导航切换

باي ناھىيەسىدە ئېتىز-ئېرىقلارغا سولياۋ يوپۇق يېپىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

日期:2024年04月07日
来源:天山网
【字体:


3-ئاينىڭ 26-كۈنى، باي ناھىيەسى سايرام بازىرى شورمەھەللە كەنتىدىكى ئېتىزلاردا بېيدوۋ سۈنىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان سولياۋ يوپۇق يېپىش ماشىنىسى ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى ۋە سولياۋ يوپۇقنى تەرتىپلىك يېيىتىۋاتاتتى. ھاۋانىڭ بارا-بارا ئىللىشىغا ئەگىشىپ، باي ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا، بازارلاردىكى دېھقانلار تۇپراقنىڭ نەملىكى ياخشى بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، لازا، شوخلا، قىزىلچا قاتارلىق ئالاھىدە زىرائەتلەرگە سولياۋ يوپۇق يېپىش خىزمىتىنى جىددىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، مايسىلارنى كۆچۈرۈپ تىكىشكە ياخشى ئاساس سالدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلارئابدۇئەزىز، ۋېي بەينىڭ، ئېرشات)

دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى مەشغۇلاتچىلىرى سولياۋ يوپۇق ۋە تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغىنى ۋاقتىدا تولۇقلىدى ھەم ماشىنىلارنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، سولياۋ يوپۇقنىڭ تەكشى يېيىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

​ يوپۇق يېپىش ماشىنىسىنىڭ ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى يېيىتىش، يوپۇق يېپىش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى تېز ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى