ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى بۇ كەنت دېھقانلىرىنىڭ بېيىش «ئەڭگۈشتەرى» بار

日期:2023年02月02日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدىكى زەمبۇرۇغ تاياقچىسى زاۋۇتى قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈپ، باشقىچە ئالدىراشچىلىققا تولغانىدى، كۆپچىلىك پۈتۈن كۈچى بىلەن زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان، پىششىقلاۋاتقانبولۇپ، ماھىرلىق بىلەن خالتا كىيدۈرۈش، تۆشۈك ئېچىش، زەمبۇرۇغ تاياقچىسى قىستۇرۇش مەشغۇلاتلىرىنىقىلىپ، ياخشى ماسلىشىپ،ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپيېتىلدۈرۈش باغچىسىنىڭ مەسئۇلى يې جىنخۇا مۇنداق دېدى: «بۇ پەسىل زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تاماملاش زۆرۈر، شۇنداق بولغاندا ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا دەخلى يەتمەيدۇ».

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدىكى زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ھەر كۈنى 30 مىڭدىن ئارتۇق زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، نۆۋەتتە 120 مىڭزەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىلىپ، زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرۈش ھالقىسىغا يېقىنلاشقان. «بىز پۈتۈن كۈچبىلەن 3 مىليون 500 مىڭزەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، پارنىكقا ئېلىپ كىرىلىپ يېتىلدۈرۈلگەن موگۇنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەن ئەتراپىغا يېتىدۇ»دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپيېتىلدۈرۈش باغچىسىنىڭ مەسئۇلى يې جىنخۇا.

تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە كىشى بېشىغائوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغانتېرىلغۇ يەر 13 مو، ئەمما تېرىش قۇرۇلمىسى بىرلا خىل بولۇش، تۇپراق بەك شورلۇقبولۇشقاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ھوسۇلى ياخشى ئەمەس،باغ-ئورمانچىلىق سۈپىتى يۇقىرى ئەمەس، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قىيىن ئىدى.

2017-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بۆسۈش ئېغىزى ئىزدىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى چىقىش يولىنى تاپتى: تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ ھاۋاسى سالقىن، سۇ بايلىقى مول، باغ-ئورمان كۆلىمى خېلى چوڭ بولۇپ، باغ-ئورمان ئاستىدا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كېلەتتى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كارخانىلارنى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپ يېتىلدۈرۈش باغچىسى قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، كۈنىگە 30 مىڭ زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئون زامانىۋى پارنىك، 22 قارا مور ئاسما پارنىكى، ئون موگۇ پارنىكى، 50 مو يەرگە قارا مور تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، 60 ئائىلىنىڭيىللىق كىرىمنى 5000 يۈەندىن ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، 30دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى كەسپ يېتىشتۈرۈش باغچىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 2022-يىلىپۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 19 مىڭ 62 يۈەنگە يەتتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتا، تۆۋەنكى مەكىت كەنتى يەنە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىۋاتقان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ مول ئورمانچىلىق بايلىقى ۋە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش كەسپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى ئۇزارتىپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئائىلىۋى مېھمانخانا، خاس يېمەك-ئىچمەك، يېزا ساياھەتچىلىكى قاتارلىقمەدەنىيەت-ساياھەت تۈرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بەرپا قىلىپ، «ساياھەت+»نى جانلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

(ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ئەكرەم ياسىن)

«ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى