​ئورتاق ياشايدىغان، ئورتاق ئىشلەيدىغان، ئورتاق كۆڭۈل ئاچىدىغان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ

日期:2023年05月03日
来源:天山网
【字体:

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا:​

ئورتاق ياشايدىغان، ئورتاق ئىشلەيدىغان، ئورتاق كۆڭۈل ئاچىدىغان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ


ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جۈپىڭ

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئەتىگەندە، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ يوۋسېيۈەن ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا ئۆينىڭ ئىچى - سىرتىنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ساڭزا، قۇرۇق مېۋە، ھۆل مېۋە، پېچىنە - پىرەنىكلەرنى بىر - بىرلەپ تاماق ئۈستىلىگە تىزدى. «بۈگۈن روزا ھېيت، بىرنەچچە قوشنىلار ئۆيۈمگە كەلمەكچى ئىدى، ياخشى تەييارلىق قىلمىسام بولمايدۇ.» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئولتۇراق رايونىمىزدا 17 مىللەت بار، ھېيت - بايراملاردا دائىم بىر يەرگە جەم بولىمىز.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنبەت تۇپراق، بۇ تۇپراقتا خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق 42 مىللەت ياشايدۇ، ھەرقايسى مىللەت ئامما قوشنا ئولتۇراقلاشقان، ئىشىكلىرى ئۇدۇلمۇئۇدۇل بولۇپ، كۈندە يوقلىشىپ تۇرىدۇ. ئورتاق ياشايدىغان، ئورتاق ئىشلەيدىغان، ئورتاق كۆڭۈل ئاچىدىغان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت مۇلازىمىتى، دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇن ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇن بەرپا قىلدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 10 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇننى ئېلان قىلدى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ شەھىرى ۋە فۇكاڭ شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ قازاق يېزىسى تىزىملىككە كىردى. سانجى ئوبلاستى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئوبلاست بەرپا قىلدى.

ھازىرغا قەدەر، سانجى ئوبلاستىدىكى يەتتە ئورۇنغا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇن، 21 ئورۇنغا ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگىلىك ئورۇن دەپ نام بېرىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قانداق قىلغاندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتكىلى، ھېسسىيات رىشتىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقىلى بولىدۇ؟ سانجى ئوبلاستى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پىكىر يولى، تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«يېزا - كەنت مەدەنىيەت چوڭ سەھنىسى» «مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى» قاتارلىق پائالىيەت بازىلىرىغا تايىنىپ، «توردا + تور سىرتىدا» شەكلىنى قوللىنىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» باش تېما قىلىنغان توردا سوئالغا جاۋاب بېرىش، خەتتاتلىق مۇسابىقىسى، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، سىياسەت تەشۋىقاتى، قانۇنچىلىق لېكسىيەسى قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، «تىڭجوۋنى تەسىرلەندۈرگەن» شەخسلەرنى باھالاش، «ئەڭ گۈزەل ئانار دانىسى» يۈرۈشلۈكى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» مىكرو ئەسەر يۈرۈشلۈكى، «مەن تۇغقانلارنى تەكلىپ قىلىمەن +»دىن ئىبارەت تۆت چوڭ داڭلىق ماركا ئېففېكتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلىدى.

ھازىر بار بولغان 44 قاتنىشىشقا بولىدىغان، ھەمبەھرىلەنگىلى بولىدىغان، ھەمتۈرتكە بولغىلى بولىدىغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى ئەمەلىيەت بازىسى، 65 «پارتىيە قۇرۇلۇشى + مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» «ساياھەت + مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» «خاس كەسىپ + مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىقات - تەربىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چۆكمە شەكلىدىكى، ھېس قىلىش شەكلىدىكى، ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كاللىغا، قەلبكە سىڭىشىگە تۈرتكە بولدى.

«بىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ تەلىپى بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرىمىز.» سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى نۇرمەمەت نۇردۇن مۇنداق بىلدۈردى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بەرپا قىلىشنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تۇتقا ۋە ئەمەلىيەت ۋاسىتىسى قىلىپ، ئامما ئاسان قوبۇل قىلىدىغان، قاتنىشىشنى خالايدىغان شەكىللەر ئارقىلىق قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش، يۈز ئائىلىلىك زىياپەت، بىر ناخشىنى ئورتاق ئېيتىش قاتارلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز.