[ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش] خىزمەت ئەترىتى كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ نامرات ئائىلىلەرگە ئوغۇت يەتكۈزۈپ بەردى

日期:2019年04月04日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ): 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچەشاڭخۇ بازىرى قاراسۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇقخىزمەت ئەترىتى ساخاۋەتچى كارخانا كورلا شىنلې ئوغۇت زاۋۇتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 7.2 توننا ئوغۇتنى بۇ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن بەش نامرات ئائىلىگە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى.

«ئەتىيازلىق ئوسا باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىزگە دەل ۋاقتىدا ئوغۇت ئەكىلىپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت» دېدى بۇ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە دۈەن شياۋچىڭ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا، بۇ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن بەش نامرات ئائىلىنىڭ مەبلىغى يېتىشمىگەنلىكتىن ئوغۇت ئالالمىغانلىقىنى ئۇققان. ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ، بېيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ساخاۋەتچى كارخانا بىلەن دەل ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەن.