كۈزلۈك يىغىم بولدى، پىدائىي مۇلازىمەتچىلەر كەلدى

日期:2022年09月07日
来源:天山网
【字体:

  9-ئاينىڭ 5-كۈنى، باغۋەن ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ بازىرى تۆۋەنكى قاغىمۇش كەنتىدە ئۈزۈم ئۈزمەكتە. ھازىر دەل ئۈزۈم ئۈزۈش مەزگىلى، باغۋەنلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ يىغىۋېلىپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، «كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى+ بازا + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، 32 مىڭ مو يەرگە زىسۈي، خۇڭتى، مېيرېنجى قاتارلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئۈزۈم سورتلىرىنىئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

  9-ئايىڭ 5-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قوشساتما يېزىسى سۆگەتبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆممىقوناقلىرىنى ئاپتاپقا سېلىشىغا ياردەم بەرمەكتە. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

رىزۋانگۈل ئىسمايىل فوتوسى

9-ئايىڭ 5-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قوشساتما يېزىسى سۆگەتبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆممىقوناقلىرىنى ئاپتاپقا سېلىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

رىزۋانگۈل ئىسمايىل فوتوسى

«تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى