8-ئاينىڭ 2-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «ئانار گۈلى. ئاياللارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببەت يۇغۇرۇش-ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن رايونى ساۋجيادۇ كوچا باشقارمىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مارالبېشى ناھىيەسى بىلەن جىڭئەن رايونىدىكى ئەڭ گۈزەل 22 ئائىلە ھەم ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىتوغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى. ئۆزلىرىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى جايدىكى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغائورتاق تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى مارالبېشى ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن نىشانلىق ھەمكارلىق-ئالماشتۇرۇش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ ئائىلە تەربىيەسى، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردەئىزدىنىپ،ئالماشتۇرۇپ، ئىككى جايدىكى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۈرەتتە ئىككى جايدىكى ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلماقتا.(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزگۈزەلنۇر)
ئىككى جايدىكى ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەتلەشمەكتە. بۇ قېتىمقى پائالىيەت مارالبېشى، جىڭئەندىكى ھەر مىللەت ئائىلىلىرىنىڭ قەلب كۆۋرۈكىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى جايدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋەكىللىرى شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن رايونى ساۋجيادۇ كوچا باشقارمىسىمەھەللىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمەت پونكىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى