كۇچا ناھىيەسى: نامراتلارنى يۆلەش توخۇلىرىنىڭ «ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان دوختۇرى» بار بولدى

日期:2019年04月03日
来源:天山网
【字体:

«كۆپچىلىك ئەنسىرىمەڭلار، دوختۇر ھەممىڭلارنىڭ توخۇلىرىغا ۋاكسىنا ئەملەپ بولغاندىن كېيىنئاندىن قايتىدۇ!» ئاللىقاچان كېچە سائەت 11 بولدى، كۇچا ناھىيەسى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئارا مەھەللە كەنتىدىكى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈ تېخىچەئاخىرقى ئىككى ئائىلىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توخۇلىرىغاۋاكسىنا ئەملەشنىتەشكىللەۋاتاتتى.

ئارا مەھەللە كەنتى ئەمدىلا «نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان» نامرات كەنت، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاز، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى تۆۋەن. كۇچا ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «ھويلا-ئاران ئىگىلىكى» تۈرىگە بىرلەشتۈرۈپ، 50 نامرات ئائىلىگە نامراتلارنى يۆلەش توخۇسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. يېقىندا خىزمەت ئەترىتى زىيارەت جەريانىدا، بىر قىسىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توخۇسىدا ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى، گەرچە بۇ ئەھۋال كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشنى قوزغىدى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرئاكتىپلىق بىلەنناھىيەلىك مال دوختۇرلۇق پونكىتى بىلەن خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملارنى كەنتكە كېلىپ «ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش»قا تەكلىپ قىلدى، كەچ سائەت 12 گىچە، 50 نامرات ئائىلىنىڭ 900 دىن ئارتۇق توخۇسىغاۋاكسىنا ئەملەندى.

بۇ كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى غوپۇر پولات مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ خىزمىتىدەكىچىك ئىش يوق، نامرات ئاممىنىڭخىزمىتىدەكىچىك ئىش تېخىمۇ يوق، بىز ياخشى سىياسەتلەرنىڭ ئاممىغا نەپ ئېلىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز، كۆپ <يۈگۈرۈپ> ، ئاممىنى ئاز <يول ماڭدۇرىشىمىز> كېرەك. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جوۋ لېي، يۈسۈپچان توختىنىياز تەمىنلىگەن)