مېھىر - مۇھەببەتنى يۇغۇرۇپ دوستلىشىش ئارقىلىق ھەقىقىي ھېسسىياتنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ھەممە قەلبداش بولۇپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

日期:2023年08月26日
来源:新疆日报
【字体:

​− شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەر بېيجىڭغا بېرىپ يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتنىشىپ مول ھاسىلاتقا ئېرىشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچ، خوتەندىن بېيجىڭغا بارىدىغان CA9662 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان پايتەخت ئايروپورتىغا ئاستا - ئاستا قونغاندا، گۇما ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى پاتىمە مەمەتقادىر ۋە ساۋاقداشلىرى ھاياجانلانغان ھالدا دېرىزىدىن سىرتقا نەزەر سالدى. «بىز راستتىنلا پايتەخت بېيجىڭغا كەلدۇق! چوقۇم بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، كۆپ كۆرۈپ، كۆپ ئاڭلاپ، كۆپ ئۆگىنىمىز...» تەلپۈنۈش ۋە ئۈمىد ئىچىدە، ساۋاقداشلار بېيجىڭدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرىنى باشلىدى.

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2023 - يىللىق ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەر بېيجىڭ يازلىق لاگېرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بېيجىڭ شەھىرى مىيۈن رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسىدىن كەلگەن 30 نەپەر ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈر ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭ ھەم بېيجىڭدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر بىلەن بىرلىكتە مەشھۇر جايلار ۋە قەدىمىي يادىكارلىقلار، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھېس قىلىپ، بىر قاتار ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىگە بىللە قاتنىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى.

بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس دوست بولۇپ، ساۋاقداشلىق مېھرىگە ئېرىشىش

«گەرچە بىز تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن بولساقمۇ، لېكىن بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق.» گۇما ناھىيەسى قوشتاغ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىبرايىم مەتروزىنىڭ بۇ سۆزى ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

ساۋاقداشلار ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان مەكتەپلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۆزئارا تونۇشمايتتى، ئەمما ئوخشاش تىل، ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىزىقىش كۆپچىلىكنى تېزلا يېقىنلاشتۇرۇۋەتتى. بولۇپمۇ لاگېر باشلانغان بىرىنچى كۈنى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ لاگېر تەشكىللەش ئۇسۇلى كۆپچىلىكنى ناھايىتى تېزلا يېڭى دوستلارغا ئېرىشتۈردى.

«مېنىڭ مەكتەپتە ھەر مىللەتتىن نۇرغۇن دوستلىرىم بار، بۇ جايدا خۇددى مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندەك ناھايىتى يېقىملىق ھېس قىلدىم.» گۇما ناھىيەلىك ئەنخۇي تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئارزۇگۈل ئابلىكىم مۇنداق دېدى: مەن بېيجىڭ شەھىرى مىيۈن رايونلۇق 5 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياڭ زىخەن بىلەن ناھايىتى تېزلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتىم، ئۆزئارا يۇرتىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مەززىلىك تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇپ، قىزىقىشىمىز، غايىمىز توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق، ھەر كۈنى پاراڭلىرىمىز تۈگىمىدى.

مىللەتلەر مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئادىتى، بايراملىق ئۆرپ - ئادەتلەرمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالدى. شىنجاڭلىق كىچىك دوستلار پولۇ، لەڭمەن قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى تونۇشتۇردى، موڭغۇل كىچىك دوستلار نادام توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى، زاڭزۇ ساۋاقداشلار گوجۇاڭ ئۇسسۇلىنى ئويناپ بەردى... «ئەسلىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن، جۇۋاۋا، يۆبىڭ ۋە زۇڭزىغا ئامراق ئىكەن» دېدى ئارزۇگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئون كۈن ۋاقىت ئىچىدە، ساۋاقداشلار تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، پائالىيەتلەردە بىللە بولدى، بىرلىكتە تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى كۆردى، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ھۆرمەت بىلدۈردى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى. گۇگۇڭ، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق، شانلىق تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ۋەتىنىمىزدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللاردەك چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاۋ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يازلىق لاگېر پائالىيىتىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، بىر قاتار ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، ساۋاقداشلارغا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق.

بىرلىكتە تاغ - دەريالارنى كۆرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش

پەنلۇڭشەن سەددىچىن سېپىلىدا جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ يۇرتنى، ۋەتەننى قوغداش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك قەھرىمانلىقى، بۈيۈك نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولدى؛ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مۇزېيىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكىسىنىڭ سەلتەنىتى ۋە شان - شەرىپىنى ھېس قىلدى؛ دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى (نياۋچاۋ)، دۆلەت سۇ ئۈزۈش مەركىزى (شۇيلىفاڭ)دە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى قايتا ئەسلىدى... تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى بۇ قېتىمقى يازلىق لاگېر پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولدى، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەر بىر تەرەپتىن مېڭىپ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن ھېس قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈش ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەردە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز، ئەڭ ھاياجانلىق پائالىيەت بولدى. «سەھەر سائەت 2 يېرىمدا ئورنىمىزدىن تۇردۇق، بىز ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا تيەنئەنمېن مەيدانىغا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك باردۇق» دېدى خوتەن ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇقاھار مەمەتئابلا.

8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەھەر، تيەنئەنمېن مەيدانىدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىنى جىمجىت كۈتۈپ تۇراتتى. دۆلەت بايرىقى چىقىرىلغاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى، يازلىق لاگېرغا قاتناشقان نۇرغۇن ساۋاقداش ھاياجان ياشلىرىنى تۆكتى. «چاقناپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، مەندە ئىختىيارسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئۇرغۇدى، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردۈم.» ئابدۇقاھار مۇنداق دېدى: چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن.

گۇما ناھىيەسى مۇجى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەدىنەم ئابلىكىم جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن ئوقۇتۇش تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە شىچۈ، خەتتاتلىق، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىق قىزىقىش دەرسلىرى بار بولۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ ناھايىتى قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. «گۇگۇڭغا كىرگەندە زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغاندەك بىر خىل تۇيغۇغا كەلدىم، بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلار ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ئىكەن، بەك ھەيران قالدىم» دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمكى كىتابلار كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، گۇما ناھىيەلىك ئەنخۇي تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىمرانجان ئابلىز مۇنداق دېدى: جۇڭگو تارىخىنىڭ دەل ھەرقايسى مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇپ - توپلىنىپ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈش تارىخى ئىكەنلىكىنى، دەل ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، مۇستەھكەملەپ بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تارىخى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. «بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ۋەتىنىمىزنى بارغانسېرى ياخشى گۈللەندۈرىمىز».

مول ھاسىلاتقا ئېرىشىپ، ئىتتىپاقلىق ھېسسىياتىنى ئورتاق داۋاملاشتۇرۇش

«بېيجىڭ سەپىرى مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى، سەپەر داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم ۋە دوست تۇتتۇم.» «پايتەخت بېيجىڭغا تۇنجى قېتىم كېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرگە قىلغان غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.» «مەن ھەر مىللەتتىن ياخشى دوست تۇتتۇم.»... ئون كۈنلۈك بېيجىڭ سەپىرى ئاخىرلىشاي دېگەندە، ساۋاقداشلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ھاسىلات ۋە تەسىراتقا تولدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى داۋ بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جەمئىيىتىمىز مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەر بېيجىڭ يازلىق لاگېر پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىل بولدى، «بالىلارنىڭ قايتقاندىن كېيىن ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى ئالغا بېسىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش يېتەكچىسى ماھىنۇر قۇربان ئارزۇ ئۇرۇقىنىڭ ئاللىقاچان بالىلار قەلبىگە چېچىلغانلىقىنى ھېس قىلدى، «بېيجىڭغا كېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا، يەنە ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ۋەتەننى قوغداشقا ئىرادە باغلىغانلار بار، بالىلار ئۇلۇغۋار غايە تىكلىدى ۋە ئىرادىگە ئىگە بولدى».

ئىچكى موڭغۇللۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش يېتەكچىسى جاڭ شەندەن مۇنداق بىلدۈردى: ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپرەك ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاقە ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتى ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى جەمئىيىتى خىزمەتچى خادىملارنى ئاجرىتىپ كۆپچىلىككە ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلدى. خىزمەتچى خادىم گاۋ بو كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان «كۆيۈمچان خىزمەتچى» بولۇپ، ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا ساۋاقداشلارنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى؛ يەن جۈنكۇن ھەمىشە ھەر كۈنلۈك مۇساپىنى قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ چېن چۇننىڭ «ئەقىل - پاراسەتلىك چوڭ مېڭە» بولۇپ، ھەر كۈنى ساۋاقداشلارغا ھەرقايسى ئېكسكۇرسىيە نۇقتىلىرىغا دائىر بىلىملەرنى ھەمبەھرىلىدى... «كۆپچىلىك بىلەن ھەمىشە بىللە بولغان بۇ بىرنەچچە كۈندە، بىز ئۆزئارا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسى مانا مۇشۇنداق ئىللىق» دېدى شىزاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش يېتەكچىسى جاشى جۇجيۇ.

«ھەممىمىزنىڭ بىر ئائىلىسى بار، ئىسمى ئۇنىڭ جۇڭگو، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار شۇنچە كۆپ، مەنزىرىسى گۈزەل بەكمۇ...» لاگېرنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر «بۈيۈك جۇڭگو» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ، ئۆيىگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. گەرچە يازلىق لاگېر پائالىيىتى ئاياغلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزئارا دوستلۇق ئەمدىلا باشلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئۇرۇقى ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا چېچىلدى.