كۈزلۈك يىغىم باشلاندى، پىدائىي مۇلازىمەت قىلغۇچىلار كەلدى

日期:2022年09月08日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر باغۋەن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئايباغ بازىرى تۆۋەنكى قاغىمۇش كەنتىدە ئۈزۈم ئۈزمەكتە. ھازىر دەل ئۈزۈم ئۈزۈش پەسلى بولۇپ، باغۋنلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈم ئۈزۈپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۈزۈم تېرىقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىتەشكىلاتى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+بازا+ تېرىقچىلىق ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 32 مىڭ مو يەرگە زىسۈي، خۇڭتى، مېيرىنجى قاتارلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئۈزۈم سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

باۋ لياڭيەن فوتوسى

  9-ئاينىڭ 5-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنىبىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قوشساتما يېزىسىنىڭ سوغاقبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆممىقوناقنى قۇرۇتۇشىغا ياردەم بەرمەكتە. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

رىزۋانگۈل ئىسمايىل فوتوسى

  9-ئاينىڭ 5-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قوشساتما يېزىسىنىڭ سوغاقبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆممىقوناقنى قۇرۇتۇشىغا ياردەم بەرمەكتە.

رىزۋانگۈل ئىسمايىل فوتوسى

  9-ئاينىڭ 4-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ قىزىل پوستلۇق ياڭيۇ يىغماقتا. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى تارباغاتاي ۋىلايىتى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جېڭىس يېزىسى جۇمرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ قىزىل پوستلۇق ياڭيۇ يىغىشىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ سېتىش بازارلىرىنى ئالاقىلىشىپ بېرىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى