جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىمىز

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مەركىزىدە، 100دىن ئارتۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ «ماناس» ئېيتىشنى ئۆگەنمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

تومۇزدا، جۇڭگونىڭ غەربىي چېگراسىغا جايلاشقان پامىر ئېگىزلىكىدە قارلىق تاغلار بىربىرىگە تۇتاشقان، ياپيېشىل ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسكەنىدى. 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى بىر سۇ ئامبىرىدا ئىشلەيدىغان جاننۇر تۇرغانباي خىزمەتتىن بوشىغاندا كۆزىنى يۇمغىنىچە قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»نى ئېيتتى، ئۇنىڭ خىيالى ئىختىيارسىز ھالدا بىر يىل ئىلگىرىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئاشۇ پەيتكە قايتتى −

2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ مۇزېيىغا كېلىپ، «شىنجاڭ تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مىللىي ئېپوس «ماناس» ئېيتىش نومۇرىنى كۆردى. مۇزىكا ساداسى ياڭرىدى، مېلودىيە ياڭراق ۋە جاراڭلىق ئىدى. ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇپ ئېيتىۋاتقىنى دەل قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى جاننۇر ئىدى.

«دەسلەپتە ناھايىتى جىددىيلەشتىم، بىراق، باش شۇجىنىڭ خۇشخۇي، مۇلايىم كۈلكىسىنى كۆرۈپ، قەلبىمدىكى جىددىيلىك خېلى پەسەيدى.» جاننۇر مۇنداق دېدى: «باش شۇجى مەندىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئېيتىپ بولغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىدى، مەن بىر كېچە - كۈندۈز ئېيتىپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. باش شۇجى بىزدىن يەنە قانداق قىيىنچىلىقىڭلارغا يولۇققانلىقىمىزنى سورىدى، مەن پۈتۈن دۇنياغا <ماناس>نى چۈشەندۈرگۈم، تونۇتقۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. باش شۇجى مۇنداق دېدى: پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش كېرەك. ئۇلار ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تەۋە، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ.» جاننۇر مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، ۋارىسلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش ئىرادىسىگە كەلدىم.

ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن «ماناس» − «گېسار» «جاڭغىر» بىلەن ئوخشاش نام چىقارغان دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۈچ چوڭ ئېپوسىنىڭ بىرى بولۇپ، قەھرىمانلار مەدھىيەلەنگەن كىلاسسىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 2009 - يىلى، «ماناس» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، جاننۇرغا ئوخشاش، مىللىي ئېپوس «ماناس»نى قوغدىغان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان ھەربىر كىشى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلىدى: ياش ئەۋلادلارنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلئۆي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇزىكا سىنىپىدا، دائىم «ماناس»نىڭ ياڭراق ۋە جاراڭلىق مېلودىيەسى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە 15 ياشقا كىرگەن «ماناسچى» ئۈمىتئالى ئۆتكۈر ساۋاقداشلىرى بىلەن باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، قەھرىمانلار توغرىسىدىكى شېئىر مىسرالىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي دېكلاماتسىيە قىلىدۇ.

شۇ كۈندىكى ئېيتىش ئورۇنلانغاندا، ئۈچ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ جاننۇردىن ماھارەت ئۆگىنىۋاتقان ئۈمىتئالى ئۆتكۈرمۇ نەق مەيداندا ئىدى. «ھەر قېتىم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەسلىگىنىمدە، قەلبىم ئىللىقلىققا ۋە كۈچكە تولىدۇ.» ئۇنىڭ سومكىسىدا يېنىدىن ئايرىمايدىغان لىق خەت يېزىلغان، يەنە سەل پۈرلەشكەن بىرنەچچە ۋاراق قەغەز بار ئىدى، «بۇ، <ماناس>نىڭ 2 - قىسمى <سەمەتەي>دىن ئارىيە، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە مەن مۇئەللىمگە ئەگىشىپ ئۇنى ئۆگىنىپ بولىمەن».

«بۇلتۇر 10 - ئايدا مەكتەپ <ماناس> ئالاھىدە سىنىپى تەسىس قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە، سىنىپتىكى 42 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى <ماناس>نى ئازدۇر - كۆپتۇر ئېيتالايدىغان بولدى» دېدى قىزىلئۆي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 8 - يىللىق 4 - سىنىپ («ماناس» ئالاھىدە سىنىپى)نىڭ سىنىپ مۇدىرى ماھىنۇر ھەمچىبەك.

6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مۇزېيدىكى پۈتكىنىگە ئۇزاق بولمىغان ماناس زالىدا ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمىدى. بېشىغا ئاپئاق كىگىز قالپاق، ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك گۈل كەشتىلەنگەن كۆڭلەك ۋە قارا رەڭلىك ئۇدۇل پەشلىك تون كىيگەن تىلىۋالدى بەشناخۇن تەكلىپ بىلەن بۇ يەردە «ماناس» ئېيتتى، ئۇنىڭ ئاۋازى بەزىدە مەردانە، جۇشقۇن، بەزىدە يېقىملىق، مۇڭلۇق چىقاتتى... ساياھەتچىلەر ئارقا - ئارقىدىن قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىگە مەپتۇن بولۇپ، ئۇ يەردە جىمجىت تۇرۇپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مۇزېي ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بۇ يەردە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 25 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

25 ياشلىق تىلىۋالدى ياش «ماناسچى» بولۇپ، 2022 - يىلى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ مىللەتشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش («ماناس»نى قوغداش تەتقىقات) مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، «ماناس»نى سىنغا ئېلىش، تەتقىق قىلىش ھەمدە ۋارىسلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

«<ماناس>نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلاردىن ئايرىلالمايدۇ.» قىزىلسۇ ئوبلاستلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش («ماناس»نى قوغداش تەتقىقات) مەركىزىنىڭ مۇدىرى زايىر جۈمەش مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئۇدا سەككىز نۆۋەت «ماناس خەلقئارا مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى» ئۆتكۈزدى، ھەر يىلى «ماناس» ئېيتىش كېچىلىكى ياكى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ، ۋارىسلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش ئارقىلىق، بەش يىلدا 3200دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەيدانىدىكى «ماناس» مەدەنىيەت كارىدورى ئالدىدا، نۇرغۇن ساياھەتچى قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇماقتا ئىدى؛ تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى سەھنىسىدە، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ماناس» نومۇرى گۈلدىراس ئالقىشقا ئېرىشتى... كۆرگەزمە، رەسىم، ئۇسسۇللۇق تىياتىر قاتارلىق زامانىۋى سەنئەت شەكىللىرىدىن پايدىلىنىلىپ، «ماناس» تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرۈلمەكتە، تېخىمۇ چوڭ سەھنىگە ئېلىپ چىقىلماقتا.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ رېپېتىتسىيە زالىدا جاراڭلىق دۇمباق ئاۋازى، لەرزان قومۇز ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، «95 - يىللىرى تۇغۇلغان» قىرغىز يىگىت باقىتبەك ئەكبەر ئات تۇيىقى ئۇسسۇلىنى ئوينىغىنىچە سەھنىگە چىقتى... 2022 - يىلى 8 - ئايدا، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ماناس» قايتا رېپېتىتسىيە قىلىندى ھەم 2023 - يىللىق «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر رايونلىرىدىكى سەنئەت ئورنى - ئۆمەكلىرىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ كۆرگەزمە ئويۇن قويۇش» تۈرى سۈپىتىدە ئۇدا تۆت مەيدان قويۇلۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا 10 مىليوندىن ئارتۇق كۆرۈرمەننى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. «ئۇسسۇللۇق تىياتىر شەكلىدە ئورۇنلانغان <ماناس> كۆرۈرمەنلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىندى، شۇنداقلا تېخىمۇ تارقىتىش كۈچىگە ئىگە بولدى.» قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ رېژىسسورى ئاسىلبېك مامەتروزى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مەن ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ماناس»نىڭ سېنارىيەسىنى يېزىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ «ماناس» مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «ماناس» تەتقىقات ئىشخانىسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق «ماناس»نى قوغداش تەتقىقات مەركىزى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك «ماناس»نى قوغداش مەركىزى قۇرۇلۇپ، قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت سارىيى، مەكتەپ، ياشلار - ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق سورۇنلاردا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا 500گە يېقىن ھەر دەرىجىلىك «ماناس» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك ۋارىسى بار.

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، 9 - نۆۋەتلىك ماناس خەلقئارا مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى باشلاندى، «ماناس» «جاڭغىر» «گېسار» بىر سەھنىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ قويۇلۇپ، قەھرىمانلىق مەدھىيە ناخشىلىرى خۇددى سىمفونىيەدەك پامىر ئېگىزلىكىدە ياڭرىدى.

«ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان، ئۆزئارا زوقلانغان، ئۆزئارا ئۆگەنگەن، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالغاندىلا، ئاندىن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ» دېدى جاننۇر.