پىدائىيلار دېھقانلارنىڭ كاۋا ئۇرۇقلىرىنى يىغىشىغا ياردەم بەردى

日期:2022年11月21日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھىرىنىڭ ئېمىل يېزىسى چۈەنشۇي كەنتىدىكى كاۋا ئېتىزىدا، تۇتاش كەتكەن كاۋىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. چۆچەك شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ بۇ شەھەرنىڭ ئېمىل يېزىسى چۈەنشۇي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى دەرھال پىدائىيلارنى تەشكىللەپ كاۋا ئېتىزىغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كاۋا يىغىشىغا ياردەملەشتى. پىدائىيلارنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا ماسلىشىشى بىلەن يىغىۋېلىنغان كاۋىلارنىڭ ئۇرۇقلىرى ناھايىتى تېزلا قۇرۇتۇش مەيدانىغا يېيىتىپ بولۇندى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار گاۋ شۇنىڭ، ۋاڭ جيې)

  پىدائىيلار كاۋا ئۇرۇقىنى قۇرۇتماقتا.

  قۇرۇتۇش مەيدانىدىكى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان كاۋا ئۇرۇقلىرى.