ساۋەن شەھىرى سىداۋخۇزا بازىرى شەنياۋدىن مول ھوسۇل ئالدى دېھقانلار شادلىققا چۆمدى

日期:2022年11月03日
来源:天山网
【字体:

ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا ،ساۋەن شەھىرى سىداۋخۇزا بازىرى شاباخۇ كەنتىدىكى 800 مو شەنياۋ يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى. ساۋەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ساۋەن شەھىرى سىداۋخۇزا بازىرى شاباخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، شەنياۋلانى كولاش، خىللاش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش ۋە سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، بازارنى تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

10-ئاينىڭ ئاخىرى، ساۋەن شەھىرى سىداۋخۇزا بازىرى شاباخۇ كەنتىنىڭ ئېتىز بېشىدا، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى شەنياۋ يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. » بۇ يىل مەن تېرىغان 200 مو شەنياۋ ناھايىتى ئوخشىدى، مو بېشى مەھسۇلاتى 5 توننا ئەتراپىدا بولدى، نۆۋەتتىكى بازار باھاسىدىن قارىغاندا، ھەر مو يەردىكى شەنياۋدىن 25 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئومۇمىي كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، ھەر يىلى، يۈننەن، گۇيجوۋ، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەر مەن تېرىغان شەنياۋنى سېتىۋالغىلى كېلىدۇ، كېلەر يىلى شەنياۋنى يەنىمۇ كۆپرەك تېرىشنى پىلانلاۋاتىمەن» دېدى ساۋەن شەھىرى سىداۋخۇزا بازىرى شاباخۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جىچۈن خۇشال ھالدا.

شەنياۋ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كىراخمال ۋە ئاقسىل بار بولۇپ، چۈرۈك، ئېتى ئاق، تەمى مەززىلىك، ناھايىتى كۈچلۈك دورىلىق رولى ۋە ناھايىتى ياخشى بازار ئىستىقبالى بار. ساۋەن شەھىرى سىداۋخۇزا بازىرى شاباخۇ كەنتى ساۋەن شەھەر رايونىغا 75 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى يۇمشاق ھەم بوش، تەركىبىدە كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، شەنياۋ تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. شەنياۋنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى ئالتە ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ، شەنياۋ تېرىقچىلىقىدا ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى ناھايىتى زور بولۇپ، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

ساۋەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ،رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ساۋەن شەھىرى سىداۋخۇزا بازىرى شاباخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجىسى شۈ ۋېي مۇنداق دېدى: «يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاباخۇ كەنتى شۇ جاينىڭ كىلىمات شارائىتى ۋە تۇپراق بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، پارتىيە ياچېيكىسى + شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شەنياۋ تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشلىدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ فاڭجى، شۈ ۋېي)