ئونسۇ ناھىيەسى: كۆكتات لاپىسى قۇرۇلۇپ، بېيىش سىگنالى چېلىندى

日期:2019年04月02日
来源:天山网
【字体:

«بۇ تەرەپتە لازا، ئاۋۇ تەرەپتە يەنە شوخلا، يازلىق بەسەي، چەيزە... بار، ھازىر كۆكتات مايسىلىرى ياخشى ئۆسۈۋاتىدۇ، بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىنلا بازارغا سالغىلى بولىدۇ، بۇ يىل لاپاسقا تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا مەسىلە يوق!» ئونسۇ ناھىيەسى كومسۇمۇل بازىرى چاچلىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئايىمگۈل تۇنىياز پارنىك لاپىسى ئىچىدە ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىنتايىن خۇشال ئىدى.

چاچلىق كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاز، يەرلەرنىڭ شورلىشىشى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئاساسلىقى بۇغداي، كېۋەز قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تېرىيدىغان بولغاچقا، تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. ئونسۇ ناھىيەلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پۈتۈن بازارنىڭ ھەر يىلى نەچچە مىڭ توننا كۆكتاتقا ئېھتىياجلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆكتات تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاراندا كىچىك لاپاستا تېرىقچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تېرىقچىلىق شارائىتىنى ھازىرلىمىغان، تېخنىكا بىلمەيدىغان قىسمەن نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا، ناھىيەلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ 90 مىڭ يۈەن مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 960 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆكتات لاپىسىدىن بىرنى قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقى قىلىشى ئۈچۈن ھەقسىز تەمىنلىدى. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى نامرات ئائىلىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، يەر، كۆكتات مايسىسىنى ھەقسىز تەمىنلىدى، تېخنىكا جەھەتتىن ھەقسىز يېتەكچىلىك قىلدى، نامرات ئائىلىلەر پەقەت كۈندىلىك پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل بولدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازاردىكى تاللا بازارلىرى، ئاشخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆكتات تېرىشتا تېخنىكا مۇلازىمىتى، سېتىشتا يول بار بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆكتات لاپىسىدىكى كۆكتات مايسىلىرى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە، يۇمران بىخلار نېپىز يوپۇقلار ئارىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ، قۇياش نۇرى، شەبنەملەردىن بەھرىلەنمەكتە. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆكتات لاپىسى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ يېڭى ئۈمىدىنى ئېلىپ كەلدى، دېيىشمەكتە. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جوۋ ۋاڭ، ۋاڭ لىڭ تەمىنلىگەن)