توقسۇ ناھىيەسى: پارنىكتىكى بۆلجۈرگەنلەر شېرىن «بېيىش مېۋىسى» بەردى ‏

日期:2019年04月05日
来源:天山网
【字体:

«بۇلارنىڭ ھەممىسى بايىلا پارنىكتىن ئۈزۈۋالغان بۆلجۈرگەنلەر، ئۇلار يېڭى ھەم تاتلىق.» 4-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، توقسۇ ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسى ئاققۇم كەنتىدىكى بۆلجۈرگەن ئېكولوگىيە باغچىسىدا ئابدۇراخمان ئابلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېتىزلىقتىكى يېڭى بۆلجۈرگەنلەرنى پەرۋىش قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى.

2018-يىلى 8-ئايدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ياردىمىدە ئابدۇراخمان تۆت مو يەرگە بۆلجۈرگەن تېرىدى. «بىز بۆلجۈرگەنلەرگە دېھقانچىلىق دورىسى چاچمايمىز، يۇيمايلا يېگىلى بولىدۇ، ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق بۆلجۈرگەنلەرنىڭ بىخەتەر، زىيانسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، كۆپچىلىك خاتىرجەم يەيدۇ، ھازىر كۈندە بۆلجۈرگەن ئۈزگىلى كېلىدىغان خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ» ئابدۇراخمان زىيانسىز، يېيىشلىك، ئەلا سۈپەتنىڭ ئۆزى تېرىغان بۆلجۈرگەنلەرنىڭ ئەڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ئىكەنلىكى، سېتىش يوللىرىدىنمۇ ئەندىشە قىلماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇلتۇر 11-ئايدىن بۇ يىل 6-ئايغىچە بۆلجۈرگەن ئۈزگىلى بولىدۇ. ھازىر، بۆلجۈرگەن ئېكولوگىيە باغچىسىدا يەتتە پارنىك بار، مۆلچەرلىنىشىچە ھەر بىر پارنىكنىڭ ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى 200 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، ھەر بىر مو يەردىن ئالىدىغان ئوتتۇرىچە پايدا 8000 يۈەنگە يېتىدۇ.

«بىز ئاممىنى ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىككە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، تېرىقچىلىق خەۋپىنى تۆۋەنلەتتۇق، نامرات ئاھالىلەرنى قەرز بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، مۇتەخەسسىسلەرنى كەنتكە كېلىپ دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلغان ئائىلىلەرنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى توقسۇ ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسى ئاققۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى توختى روزى. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ۋاڭ مىڭلياڭ، لى جېنۋېي تەمىنلىگەن)