​«بۇ دوستلۇق مېھرىنى بىر ئۆمۈر ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدۇ»

日期:2022年07月08日
来源:天山网
【字体:

جياڭسۇلۇق شوپۇر شىنجاڭغا كېلىپ ئىككى قېرىندىشىنى يوقلىدى

​«بۇ دوستلۇق مېھرىنى بىر ئۆمۈر ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ ليۇچىڭ

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجوۋ شەھىرى پېيشيەن ناھىيەسىدىكى شوپۇر جاۋ شۈلېي خوتۇنى ۋاڭ سۈينى ئېلىپ پويىزغا ئولتۇرۇپ كورلا شەھىرىگە كېلىپ، ئۆزىگە ياردەم بەرگەن چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى مەنسۇر پەتتار بىلەن مەمەت نۇردۇننى يوقلىدى. ئۇنىڭ ئىزچىل ئويلاپ كەلگەن شىنجاڭغا كېلىپ ئىككى قېرىندىشىنى يوقلاش ئارزۇسى بۇ يىل تومۇزدا ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى.

2021 - يىلىنىڭ ئاخىرى، پېيشيەن ناھىيەسىدىكى شوپۇر جاۋ شۈلېي كورلىدا يۈك قاچىلاۋاتقاندا، سول كۆزى تاسادىپىي يارىلاندى، كورلا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى مەنسۇر بىلەن مەمەت «ئۆز خىراجىتى بىلەن ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ» 4700 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئاپتوموبىلىنى شۈجوۋدىكى يۇرتىغا ئاپىرىپ بەردى. بۇ ئىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن تاراتقۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەرقايسى جايلاردىكى ئوقۇرمەنلەر بەس - بەستە تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان بۇ دوستلۇق مېھرىنى ئالقىشلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇق گۈللىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىپايان زېمىنىدا پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى مەدھىيەلىدى.

كورلا شەھىرىگە كەلگەن كۈنى، ئىككى قېرىندىشى بىلەن يېرىم يىلدىن كېيىن قايتا كۆرۈشكەن جاۋ شۈلېي خۇددى ئۆيىگە قايتقاندەك ھېسسىياتتا بولدى.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، مەنسۇر بىلەن مەمەت پېيشيەن ناھىيەسىدىكى قېرىندىشى جاۋ شۈلېينىڭ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كۆپچىلىكنىڭ جەم بولۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يۈك توشۇش ۋاقتىنى تەڭشىدى.

«قېرىندىشىم، شىنجاڭغا كەلگەنلىكىڭىزدىن بەك خۇشال بولدۇق، خاتىرجەم تۇرۇۋېرىڭ، قايتىپ كېتىشكە ئالدىرىماڭ» دېدى قېرىنداشلار جەم بولغاندا مەنسۇر بىلەن مەمەت جاۋ شۈلېينى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ.

«قېرىندىشىم، سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ، ئىلگىرىكىدىن ئازراق سەمرىپ قاپسىز. كۆزىڭىزنى ئوبدان داۋالىتىڭ، يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىيەلمىسىڭىز، بىز سىزگە ياردەم قىلىپ بىرلىكتە ئامال تاپايلى. يۇرتىڭىزدا شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى كىچىك تاللا بازىرى ئاچسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىز سىزگە مال مەنبەسى تېپىپ بېرىمىز» دېدى مەنسۇر.

«ئاۋۋال ئوبدان ئارام ئېلىڭ، بۇ يەر سىزنىڭ ئۆيىڭىز.» مەمەتنىڭ خوتۇنى ئاينىسا كېرەم ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، جاۋ شۈلېي ئەر - خوتۇننىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى بىلگەندىن كېيىن، بىر ئۈستەل مەززىلىك تائام تەييارلىدى.

ۋاڭ سۈي شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. «مېنىڭچە بۇ ئۆمۈرلۈك رىشتە، شۇنداقلا تېپىلغۇسىز دوستلۇق مېھرى، بىز چوقۇم ياخشى قەدىرلەيمىز» دېدى ۋاڭ سۈي.

كورلىغا كەلگەندىن كېيىن، مەنسۇر بىلەن جاۋ شۈلېي ئىككى ئائىلە كىشىلىرى كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى شياۋلەنگەن كەچلىك بازىرىغا كەلدى، جاۋ شۈلېي ئەر - خوتۇن شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدى. نەشپۈت دەرىخى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرى − جياۋماجى، كاۋاپ، بېلىق كاۋىپى، قېتىق زۇڭزا قاتارلىقلارنى تېتىدى، مۇزدەك سوغۇق كۇۋاس ئۇلارنى گۈزەل ياز كېچىسى ھۇزۇرىغا چۆمدۈردى. مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتكەندە، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى كەچلىك بازاردىكى كىچىك مەيداندا ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە خۇشال ھالدا مىللىيچە ئۇسسۇلغا چۈشتى...

«بەك قىزىپ كەتتى، بۇ يەرنىڭ كەيپىياتى يۇرتىمىزدىكى كەچلىك بازارنىڭكىدىن تېخىمۇ قويۇق ئىكەن، كۆپچىلىك ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى بەك تاتلىق ئىكەن، مەززىلىك تائاملىرىمۇ بەك كۆپ ئىكەن.» ۋاڭ سۈي مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە كۈندە، مەنسۇر بىلەن مەمەت ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىز ئۈچۈن مول زىياپەت تەييارلاپتۇ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى يەنە تالىشىپ تۇرۇپ بىزنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قوندۇردى، تەسىرلەنگىنىمدىن كۆزۈمگە ياش ئالدىم.

جاۋ شۈلېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇزۇن يوللۇق يۈك توشۇش بىلەن شۇغۇللىناتتىم، شىنجاڭغا كەلگەندىكى تەسىراتىم ھەممىدىن بەك ياخشى بولدى. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، بۇلتۇر يەنە مۇشۇنداق مەرد، مېھىر - شەپقەتلىك شىنجاڭلىق قېرىنداشلار بىلەن تونۇشتۇم، بىر ئائىلە كىشىلىرى بولمىساقمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىنمۇ بەكرەك يېقىن ئۆتىمىز، بۇ، ئۆمۈرلۈك دوستلۇق مېھرى.

مەمەت مۇنداق دېدى: «قېرىندىشىمىز شۇنچە يىراقتىن شىنجاڭغا كەپتۇ، يېقىندا مەنسۇر ئىككىمىز قولىمىزدىكى ئىشنى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇردۇق، تۈنۈگۈن مەنسۇرنىڭ ئۆيىدە جەم بولدۇق، بۈگۈن، ئەتە جاۋ شۈلېي بىزنىڭ ئۆيگە بارىدۇ.» مەمەت بىلەن خوتۇنى يەنە ئۈچ ئائىلە كىشىلىرى بىللە ساياھەتكە چىقىپ بايىنبۇلاققا ھەم كۈنەس ئورمانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، يىراقتىن كەلگەن قېرىندىشىغا شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇرۇشنى پىلانلىدى.

جاۋ شۈلېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، مەنسۇر بىلەن مەمەت 10 مىڭ چاقىرىمغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىمنى پېيشيەن ناھىيەسىگە ھەيدەپ ئاپىرىپ بەردى، كۆپچىلىك باھار بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزەلمىدۇق. بۇ قېتىم ئۈچ ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ، شىنجاڭدا قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزەلەيدىغان بولدۇق. بۇلتۇرقى ئارزۇيىمىز بۇ يىل ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.

«شىنجاڭ مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم، چوقۇم پات - پات كېلىپ يوقلاپ تۇرىمەن، شىنجاڭدىكى قېرىنداشلار مېنىڭ مەڭگۈلۈك ياخشى قېرىنداشلىرىم، بۇ دوستلۇق مېھرىنى بىر ئۆمۈر ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدۇ» دېدى جاۋ شۈلېي.