شىنجاڭلىق كىچىك دوستنىڭ ۋېلىسىپىتلىك تورداشقا بەرگەن جاۋابى ھەممەيلەننى قايىل قىلدى

日期:2023年10月20日
来源:天山网
【字体:

10- ئاينىڭ 16- كۈنى، تورداش ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ قەشقەردە ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن پاراڭلاشقان سىنىنى ئېلان قىلدى، بۇ تورداش بىر ئوقۇغۇچىدىن «سىز قايسى مىللەتتىن؟» دەپ سورىغاندا، ئوقۇغۇچى ئىككىلەنمەيلا ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن «جۇڭخۇا مىللىتى!» دەپ جاۋاب بەردى. ئوقۇغۇچىنىڭ بەرگەن جاۋابى نۇرغۇن تور ئەھلىنى قايىل قىلدى ھەم ھاياجانلاندۇردى. كۆپچىلىك: «بۇ كىچىك دوستنىڭ جاۋابىغا تولۇق نومۇر بېرىمىز»؛ «56 مىللەت قېرىنداش، بىر ئائىلە كىشىلىرى»؛ «بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغىنىمدىن كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى»، دېگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇردى.

سىن مەنبەسى: 疯狂的小明单车 دوۋيىن نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر :ياقۇپجان تۇرسۇن