«ئازادلىق ئارمىيە قىزىمىزغا گۈزەل ھايات بېغىشلىدى»

日期:2022年07月11日
来源:天山网
【字体:


 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جېڭ جيايى

5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى كەچ، 12 ياشلىق شياۋدى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ناركوزدىن ھوشىغا كېلىپ، ئاستا ـ ئاستا ئىككى كۆزىنى ئاچقاندا، ئۇ ئىللىقلىققا ۋە كۆيۈنۈشكە تولغان بىر جۈپ كۆزنى كۆردى. «بالام، بۇنىڭدىن كېيىن سىز يولنى ياخشى ماڭالايسىز!» دېدى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 ـ تارماق دوختۇرخانا ئومۇرتقا تۈۋرۈكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ بو.

بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، شياۋدىنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇ كېسەل كارىۋىتى يېنىدا تۇرغان ئاپىسىنىڭ ئاغزىنى بوش توسقىنىچە تارام ـ تارام بەخت ياشلىرىنى ئاققۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

شياۋدى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شاخاپ يېزىسىدىن كەلگەن بولۇپ، 12 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمىغاچقا بەدىنى غەيرىي شەكىلدە بولۇپ قالغانىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ ئاغرىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتتى. ئاپىسى ئۇنى نۇرغۇن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئىككى قېتىم بەدەن شەكلىنى تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى ياخشى بولمىغانىدى.

شياۋدى ئۆگىنىشتە تىرىشچان، جاپادىن قورقمايدىغان بولۇپ، سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى ئىدى، نەتىجىسى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. لېكىن جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك سەۋەبلىك ئۇ دائىم باشقىلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى، گەپ قىلغاندىمۇ ھەمىشە كۆزىنى قاچۇراتتى.

چېچەن ئەمما ئۆزىنى كەمسىتىدىغان قىزىغا قاراپ شياۋدىنىڭ ئاپىسى كۈنبويى: «كېيىن ئۇ چوڭ بولسا قانداق قىلار؟» دەپ غەم قىلاتتى.

تەقدىر ھامان تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھاياتقا ئېتىبار بىلەن قارايدۇ.

بۇ يىل 4 ـ ئايدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 950 ـ دوختۇرخانىسىغا كېلىپ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم قىلىش ـ يۆلەشنى قانات يايدۇردى. شياۋدىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شياۋدىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەندىن كېيىن، خۇاڭ بونىڭ كۆڭلىدە ئىشەنچ پەيدا بولدى، ئۇ بالىنىڭ ئاپىسىغا مۇنداق دېدى: «بىزگە ئىشىنىڭ، شياۋدى نورمال بالىلارغا ئوخشاش بولۇپ كېتىدۇ».

دوختۇرنىڭ سەمىمىي، چىن ھېسسىياتقا تولغان «ۋەدە»سىنى ئاڭلاپ، شياۋدىنىڭ ئاپىسى ناھايىتى ھاياجانلاندى، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ كەلگەن چوڭ غەم ئاخىر تۈگەيدىغان بولدى.

خۇاڭ بونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ يانغا ئېگىلىشى ئېغىرلاشسا يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يېتىدىكەن، ھەتتا يىلىككە تەسىر كۆرسىتىپ، پالەچ بولۇپ قالىدىكەن. «گەرچە ئوپېراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، بەلگىلىك خەۋپ ـ خەتىرى بولسىمۇ، لېكىن شياۋدى ئۈچۈن، بىز پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىشقا سالىمىز» دېدى خۇاڭ بو.

شياۋدىنىڭ قان تىپى ABتىپلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوپېراتسىيە جەريانىدا قان ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ، ئوپېراتسىيە ۋاقتىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 950 ـ دوختۇرخانىسى پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنى ئاكتىپ قان تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. خۇاڭ بو داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى چۇڭچىڭدىن مەخسۇس ھاۋالىلىك توشۇتۇپ كەلدى. دوختۇرخانا بويىچە ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى مۇھاكىمە يىغىنى نەچچە قېتىم ئېچىلدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە شياۋدىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ھەم داۋالاش لايىھەسىنىڭ تەپسىلاتىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئىنتايىن تەپسىلىي بولغان ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

ئوپېراتسىيە ۋاقتى ئەڭ ئاخىرىدا 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىگە بېكىتىلدى.

5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپىسى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ كۆيۈنۈش نەزەرى ئىچىدە، شياۋدى ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئاستا ـ ئاستا ئېلىپ كىرىلدى. «ئوپېراتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن كۆرسەتكۈچ چىراغ ساق سەككىز سائەت يورۇپ تۇردى. بۇ ئارىلىقتا، سېسترالار پونكىتىدىكى تېلېفون پات ـ پات جىرىڭلاپ تۇردى، ئوخشاش بولمىغان بۆلۈمدىكى تېببىي خادىملار تېلېفون قىلىپ، ئوپېراتسىيەنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىدى. قان مىقدارىنى ۋاقتىدا تولۇقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قان تىپى AB تىپلىق نۇرغۇن تېببىي خادىم دوختۇرخانىدىن ئايرىلماي، ھەر ۋاقىت قان تەقدىم قىلىشقا تەييار تۇردى.

ۋاقىت بىر مىنۇت، بىر سېكۇنتتىن ئۆتمەكتە ئىدى. كەچكى شەپەق دېرىزىدىن ئۆتۈپ كىشىلەرنىڭ يۈزىگە چۈشكەندە، ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ كۆرسەتكۈچ چىرىغى ئۆچتى. ساقلىغىلى ئۇزاق بولغان تېببىي خادىملار ۋە ئائىلە تەۋەلىرى دەرھال ئولىشىپ كەلدى. ئىشىك ئاستا ئېچىلدى، شياۋدى ئوپېراتسىيە كارىۋىتىدا ياتاتتى، ناركوز قىلىنغان بولغاچقا ئۇ ناھايىتى قاتتىق ئۇخلاۋاتاتتى. دوختۇرلارنىڭ چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ھەممىسىنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلىنەتتى. «ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى!» خۇاڭ بونىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا، شياۋدىنىڭ ئاپىسى ئاخىرى خاتىرجەم بولۇپ، كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى.

«قىزىمىزنىڭ ئوپېراتسىيەسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى...» بىرىنچى ۋاقىتتا، شياۋدىنىڭ ئاپىسى تېلېفون ئارقىلىق بۇ خۇش خەۋەرنى دوختۇرخانا سىرتىدا تىت ـ تىت بولۇپ ساقلاۋاتقان ئېرىگە ئېيتتى. قارشى تەرەپ تېلېفوندا بىرنەچچە سېكۇنتقىچە توختاپ قالغاندىن كېيىن، تېلېفوندىن بوغۇق ئاۋاز ئاڭلاندى: «ماڭا ۋاكالىتەن تېزدىن خەلق ئازادلىق ئارمىيە دوختۇرلىرىغا رەھمەت ئېيتىڭ، ئۇلار قىزىمىزغا گۈزەل ھايات بېغىشلىدى، ئازادلىق ئارمىيە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ شەپقەتچىسى».