ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆمۈرلۈك ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇش

日期:2022年07月16日
来源:天山网
【字体:

ئىختىيارىي مۇخبىرلارليۇ خۇڭۋېن، ۋېي بەينىڭ

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، باي ناھىيەسىنىڭ داۋانچى باشقۇرۇش كومىتېتى كۆتەكتۇر كەنتىدىكى بىر دېھقان ھويلىسىدا، كەنت ئاھالىسى زايىتئاۋۇت ياخشى قېرىندىشىجاۋ شياۋرۇڭنى ساقلاۋاتاتتى.

«نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن جاۋ شياۋرۇڭنى ئۆيۈمگە كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغانىدىم، يەنە ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئالايىتەن سېتىۋالدىم»زايىت خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

25 يىلدىن بۇيان، بۇ ئىككىيلەن بىر-بىرىنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش داستانىنى پۈتۈپ چىققانىدى.

1997-يىلى قىشتا، جاۋ شياۋرۇڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ باي ناھىيەسىگە كېلىپ، مىلىچمال سېتىۋېلىش-سېتىش ۋە يەر تېرىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ. بىر كۈنى، جاۋ شياۋرۇڭ كۆتەكتۇر كەنتىدىكى زايىتنىڭ ئۆيىگە مىلىچمال سېتىۋالغىلىكەلدى، ئىككىيلەن مال سېتىۋېلىش-سېتىش جەريانىداكونا تونۇشلاردەكناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىيلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇردى،دوستلۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

زايىت مۇنداق دەيدۇ: «جاۋ شياۋرۇڭ مېنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغقىنىم، ئۇنىڭ بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغاندىنبۇيان، ئۇ دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا ياردەم بەردى، ئائىلەمنىڭ بېيىشىنى ئۇنىڭدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.» جاۋ شياۋرۇڭنىڭ گېپىنى قىلغاندا، زايىتنىڭ كۆزلىرىدىن تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى.

جاۋ شياۋرۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بايغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا زايىت بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئۆزئارا تونۇشۇش، بىلىشىش جەريانىدا، ئۇ زايىتنىڭ سەمىمىيىتىدىن تەسىرلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ھېيت-بايراملاردا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا يوقلىشىپ، ھال-ئەھۋال سورىشىپ تۇرغان.

1998-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۈزبەرگەن بىر ئىش جاۋ شياۋرۇڭنىڭ ئېسىدىن زادىلا چىقمايدۇ. شۇ يىلى، ئۇ باي ناھىيەسىنىڭ قاراباغ يېزىسىغا مال ئاپارغىلى بارغان، قايتىپ كېلىۋاتقاندا قېلىن قار يېغىپ، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلى قار ئازگىلىغا پېتىپ قالىدۇ، ئۇ تىت-تىت بولۇپتەرەپ-تەرەپتىنئادەم ئىزدەپ، ئاران دېگەندە بىر قويچىنى تېپىپ، زايىتقا خەۋەر يەتكۈزىدۇ.زايىتئىشتىن خەۋەر تېپىپلادەرھال ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ، گۈرجىكىنىئېلىپ ياردەمگە بېرىپ، تاكى يېرىم كېچىگىچە ھەپىلىشىپئاندىن ئاپتوموبىلنى ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ.

«شۇنىڭدىن كېيىن، مەن زايىتنى ئاكام، دەپ بىلدىم، مەيلى ئۇ قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسۇن، مەن قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمەن» دېدى جاۋ شياۋرۇڭ، زايىت ئائىلىسىنىڭ كۆكتاتلىقى، بېغى ۋە ئېتىز بېشى ئۇ ھەر قېتىم كەلگەندە بارىدىغان جاي بولۇپ قالغان.

جاۋ شياۋرۇڭ تېرىقچىلىق ماھىرى بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم كەلگەندە زايىتقا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، زايىتنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينى ۋە چوڭ ئېتىزلىرىدا تۈرلۈك كۆكتاتلار تولۇق بولۇپ، ئوبدان ئۆستى. بۇيىللاردا، جاۋ شياۋرۇڭنىڭ قولمۇقول يېتەكلىشى بىلەن، زايىت كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، كىرىمىنى يىلمۇيىل ئاشۇردى.

بېيىغان زايىت جاۋ شياۋرۇڭنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ دائىم دېگۈدەك جاۋ شياۋرۇڭنى ئۆيىگە كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلاتتى. ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە، ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن قۇچاقلىشىپ، ئۆزئارا ئەھۋاللىشاتتى، مۇڭدىشاتتى، ئىككىيلەن بىر يەرگە كەلسە دائىم گېپى تۈگىمەي قالاتتى.

ئۇلار تونۇشۇپ ئارىلىشىپ كەلگەن 25 يىل جەريانىدىكىئىشلار توغرىسدا توختالغاندا،زايىت مۇنداق دېدى: قانچە ئارىلاشقانسېرىجاۋ شياۋرۇڭغا بولغان چۈشەنچەم شۇنچە چوڭقۇرلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر ياخشى قېرىنداشلاردىن بولىمەن» دېدى.