جۇڭگو ئاخبارات تورى ئابونىچىلار تېرمىنالى
جۇڭگو ئاخبارات تورى، خاڭجوۋ، 2-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى(گو چىيۈ) باھار بايرىمىنىڭ يېقىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ قىسىم مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بەرگەندىن كېيىنكى جىمجىتلىققا تولغان ھالىتىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا، جېجياڭ نىڭبو شىڭجى ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتىپى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇ مەكتەپنىڭ شىنجاڭ بۆلۈمىدىكى ساۋاقداشلار «ئىككىنچى يۇرتى»داجەم بولۇپ باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىغان بولدى.
گەرچە يۇرتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ساۋاقداشلار «شىنجاڭ پۇرىقى»غا تويۇنغان «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشكېچىلىكى»گە تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى. 18 ياشلىق مۇقىتمۇراتجان بەك ئالدىراش ئىدى، سىنىپ باشلىقى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كۆپچىلىكنى يىتەكلەپ سىنىپنى بېزەپ، نومۇرلارنى رېپېتىتسىيە قىلىپ، ھارپا كېچىسى تامىقىغا تەييارلىق قىلدى... باشقا ساۋاقداشلارغا سېلىشتۇرغاندا، مۇقىت مۇراتجانغا بۇ يەر تېخىمۇ تونۇش ۋە يېقىشلىق ئىدى.
مۇقىت مۇراتجان (سولدىن 1-كىشى) ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى. زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت
مۇقىت مۇراتجان شىنجاڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقانتېكەس ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، 2021-يىلى نىڭبو شىڭجى ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، ھازىر ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپى كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا بۇ يەرگە تەلپۈنەتتى.
«نەچچە يىل ئىلگىرى مېنىڭ ھەدەممۇ بۇ مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، ھەدەم دائىم بۇ يەردىكى قالتىس ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىنى مەن بىلەن ئورتاقلىشاتتى، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مېنىڭ قەلبىمگە بىر تال ئۇرۇق تېرىلغانىدى». شۇ كەمگىچەشىنجاڭدىن چىقىپ باقمىغان مۇقىت مۇراتجان ئۈچۈن ئېيتقاندا، يىراقتىكى دۇڭخەي دېڭىزى ساھىلى بىر ئارزۇ ئىدى.
ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇقىت مۇراتجان ئارزۇ جەدۋىلىگە نىڭبو شىڭجى ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مەكتىپىنى تولدۇردى، تەلىيىگە ئۇ مۇرادىغا يىتىپ بۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى.
شىنجاڭلىق ئوقوغۇچىلار جېجياڭ نىڭبوغا بېرىپ دېڭىزنى كۆرمەكتە. زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت
2021ـ يىلى 9ـ ئايدا، مۇقىت مۇراتجان پويىزغا ئولتۇرۇپ جېجياڭغا كەلدى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن چىقىشى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم يىراق سەپەرگە چىقىشى ئىدى، «ئەينى ۋاقىتتا نىڭبودىكى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس شىنجاڭغا بىزنى ئالغىلى كەلگەنىدى، يول بويى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ ـ دەريالىرىنى كۆرۈپ، ھەم ھەيران قالدۇق، ھەم ھاياجانلاندۇق».
مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، مۇقىت مۇراتجان ئائىلىسىدەك ئىللىق بۇ جايغا ناھايىتى تېزلا كۆنۈپ كەتتى. ئۇ مەكتەپكە يېڭى كەلگەن ۋاقىتلاردا ئۆيىنى سېغىنغان ساۋاقداشلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلدى ۋە تەسەللى بەردى؛ ئۇ مەكتەپنىڭ كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىنى پائال تەشكىللىدى ۋە پىلانلىدى؛ ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ شىنجاڭغا ساياھەتكە بارماقچى بولغان ئىچكى رايونلاردىكى ساۋاقداشلىرىغا ساياھەت يېتەكچىسى بولدى... بارا-بارا، مۇقىت مۇراتجان ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن سىنىپ باشلىقى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
«مەن ئوغۇل بالا، ماسلىشىش ئىقتىدارىم كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدەم ھازىر جېجياڭدا داشۆدە ئوقۇۋاتىدۇ، مېنىڭ بۇ يەردە بىر تۇغقىنىم بار، شۇڭا باشقا ساۋاقداشلىرىمغا كۆپرەك ياردەم بېرىشىم كېرەك» دېدى مۇقىت مۇراتجان.
مۇقىت مۇراتجان ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ۋاسكېتبول ئوينىماقتا. زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت
مۇقىت مۇراتجان دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ۋاسكېتبول ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، توپ مەيدانىدا ئىچكى رايونلاردىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ يېقىن بولۇپ كەتتى. بۇلتۇر نىڭبو شەھەرلىك ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي (تېخنىك ئىشچىلار) مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە، مۇقىت مۇراتجانلارنىڭكوللېكتىپى 3ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
«مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، بىز دائىم بىللە مەشىق قىلدۇق، كۆپچىلىك ئاستا ـ ئاستا تونۇشۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق». مۇقىت مۇراتجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىچكىرايونلاردىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلار شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغاچقا شىنجاڭغا ناھايىتى قىزىقىدىكەن، شۇڭاتولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن كۆپچىلىك بىلەن شىنجاڭغا بېرىپ ئويناپ كېلىشكە كېلىشتۇق.
«ئەمەلىيەتتە شىنجاڭلىق ساۋاقداشلارمۇ مېنىڭ ئىچكى رايونلاردىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشۇمغا بەك ھەۋەس قىلىدۇ، ھەر قېتىم تەتىلدە قايتقاندا ئۇلار قىزىققان ھالدا ئۇنى-بۇنى سورايدۇ. مەن ئىچكى رايونلارغا بېرىپ ئوقۇيالىشىمىزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، شۇڭامۇشۇنداق پۇرسەتكە ئىگە بولغانلىقىمنىقەدىرلەيمەن» دېدى مۇقىت مۇراتجان.
مۇقىت مۇراتجان ساۋاقداشلىرى بىلەن خۇنەنگە بېرىپ تەتقىقات-ئۆگىنىشپائالىيىتىگە قاتناشماقتا. زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت
بۇلتۇر مۇقىت مۇراتجان ئوقۇتقۇچىسىغا ئەگىشىپ خۇنەنگە تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى بېرىپ، تۇنجى قېتىم گاۋتيېغا ئولتۇردى. تەتىلدە ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ سۈرەت ۋە سىننى شىنجاڭلىق ساۋاقداشلىرىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئىچكى رايونلارغا كۆپرەك كېلىپ كۆرۈپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
مۇقىت مۇراتجاننىڭ قەلبىدە مەيلى ئىچكى رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، ھەممىسى ئانارنىڭ دانىلىرى، مەكتەپ بىر ئىللىق ئائىلە.
ئۇ مۇنداق بىر تەپسىلاتنى ئورتاقلاشتى: «سىنىپ مۇدىرى ياڭ شياۋپىڭ مۇئەللىمنىڭ ئوغلىمۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، لېكىن ئۇ ئىزچىل ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە يېتىپ قوپۇپ، ھەر كۈنى بىز چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيىگە قايتىدۇ. بۇ ئىشلارنى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، كۆپچىلىكمۇ ناھايىتى تەسىرلەندى».
كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈستىدە توختالغاندا، مەكتەپتىكى نۇرغۇن مەكتەپداش ئاكا-ھەدىلەرنىڭ ھەممىسى مۇقىت مۇراتجاننىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ: ئارزۇگۈل بارات ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن كەنت كادىرى بولۇپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئورتاق بېيىش يولىغا يېتەكلىدى؛ پەرھات ياسىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشخانىسى قۇرۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ھۆججەتلىك فىلىم شەكلىدە نامايان قىلدى...
2024ـ يىلى مۇقىت مۇراتجانمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ يېڭى يىللىق ئارزۇسىنى يەنى جېجياڭ ساياھەت كەسپىي شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.