پىچان ناھىيەسى: «قۇملۇق تۆگىلىرى» دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى‏

日期:2019年04月05日
来源:天山网
【字体:

«تۆگىدىن پايدىلىنىپ ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا ياردەم قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ باي بولىدىغان بۇ يولنى تېپىپ بېرىپ، تۇرمۇشۇمدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت! خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىگە رەھمەت!» دېدى پىچان ناھىيە پىچان بازىرى بازار كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇراخمان ھەبىبۇل تۆگە قوتىنىدا تۆگىلەرگە يەم بەرگەچ ئىنتايىن خۇشال ھالدا.

ئابدۇراخمان ئەسلىدە تېرىقچى بولۇپ، ئۈچ مو ئۈزۈملۈكىگە ۋە قوشۇمچە تۆگە بېقىشقا تايىنىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. 2018-يىلىنىڭ بېشىدا، پىچان ناھىيەلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، ئۇنىڭ تۆگە بېقىش تەجرىبىسى بارلىقىنى بىلدى، ئۇ ئۆيىدىكى تۆت تۆگىنى ناھايىتى ياخشى باققانىدى.

شۇنىڭ بىلەن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭغا تۆگىلىرىدىن پايدىلىنىپ قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى ھەم مەنزىرە رايونى بىلەن خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئابدۇراخمان باققان تۆت تۆگىنى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرەتكە چۈشۈشى، مىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەش ئىشلىرىنى ھەل قىلدى. ئابدۇراخمان پىلان بويىچە ئىش قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلدى، ئۇنىڭ كىرىمى تەدرىجىي كۆپەيدى.

ئابدۇراخمانغا مەبلەغ كەملىگەندە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پىچان ناھىيەلىك يېزا ئامانەت-قەرز كوپېراتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ قەرز ئېلىپ تۆگە سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. ھازىر، ئۇنىڭ تۆگىلىرى 40 نەچچىگە يېتىپ، قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ بۇلتۇر تۆگىدىن قىلغان تىجارەت كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ھازىر، ئۇ تۆگە ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بېيىشقا يېتەكلەشنى پىلانلىماقتا.

«ئابدۇراخمان تۆگە ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرماقچى بولسا، خىزمەت ئەترىتىمىز زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئۆزگىچە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنتنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرىمىز» دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئادىل ئۇرايىم. (پىچان ناھىيەلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن ليۇ يەنۋېي، پىچان ناھىيەلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جاۋ جېن، ما گاڭ تەمىنلىگەن)