مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان چوڭ ئائىلە

日期:2022年06月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

يېقىندا، باغراش ناھىيەسى چېكىننۇر يېزىسى چېكىننۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روشەنگۈل مەمەتنىڭ 30 نەچچە ياشلىق ئوغلى شيې جۈن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ كورلا شەھىرىدىن ئۆيىگە قايتىپ ئاتا - ئانىسىنى يوقلىدى. روشەنگۈل ئەر - خوتۇن بىر جوزا ئوخشىغان تاماقلارنى ئەتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ، خۇشال - خۇرام مۇڭداشتى.

«ئاپامغا ئاسان ئەمەس، بىز ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى، ھازىر چوڭ بولدۇق، ئەمدى ئاپام بىلەن دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى» دېدى شيې جۈن.

روشەنگۈلنىڭ ئائىلىسى بىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى». 1983 - يىلىدىن باشلاپ، روشەنگۈل بىلەن ئېرى تۇرسۇن قاسىم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەر مىللەتتىن بولغان بەش بالىنى بېقىپ، تۆت ئىگە - چاقىسىز ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، باغراش ناھىيەسىدە تىللاردا داستان بولدى.

1997 - يىلى، ئائىلىسى چېكىننۇر يېزىسى موغەتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق شيې جۈن 12 ياشتا ئىدى. بىر قېتىم قىشتا مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، شيې جۈن روشەنگۈلنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىگە مۆكۈۋېلىپ، قېتىپ قالغان قۇرۇق ناننى غاجىلاپ ئولتۇرغانىدى. روشەنگۈلنىڭ ئوغلى، شيې جۈننىڭ ساۋاقدىشى ھەمدۇللا تۇرسۇن ئۇنى بايقاپ قېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى. روشەنگۈل شيې جۈنگە پولۇ ئېتىپ بەردى، ئۇ شيې جۈننىڭ خاتىرىسىدىكى ئەڭ مەززىلىك بىر ۋاق تاماق ئىدى.

«كىچىك ۋاقتىمدا ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا، دائىم قورسىقىمىز تويمايتتى، روشەنگۈل ئاپام ئاتا - ئانام بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مەن روشەنگۈل ئاپامنىڭ ئۆيىدە تۇردۇم» دېدى شيې جۈن.

شيې جۈندە ئالاھىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇكى، روشەنگۈل ئەر - خوتۇن بېقىۋالغان بالىلىرىغا ئۆز بالىسىدىنمۇ بەكرەك كۆيۈنەتتى، شيې جۈن ۋە بېقىۋېلىنغان بالىلار يېڭىراق ئۆيدە تۇراتتى، ئۆزىنىڭ بالىلىرى ئاتا - ئانىسى بىلەن يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە تۇراتتى.

شيې جۈن بۇ ئۆيدە يەتتە يىل تۇردى، ئۇ تويغۇدەك تاماق يەپلا قالماي، ھەر يىلى يەنە يېڭى كىيىم كىيەلەيتتى، ئەمما روشەنگۈل ئەر - خوتۇننىڭ ئۆز بالىلىرى دائىم كونا كىيىملەرنى كىيىپ يۈرەتتى. «دادام، ئاپام بىزنى تويغىچە يېسۇن دەپ ئۆزلىرى تويغۇدەك تاماق يېمەيتتى، بۇنى كۆرۈپ بىزنىڭمۇ يۈرىكىمىز ئېچىشاتتى، بەزىدە سىرتقا چىقىپ پارچە - پۇرات ئىشلارنى قىلىپ، تاپقان پۇللىرىمىزنى ئاپامغا بەرسەك، ئاپام ھەرگىز ئالغىلى ئۇنىماي، بىزنى ئۆزۈڭلار خەجلەڭلار دەيتتى» دېدى شيې جۈن ئەسلەپ تۇرۇپ.

ئەمەلىيەتتە، روشەنگۈل يېڭى توي قىلغاندا، ئائىلىسىدە 16 مو يەر، نەچچە ئون قوي، يەنە تىراكتور، موتوسىكلىت، تېلېۋىزور قاتارلىقلار بار بولۇپ، تۇرمۇشى خېلى ياخشى ئىدى. ھالبۇكى توي قىلىپ 3 - يىلى ئۈچ ياشلىق قىزى مۇنەۋەر ھوشۇرنى تۇنجى قېتىم بېقىۋالغاندىن كېيىن، يەنە ئارقا - ئارقىدىن تۆت ئىگە - چاقىسىز ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچقا، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى سەل مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. شۇڭا ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن تەرەپ - تەرەپتە پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە ئۆيىدىكى قوي - كالىلىرى ۋە پۇلغا يارىغىدەك نەرسىلىرىنى سېتىۋەتتى.

چېكىننۇر يېزىسى لاخەننۇر كەنتىدىكى 90 نەچچە ياشلىق ئەخەت ئوسمان ئىگە - چاقىسىز ياشانغان كىشى بولۇپ، روشەنگۈل ئۇنىڭ ھالىدىن بەش يىل خەۋەر ئالدى، كېيىن كەنت بوۋاينى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. بۇ يىل 3 - ئايدا ئەخەتنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا، روشەنگۈل ئۇنى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىن ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ كۈتۈپ، ئاخىرىدا يەنە دەپنە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

بالىلارنى بېقىش ۋە ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئەسلىدە تۇرمۇشى خېلى باياشات ئۆتىدىغان روشەنگۈل كۆپ جاپا تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىدى.

«نېمىگە پۇشايمان قىلىمەن، بالىلار بىر - بىرلەپ چوڭ بولدى، نەۋرىلىكمۇ بولدۇم، قارايدىغان ئادىمى يوق ياشانغانلار مېنى كۆرسىلا كۈلىدۇ، مەنمۇ خۇشال بولىمەن.» روشەنگۈل مۇنداق دېدى: «دادام پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى، كىچىك ۋاقتىمدا دائىم دادامنىڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم، دادامنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ كومپارتىيە ئەزاسى بولدۇم. ھېچكىم ھالىدىن خەۋەر ئالمىغان، ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان بالىلار ۋە ياشانغانلارنى كۆرسەم، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ، ھەممىسىگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن».

ئۆز بالىلىرىغا نىسبەتەن روشەنگۈل ناھايىتى خىجىللىق ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ كىچىك قىزى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە بارالمىدى. ھەر قېتىم بۇ ئىش تىلغا ئېلىنغاندا، روشەنگۈل ئازابلىنىش ھېسسىياتىنى يوشۇرالمايدۇ.

ئىلگىرى روشەنگۈل بىلەن 30 نەچچە يىل قوشنا بولغان گاۋ شيۇجېن بۇ بىر چوڭ ئائىلە كىشىلىرىگە قاراپ، دائىم بېرىپ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ياردەملىشەتتى، ئۆيىدە ياخشى تاماق ئەتسىلا روشەنگۈل ئائىلىسىگە بىر كىشىلىك ئاپىرىپ بېرەتتى، بالىلار ئوقۇش باشلىغاندا، ئۇ يەنە دائىم ئامال قىلىپ پۇل يىغىپ ئاپىرىپ بېرەتتى.

روشەنگۈل مۇخبىرغا ئۆز ئىنىسىنىڭمۇ بىر ئىگە - چاقىسىز ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل يەنە يېزا تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېيتتى.