لوپنۇر ناھىيەسى: بەش كېزەك ئەتىيازلىق قوزا كەنت ئاھالىسىگە باي بولۇش خۇشاللىقى ئېلىپ كەلدى

日期:2019年04月02日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، لوپنۇر ناھىيەسى شىنپىڭ بازىرى شياڭياڭ كەنتىدىكى نامرات نوپۇس چېن لېينىڭ ئائىلىسىدە خۇشاللىقلار ئۈزۈلمىدى، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ئىككى ساغلىق كەينى-كەينىدىن بەش كېزەك قوزىلىدى، 20 كۈنلۈك بولغان ئەتىيازلىق قوزىلار ساغلام ھەم تېتىك بولۇپ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، چېن لېينىڭ ئۆيىدىكى بۇ كۆپ كېزەك قوزىلار ساغلىق بىلەن قارا باش قوينىڭ شالغۇت سورتى ئىكەن. ساغلىقنىڭ كۆپ كېزەك قوزىلىشى ئۆزىدىكى گېن بىلەن، يەنە قوينىڭ بېقىلىشى، ياشاش شارائىتى بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چېن لېي ئىشچان، قابىلىيەتلىك بولۇپ، ئىزدىنىشكە ھېرىسمەن ئىدى، ئۇلارنىڭ قوتىنىمۇ پاكىز تازىلانغان بولۇپ، يەم-خەشەك سېتىۋېلىش چىقىمىنى تېجەش ئۈچۈن، چېن لېي يەنە ئۆزى ئاددىي يانجىش ماشىنىسى ۋە دانىچىلاش ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ ياسىۋالغان.

«لاۋچېن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەسلىدە تۇرمۇشى ياخشى ئىدى، 2013-يىلى ئۇنىڭ ئايالى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى، كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ يەرلىرىنى سېتىۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامرات ئائىلە بولۇپ قالدى» دېدى لوپنۇر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى چېن شۇشياڭ، چېن لېي گەرچە نامرات بولسىمۇ، «ساقلاش، تايىنىش، ئېلىش»نى خالىمىغان، كەنت ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، چېن لېينىڭ ئائىلە باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەملەشكەن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ قويى 92 گە يەتكەن.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقىتىپ بەرگەندىن كىيىن، خىزمەت ئەترىتى ۋە چارۋىچىلىق پونكىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا يېتەكچىلىك قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ساغلىق يەنە ئىككى جۈپ بەش كېزەك قوزىلىدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا ئىشەنچىم ئاشتى» دېدى چېن لېي، 2018-يىلى، ئۇ 45 تۇياق قوينى قوتاندىن چىقىرىپ، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىمنى ئىشقا ئاشۇرغان، 2019-يىلى، ئۇ باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىمەكچى ئىكەن. (بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن شاڭ يۆ تەمىنلىگەن)

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ