«پەن يۈليەن مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسى»دىن چېچىلغان مۇھەببەت ئۇرۇقى

日期:2022年06月26日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\دۇ گاڭ، فاڭ جۈنۋېي

5 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، 80 ياشلىق پەن يۈليەن ئېھتىياتسىزلىقتىن داس سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ بالىسى دەپ قارايدىغان ئون نەچچە كىشى نۆۋەتلىشىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا قاراۋاتقان ھۆرىگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالام بولمىغان بولسا، موماينىڭ ھالىدىن تاكى دوختۇرخانىدىن چىققۇچە خەۋەر ئالغۇم بار ئىدى.

كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە، پەن يۈليەن 20 نەچچە يىل مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسى ئېچىپ، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا خالىس يېتەكچىلىك قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، بالىلار چوڭ بولۇپ، پەن يۈليەن موماينى يېقىن تۇغقىنى دەپ قاراپلا قالماي، يەنە مېھىر ـ شەپقەتنى داۋاملاشتۇردى. يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى مەھەللە، يېزا ـ بازارلاردا «پەن يۈليەن مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسى» كەينى ـ كەينىدىن ئېچىلىپ، بىر قىسىم مەھەللە كادىرلىرى، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىقلار پەن يۈليەننىڭ بالىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشىنى قولىغا ئالدى.

مۇھەببەت ئۇرۇقىنى تېرىش

1992 ـ يىلى، يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىدا تېخى كەڭ يوللار، رەتلىك سېلىنغان بىنالار يوق ئىدى، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ ھازىرقىغا ئوخشاش بىرقەدەر مۇكەممەل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش قاتارلىق يۇمشاق، قاتتىق دېتال شارائىتى ھازىرلانمىغانىدى.

ئەينى ۋاقىتتا، 50 ياشلىق پەن يۈليەن يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىشەھەر رايونى مەھەللىسىدىكى كىچىك بىر قەۋەتلىك ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئۇ قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، دەرەخكە يامىشىپ، لاي ئېتىشىپ ياكى سۇ ئازگاللىرىنى كېچىپ ئوينايدىغانلىقى، ئۇلارغا قارايدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى.

كىچىكىدىن باشلاپلا كىچىك دەرسخانىدا ئۆگىنىش قىلغان رابىگۈلنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا يېڭىشەھەر رايونى مەھەللىسىدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇرمۇشى نىسبەتەن قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى، چوڭلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت قىلىپ ئۆيىگە ناھايىتى كەچ قايتىدىغان بولغاچقا، بالىلىرىغا تاماق ئېتىپ بېرىشكە چولىسى تەگمەيتتى، بالىلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.

دادىسى خەنزۇ مىللىتىدىن، ئانىسى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان پەن يۈليەن شۇ يەردىكى خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ياش ۋاقتىدا تەرجىمانلىق قىلغان، پارچە ـ پۇرات ئىشلارنىمۇ قىلغان بولۇپ، بىلىمنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن.

قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرىغا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇشىغا «چىداپ تۇرالمىغان» پەن يۈليەن مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسىنى ئاچتى.

20 ـ ئەسىرنىڭ 50 ـ يىللىرى سېلىنغان كېسەك ئۆيگە بىر ئۈستەل، بىر دوسكا قويۇلدى، ئەڭ دەسلەپكى بەش بالىدىن بەش يىللىقنىڭ ھەممىسىنى قاپلىغان نەچچە ئون بالىغىچە... ئۆيگە پاتمىغاندا، پەن يۈليەن ھويلىدىكى چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىدا بالىلارنىڭ تىل ـ ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ۋە چەت ئەل تىلى دەرسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

كونا قوشنىسى رەيھانگۈل ياسىن كىچىك دەرسخانىنىڭ نەچچە ئوقۇغۇچىدىن نەچچە ئون ئوقۇغۇچىغا كۆپىيىش جەريانىغا گۇۋاھ بولدى، يەنە پەن يۈليەن دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا گۇۋاھ بولدى: ئۇ ئۆيىدىكى ئەڭ چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ، كىچىك دەرسخانىغا ئۆزگەرتتى، ئۆزى ئون كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر كىچىك ئۆيدە تاماق ئېتىپ يېدى، يېتىپ قوپتى.

«پەن مومام تىل ـ ئەدەبىيات دەرسىنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئۆگىتەتتى، مەكتەپتە ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى چۈشەنمىگىنىمىزدە، كىچىك دەرسخانىدا ھەممىسى ھەل بولاتتى. ئەگەر پەن مومام بىزنىڭ ئاساس تىكلىشىمىزگە ياردەم قىلمىغان بولسا، مەن ياخشى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بولاتتىم، مۇقىم بىر خىزمىتىمنىڭ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دېدى رابىگۈل.

پەن يۈليەننىڭ مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسى شۇ ئېچىلغانچە 27 يىل داۋاملاشتى، تاكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىغىچە، پەن يۈليەن يەنە بالىلارغا دەرس ئۆتۈشتە چىڭ تۇردى.

ئۇنىڭ ئۆيىدە 4A قەغەزدە تۈپلەنگەن قېلىن بىر توپلام بار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇ ئوقۇتقان 2000دىن ئارتۇق بالىنىڭ ئىسىم ـ فامىلىسى، ئائىلە باشلىقىنىڭ ئالاقىلىشىش شەكلى، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىپادىسى، ئائىلە باشلىقىنىڭ پىكرى قاتارلىق ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن. «پەن موماينىڭ دەرسخانىسىدىن ئوقۇپ چىققان بالىلار پەزىلەت ۋە خىزمەت جەھەتتە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.» كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەيتتى.

«پەن موماينىڭ دەرسخانىسىدا، ھەمىشە ئويلاپ باقمىغان ياخشى يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تېگەتتۇق، ناننى تاتلىق چايغا چىلاپ يېسەك باشقىچە تېتىپ كېتەتتى، بەزىدە يەنە قەنت ـ گېزەككىمۇ ئېغىز تېگەتتۇق، ئۇ يەنە بىر ئالمىنى نەچچىگە پارچىلاپ بىزگە بېرەتتى. بالىلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا، بىر قېرىنداش، بىر تاپشۇرۇق دەپتىرىگە ئېرىشەتتى.» شەمشىنۇر مەمەت ھازىر شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا سېسترا بولۇپ، ئۇمۇ ئىلگىرى مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان پەن يۈليەن يەنە كېسەل بىلەن مېيىپ بولۇپ قالغان ئوغلى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نەۋرە قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسىنىڭ ئوشۇقچە چىقىملىرى قەيەردىن كەلگەن؟

ئەسلىدە، مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسى ئېچىلغاندىن باشلاپ، پەن يۈليەن ھەر كۈنى دېگۈدەك چۈشتىن بۇرۇن كېرەكسىز بۇيۇملارنى تېرىپ ساتقان. «پەن مومامنىڭ قانداق قىلىپ پۇل چىقىرىپ بىزگە ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگۈزگەنلىكىگە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ» دېدى رابىگۈل.

ئائىلە باشلىقلىرى پەن يۈليەننىڭ ئەجرىگە قاراپ تۇرماي، ئۇنىڭغا بىرئاز پۇل بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ئۆزۈمنىڭ بالىلىرى تۇرسا، پۇل ئالسام قانداق بولىدۇ.» ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ياخشى كۆڭلىنى رەت قىلدى. قوشنىلار ئامالسىز نان، چوڭ داستا پولۇ ئەكېلىپ بەردى، بەزى قوشنىلار تۇيدۇرماي ئۇنىڭ كارىۋىتىغا ئازراق پۇل قىستۇرۇپ قويدى.

مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش

يېقىنقى ئىككى يىلدا يۇقۇمنىڭ تەسىرى ھەم پەن يۈليەننىڭ مېڭە يىگلەش كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بارغانسېرى روشەنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسى بىر مەزگىل توختاپ قالدى. يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئورتاق ياردەم بېرىشى بىلەن، يېپيېڭى قىياپەتتىكى «پەن يۈليەن مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسى» ئېچىلدى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بوۋاڭ مەھەللىسىگە بارغاندا، «پەن يۈليەن مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسى» دېگەن بىرنەچچە چوڭ خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئاستىغا يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتايلى، دەسلەپكى تەربىيەدىن باشلايلى» دەپ يېزىلغانىدى.

بۇ يەردە بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ئۆگىنىش ئۆيى بولۇپلا قالماي، يەنە پائالىيەت ئۆيىمۇ بار. مەھەللە يەنە پەن يۈليەنگە تازىلىق ئۆيى بار ياتاق ھازىرلاپ بەردى.

ھازىر كىچىك دەرسخانىغا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بىر ئوقۇغۇچى مەخسۇس تەكلىپ قىلىندى، ئۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەسىلەن، ئۇسسۇل ئويناش، رەسىم سىزىش قاتارلىقلار.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن مەھەللە، يېزا ـ بازاردا «پەن يۈليەن مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسى» كەينى ـ كەينىدىن قۇرۇلدى. بەزى جايلارنىڭ مەخسۇس ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشقا شارائىتى يار بەرمىگەچكە، مەھەللە ۋە كەنتتىكى كادىرلار قوشۇمچە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىقنى ئۈستىگە ئالدى.

ناھىيە بازىرىدىن ئاپتوموبىل بىلەن بىر سائەتتە بارغىلى بولىدىغان تازغۇن يېزىسىنىڭ تاشچىئېرىق كەنتىدە «پەن يۈليەن مېھىر ـ شەپقەت كىچىك دەرسخانىسى»نىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مىرەن قاتارلىق كادىرلار قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى. مىرەن مۇنداق دېدى: پەن يۈليەننىڭ ئىش ئىزلىرىغا قايىل بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كەنتىمىز كىچىك دەرسخانىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.

بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، 80 ياشلىق پەن يۈليەننىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن داس سۆڭىكى سۇنۇپ كەتتى، قەشقەر شەھەرلىك 1 ـ خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى لى ماۋجاۋ مۇنداق دېدى: سۆڭگەچ بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغاندىن كېيىن، پەن يۈليەننىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلدى، ئۇ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا پائال ماسلاشتى.

پەن يۈليەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ھۆرىگۈل مەمەت دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن موماينىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىشىغا ياردەملەشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كىچىك ۋاقتىدا پەن يۈليەن ئۇنىڭ ھالىدىن ئۇزاق مەزگىل خەۋەر ئالغاچقا، ئۇنى خۇددى ئۆز مومىسىدەك كۆرىدىكەن.

كېسەلخانىدا پەن يۈليەن ھۆرىگۈل مەمەتكە قايتا ـ قايتا مۇنداق دېدى: «بۇ ئۆمرۈمدە قۇربىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشتىم، بالىلارمۇ ماڭا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياخشىلىق قىلدى».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)