导航切换

ئانار دەرىخى تىككەن شىنجاڭلىق ئايالنىڭ گۇاڭشىدا دوستلىرى كۆپ

日期:2024年04月29日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو

«ئانار چېچەكلەپتۇ، نېمىدېگەن چىرايلىق - ھە!» دەل باھار تۈسىگە چۆمگەن پەسىلدە، نەننىڭ شەھىرى شىڭنىڭ رايونىنىڭ مىنجۇ يولى ۋاڭشيەنپو مەھەللىسىدە، بىرنەچچە بالا ئىككى تۈپ ئانار دەرىخى ئاستىدا ئويناۋاتاتتى. بۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ بىرى «قەلبداشلىق ئانار دەرىخى»، يەنە بىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قېرىنداشلىق رىشتى دەرىخى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى تۈپ ئانار دەرىخىنى مەھەللىدىكى ئاھالە ئاسىيەم ئېزىز تىككەنىدى. گۇاڭشىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن 21 يىلدا، ئاسىيەم بۇ تۇپراققا سىڭىشىپ كەتتى، دوستلىرى، قوشنىلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەم سەمىمىي دوستلۇق ئورناتتى، كۆپچىلىك ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «ئاسىگۈل» دەپ چاقىرىدۇ.

«مۇشۇ يىللاردا، مەن گۇاڭشىدىكى نۇرغۇن ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، بولۇپمۇ مەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، كۆپچىلىك ياردەم قولىنى سۇندى.» 2003 - يىلى، ئاسىگۈل غۇلجا ناھىيەسىدىن گۇيلىن شەھىرىگە كېلىپ، بىر شىنجاڭ ئاشخانىسىدا ئاشپەزلىك قىلدى. كېيىن ئۇ يايما ئورنىنى ئىجارە ئېلىپ، كۈندۈزى قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاق قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى، كەچتە كاۋاپ ساتتى. «ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە مەن تولىمۇ ئالدىراش بولدۇم، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دائىم بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ھەر قېتىم بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئېسىل تائاملاردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىناتتۇق» دېدى ئاسىگۈل ئەسلەپ. ئۇ تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى قوشنىلار ئاسىگۈلگە ئىنتايىن غەمخورلۇق قىلاتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇنىڭ بىر توپ سىرداش ئاچا - سىڭىللىرى بار بولدى. كېيىن ئۇ يەنە ئاشخانا ئاچتى، پولۇ، داپەنجى قاتارلىق داڭلىق ئېسىل تائاملارنىڭ ئۆزگىچە تەمىگە تايىنىپ، شۇ جايدا خېلى نام چىقاردى. ئاسىگۈل قىزغىن، مېھماندوست بولغاچقا، ئاشخانىسىنىڭ سودىسى بارغانسېرى جانلاندى.

2015 - يىلى، ئاسىگۈل نەننىڭ شەھىرىدە كۆلىمى 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە ئاشخانا ئېچىپ، «ئاسىگۈل مەززىلىك تائاملار ئاشخانىسى» دەپ ئىسىم قويدى. «ھازىر مېنىڭ ئاشخانام توردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، شۇ جايدىكى ياكى گۇاڭشىغا ساياھەتكە كەلگەن نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەممىسى ئاشخانامغا كېلىپ شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىدۇ.» ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خېرىدارلار ئاشخانىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ، شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، يەنە ئەتلەس كىيىم - كېچەكلەرنى ھەقسىز كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرالايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىگۈلنىڭ ئاشخانىسىدا 20دىن ئارتۇق خىزمەتچى بار، «مەن گۈلى ئاچام بىلەن تونۇشقىلى نۇرغۇن يىل بولدى، مەن ئۇنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭ ياخشى دوستى» دېدى ئالدى سۇپا دىرېكتورى سۇ گۇيخۇا.

«ھازىر سودام ياخشى بولغىنى بىلەن، ئاشخاناممۇ ئىلگىرى بىرمەھەل تىجارەتتە قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن، مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ياردىمىدە، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالغانىدىم.» ئاسىگۈل مۇنداق دېدى: ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش، سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تىجارەتتە يولۇققان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمغا ياردەم بەردى.

«مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالە مەيلى كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ. ئاسىگۈل ئىشچان، ئاق كۆڭۈل، بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئامراق» دېدى ۋاڭشيەنپو مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ ليۇفېن.

تۇرمۇشتىكى تولۇپ تاشقان ئىللىقلىق ۋە مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن، ئاسىگۈل ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، مېھىر - مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىقنى ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزدى. ئۇ ۋە خىزمەتچىلىرى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە دائىم بېرىپ يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق يەتكۈزدى؛ ئۇنىڭ ئاشخانىسىدا مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس دەم ئېلىش رايونى ئاجرىتىلىپ، چاي ۋە ئۆزگىچە ئۇششاق يېمەكلىكلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلەندى؛ يېزا - كەنتلەردە، ئۇلار ئاتا - ئانىسى ھەمراھ بولۇپ كېتەلمەيدىغان ئۆيدە قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، سوۋغاتلارنى ئاپىرىپ بەردى؛ تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا، ئۇ سېخىيلىق بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بەردى.

2015 - يىلى، ئاسىگۈل ياۋزۇ مىللىتىدىن بولغان يېتىم بالا شياۋلى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قېلىپ، شياۋلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بەردى. «مەن شياۋلىنى قىزىمدەك كۆرىمەن، ئۇ مېنى گۈلى ئاپا، دەپ چاقىرىدۇ. ئىككى قىزىممۇ شياۋلى بىلەن ئاچا - سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتىدۇ» دېدى ئاسىگۈل. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇلار بىر - بىرىگە ھەمراھ بولۇپ سانسىزلىغان ئىللىقلىققا تولغان ھەم ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدى.

«مېنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشۇم گۇاڭشىدىكى ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا، مەن قۇربىمنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم قىلىمەن.» ئاسىگۈلنىڭ ياخشى ئىشلىرى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مىننەتدارلىقتىن كەلگەنىدى.

«مەن دوستلىرىم بىلەن داخۇا ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يالۇڭ يېزىسى جېنشى كەنتىدىكى نۇڭجۇ ئوقۇتۇش نۇقتىسىغا بارغاندا، بالىلارنىڭ سۈزۈك ھەم نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.» ئاسىگۈل بىلىم ئېلىشنىڭ بالىلارغا نىسبەتەن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلگەچكە، ئۇدا بەش يىل ئۇ يەردىكى بالىلارغا كىيىم - كېچەك، ئوقۇش قوراللىرى، ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى، «ئىشىنىمەنكى، بىلىم بالىلارغا يېڭى دۇنيانىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ، ئۇلارنى شەخسىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆز يۇرتىنى قۇرۇپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ».

2022 - يىلى، ئاسىگۈل شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. بۇ يىل، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ئۇنىڭغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن نام بەردى.

مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتۈپ، ئانار گۈللىرى شاخلاردا ئاستا - ئاستا پورەكلەپ ئېچىلدى. «مەھەللىمىزدە ھەر قېتىملىق مۇھىم بايراملارنىڭ ھەممىسىدە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ قاتنىشىدۇ، يەنە مەن تەمىنلىگەن مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ كېتىدۇ.» ئاسىگۈل مۇنداق دېدى: بۇ يىل يازلىق تەتىلدە بالىلىرىمنى ئېلىپ شىنجاڭغا قايتىپ ساياھەت قىلىشنى پىلانلىدىم، «شىنجاڭ بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتىدۇ، ھەر قېتىم يۇرتۇمغا قايتقاندا يېڭى خۇشاللىقلار بولىدۇ، مەن يەنە بىر قېتىم تونۇش تۇپراققا قەدەم قويۇشنى ئارزۇ قىلىمەن».