددىي ئەشيالارنى ئىئانە قىلدۇق».

3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات يۇرتى يامانسۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئاكادېمىك خۇاڭ چىڭشۆ، ئاكادېمىك ۋۇ گۇاڭخۇي نەق مەيدانغا كەلدى. ئاكادېمىك خۇاڭ چىڭشۆ بالىلارغا مۇنداق دېدى: «پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى دۇنيانى ئۆزگەرتمەكتە، سىلەر كەلگۈسىدىكى ئالىم، ئىنژېنېر ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلار، بىلىمنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ئەقىل ـ پاراسىتىڭلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇڭلار».

شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسىنىڭ يوپۇقى يامانسۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئېچىلدى.

ھەش ـ پەش دېگۈچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى، يامانسۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى يەنە جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، 500دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى باشقا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بۆلۈنۈپ دەرس ئوقۇۋاتىدۇ، قايتا قۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن ئاندىن مەكتەپكە قايتىپ كېلىدۇ.

«بىز ئەسلىدىكى ئوقۇتۇش بىناسىنى قايتىدىن پىلانلاپ، پەن ـ تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىقلارنى سېلىشنى پىلانلىدۇق. ئاكادېمىك خۇاڭ چىڭشۆ قاتارلىق كىشىلەر ئىئانە قىلغان بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، يەر تەۋرەشنى تەقلىدىي سىناش ئۈسكۈنىسى، ئاۋىياتسىيە مودېلى قاتارلىقلار. كەلگۈسىدە، بىز يەنە مەكتەپ قورۇسىدا بىر ئىلىم ـ پەن باغچىسى ئېچىپ، بالىلارغا پەن ـ تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلىم ـ پەن ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز.» دېدى يامانسۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شى رۈيپېڭ.

يامانسۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلغاندىن باشقا، خۇاڭ چىڭشۆ قاتارلىق ئۈچ ئاكادېمىك يەنە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئۈچ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن تۇغقانلىشىپ يار ـ يۆلەك بولىدىغان بولدى.

شۇنداق قىلىپ، نىجاتنىڭ ئاكادېمىك تۇغقىنى بار بولدى. نىجات مۇنداق دېدى: «مەن مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى قەلبىمگە پۈكۈپ، تىرىشىپ ئوقۇپ داشۆگە ئۆتۈپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلىپ، كەلگۈسىدە يەنە خۇاڭ تاغامغا ئوخشاش باشقىلارغا ياردەم بېرىمەن».

ئاكادېمىك خۇاڭ چىڭشۆ مۇنداق دېدى: بىز ئۈچ ئاكادېمىكنىڭ ھەممىمىز پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشىدە ئۆسۈپ يېتىلدۇق، ھەممىمىز ئالىي مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىمىز، پەن تەتقىقات بىلەن ياخشى شۇغۇللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىللە، ھەممىمىز دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئالغان. بىز باشلامچى بولۇپ بالىلار بىلەن تۇغقانلاشتۇق، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ جايدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، بالىلار بىلەن تۇغقانلىشپ يار ـ يۆلەك بولۇشقا، ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈشكە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئالىملار روھىنى ھازىرلىغان تېخىمۇ كۆپ ئىزباسارلارنى ئورتاق يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز.