خوتەنلىك يىگىت خۇبېيدا ئارقا-ئارقىدىن ئادەم قۇتقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى ئەمەلدە كۆرسەتتى

日期:2024年01月19日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى«مېنىڭ قەلبىمدە 56 مىللەت بىر ئائىلە.» 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، يۈسۈپجان ھەبىبۇللا مۇخبىر بىلەن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ 9-نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغاندىكى تەسىراتىنى ئورتاقلاشقاندا: خۇبېينىڭجيەنلى شەھىرىنى «ئىككىنچى يۇرتۇم» دەپ بىلىمەن، دېدى. ئۇنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىش ئىزلىرىنى شۇ جايدىكىلەر ھەۋەس بىلەن سۆزلەيدۇ.

يۈسۈپجان شەرەپ بىلەن 9-نۆۋەتلىك خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى. سۈرەتنى زىيارەت ئوبيېكتى تەمىنلىگەن

يۈسۈپجان شەرەپ بىلەنخۇبېي ئۆلكىسىنىڭ9ـ نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى. يۈسۈپجان خوتۇنى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

سۈرەتنى زىيارەت ئوبيېكتى تەمىنلىگەن

جيەنلى شەھىرىدە، يۈسۈپجان نەۋرە ئاكىسى تىجارەت قىلىدىغان كاۋاپخانىدا ئىشلەيدۇ. 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈسۈپجان يەنپۇ قۇملۇق ساھىلىدا يايما يېيىپ كاۋاپ پىشۇرۇۋاتاتتى. «بىرسى دەرياغا چۈشۈپ كەتتى!» يۈسۈپجان تۇيۇقسىز ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىگە قاراپ يۈگۈردى. شۇ چاغدا، سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچى قىرغاقتىن يەتتە-سەككىز مېتىر يىراقلىقتا ئىدى. يۈسۈپجان سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيتتى، ئادەم قۇتقۇزۇش تەجرىبىسىمۇ يوق ئىدى. «مەن كىچىك بىر ئوغۇل بالىنىڭ تىركەشكەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتتى.» يۈسۈپجان كۆپ ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەيلا دەرياغا سەكرەپ چۈشتى، ئۇ ئوڭ پۇتى بىلەن كۈچەپ سۇنى تېپىپ، چۆكۈپ كەتكەن ئوغۇل بالىنى تۇتۇۋېلىپ،بىر قولىدا ئوغۇل بالىنى قۇچاقلاپ، يەنە بىر قولىدا سۇ ئۈزۈپ، ئاخىرى ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقتى.

ئىككىنچى كۈنى، ئوخشاش بىر جايدا يەنە خەتەر يۈز بەردى. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەردە، يەنە قۇتقۇزۇڭلار، دېگەنجىددىيئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇل بالىنىڭ سۇدا تىركىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى، بىر چەتتە تۇرغانئانىسىمۇ بالىسىنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئېھتىياتسىزلىقتىنسۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. يۈسۈپجان يەنە بىر قېتىم سۇغا چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزدى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوغۇل بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولى بىلەن ئوغۇل بالىنىڭ ئانىسىنىدۈمبىسىدىن كۈچەپ ئىتتەردى، ئىككىيلەن قىرغاققا ئىتتىرىپ چىقىرىلدى، يۈسۈپجاننىڭمۇ ئاغزىغا بىر نەچچە يۇتۇم سۇ كىرىپ كېتىپ قېقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قىرغاققا يامىشىپ چىقتى.

​ قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئانا-بالا كۆپ تەرەپتىن ئىزدەپ، ئاخىرى يۈسۈپجاننى تېپىپ، ئۇنىڭغا لەۋھە تەقدىم قىلدى. يۈسۈپجان مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئائىلىدىكىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، باشقىلار ياردەم قولىنى سۇنۇپ ياردەم قىلىشى كېرەك».

قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئائىلە باشلىقى جاڭ ليەنخۇڭ(سولدا) مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۈسۈپجان(ئوڭدا)غا «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لەۋھەنى تەقدىم قىلدى. سۈرەتنى زىيارەت ئوبيېكتى تەمىنلىگەن

يۈسۈپجاننىڭ ئادەم قۇتقۇزغانلىق ئىش ئىزلىرىيەرلىك تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «جيەنلى ئۈلگىسى. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر شەرەپ تاختىسى»غا چىققانشەخس، جيەنلى شەھىرى بويىچەئالغا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياش، جيەنلى شەھىرى بويىچەئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىلغار شەخسقاتارلىق نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشتى. 2023-يىلى يۈسۈپجان شەرەپ بىلەن «خۇبېي ئۆلكىسى بويىچەئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىلغار» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

ئەمەلىيەتتە، يۈسۈپجان 2019-يىلىلا جياڭشى پىڭشياڭدىكى ۋاقتىدىلا، توكسىكلىت مىنىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن بىر بوۋايغا ياردەملىشىپ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى سۈزۈپ بەرگەن. «كىچىكىمدىن سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيتتىم، لېكىن باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالسام بولمايدۇ.» يۈسۈپجان مۇنداق دېدى: ئانام كىچىكىمدىن تارتىپلا ماڭا ئىقتىدارىڭ بار چاغدا باشقىلارغا ياردەم بەرگىن دەپ تەربىيە بېرەتتى، ھازىر مېنىڭ ئىقتىدارىم بار، باشقىلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىم كېرەك.

يۈسۈپجان بىلەن نەۋرە ئاكىسى خۇبېينىڭ جيەنلى شەھىرىدە شىنجاڭ كاۋاپخانىسى ئاچىدۇ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىش ئىزلىرىنى كۆپچىلىك بىلگەندىن كېيىن، كاۋاپخانىغا نۇرغۇن خېرىداركەلدى.

سۈرەتنى زىيارەت ئوبيېكتى تەمىنلىگەن

بۈگۈنكى كۈندە، يۈسۈپجان يەنىلا جيەنلى شەھىرىپۇگۇڭيىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيسى. جيەنلى شەھىرىپۇگوڭيىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى دۇەن شېڭخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىككى قېتىم ئادەم قۇتقۇزۇشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، يۈسۈپجان جيەنلى شەھىرىچاڭجياڭ دەرياسى بويىدا بىر ئاپتوموبىلنىڭ لاي-لاتقا ئىچىدە قالغانلىقىنى كۆرگەن، خەتەرلىك پەيتتە، ئۇ كابىنكىدىن شوپۇرنى تارتىپ چىقىرىپ، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن.

شان-شەرەپنىڭ ئارقىسىدا، يۈسۈپجان باشتىن-ئاخىر كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت بىر ئاددىي ئادەم، ئىشىمنى پۇختا قىلىمەن. خۇبېيغا كەلگەن مۇشۇ يىللاردا بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كەلگۈسىدە ئائىلەمدىكىلەرنى خۇبېيغا ئېلىپ كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرمەكچى، يەنە سۇ ئۈزۈش قاتارلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ماھارەتلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، باشقىلارغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم قىلىمەن».

(خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى گۆھەرنىسا ئىمىن)