导航切换

ئاقچى ناھىيەسىدىن بارغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋۇشىدىكى باھار بايرىمىلىق سەپىرىنى باشلىدى

日期:2024年02月09日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىسۇڭ ۋېيگو

قىرغىز مىللىتىنىڭ ئاق كىگىز قالپىقى، كىگىز ئۆي شەكلىدىكى سوۋغاتلىق قۇتىسى، 3dلىقبېسىلغان مودېل، نەپىس قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى... 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ۋۇشى شەھەرلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە، ئاقچى ناھىيەسىدىن بارغان15 نەپەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن ۋۇشى شەھىرىدىكى 15 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزئارا سوۋغات ئالماشتۇرۇپ، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئاقچى ناھىيەسىدىن بارغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ۋۇشى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «قوشماقلىشىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ۋۇشى شەھىرىنىڭ شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

شۇ كۈنى، 2024-يىللىق «ۋۇشىئاقچى تەقدىرداش بولۇپباھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش قىشلىق لاگېرى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋۇشى شەھەرلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە باشلاندى.2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە،ئاقچى ناھىيەسىدىن بارغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىۋۇشى دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزى، ۋۇشى دۆلەتلىك رەقەملىك كىنوچىلىق كەسپلەر باغچىسى، جۇڭگو يىشىڭ ساپال مۇزېيى، خۇيشەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋۇشى شەھىرىنىڭ باھار بايرىمىلىق كەيپىياتى ۋە تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلىدۇ.

پائالىيەتئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن، باھار بايرىمىنىڭ ھارپا ئاخشىمى ئاقچى ناھىيەسىدىن بارغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋۇشى شەھىرىلياڭشى رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى خۇاچىڭ يولى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش پونكىتىغا بېرىپ، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ، باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرۈپ، ھارپا كېچىسى تامىقى يەيدۇ.

لاگىرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋۇشى شەھىرى لياڭشى رايونلۇق خەتتاتلىق-رەسساملىق ئورنىنىڭ خەتتاتلىق مۇئەللىمى يۈ بوتاۋ ئاقچى ناھىيەسىدىن بارغان بالىلار ۋەۋۇشى شەھىرىدىكى بالىلارغا بىر قېتىملىق جانلىق خەتتاتلىق دەرسى ئۆتتى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىپقىزىل شۇەنزى قەغىزىنى سېلىپ، قولىغا موي قەلەمنى ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چوڭ قىلىپ «福» خېتىنى يېزىپ، باھار بايرىمىدىن بۇرۇنقى تۇنجى تىلىكىنى ئىپادىلىدى.

بۇ قېتىمقى قىشلىق لاگېرغا قاتناشقان، ئاقچى ناھىيەسىدىن كەلگەنئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەتتاتلىق مۇئەللىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «福» خېتىنى يازدى.

ۋۇشى شەھىرىنىڭ شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن سۈرەت

ئاقچى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋۇشى شەھىرىنىڭ شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يۈ جېندەن مۇنداق دېدى: 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرەپ، ئاقچى ناھىيەسى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ۋۇشى شەھىرىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاقچى ناھىيەسىنى ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللىدى، 2-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئارقىلىق 2 مىليون 993 مىڭ يۈەنپۇل، 596 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى ئىئانە قىلىندى.

«بۇ قېتىمقى قىشلىق لاگېر ۋۇشىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش-ئۆگىنىش سەپىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سەپىرى»دېدى يۈ جېندەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى