مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى | «ئىشىمىز بولسىلا جاڭ جۇڭچياڭنى ئىزدەيمىز»

日期:2022年05月17日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى گۇڭ شىجيې، ۋاڭ تاۋ

«ئىشىمىز بولسىلا جاڭ جۇڭچياڭنى ئىزدەيمىز» دېدىشايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرىنىڭ گۈزەل كەنتىدىكى ئاھالە.جاڭ جۇڭچياڭ گۈزەل كەنتىدە تۇغۇلغان، 17 يېشىدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان. 1985-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ كەسىپ ئالماشتۇرغاندا نوپۇسىنى شەھەرگە يۆتكىمەكچى بولدى، لېكىن كەنتكە قايتىپ كېلىپلا قارارىنى ئۆزگەرتتى. «كەنتتىكى بالىلارنىڭيۈگۈرۈشۈپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى،مۇئەللىملەرنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى بىلدىم، بالىلارغا دەرس ئۆتكۈدەكئادەممۇيوق ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن نوپۇسۇمنى يۆتكىمەي، كەنتكە قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنى قارار قىلدىم» دېدى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى جاڭ جۇڭچياڭ شۇ چاغنى ئەسلەپ.

كەنتكە قايتقاندىن كېيىن، جاڭ جۇڭچياڭ دوست-بۇرادەرلىرىنى يىغىپ40 مىڭ پارچە كېسەك قۇيدى، ئۇ يەنە كەسىپ ئالماشتۇرغاندا بېرىلگەن پۇلغا 6000 پارچە خىش سېتىۋېلىپ، يىپيېڭىسەككىزدەرسخانا ۋە بىر ھويلا سالدى. يېڭى مەكتەپ بىناسى پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، 100دىن ئارتۇق بالىنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كەلدى.

ئۈچ يىلدىن كېيىن، جاڭ جۇڭچياڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن خوشلىشىپ، كەنت كادىرى بولدى، لېكىن ئۇ يەنىلا بالىلارنى ياد ئېتىپ تۇردى، ھەر قېتىمقى ھېيت-بايرامدا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى. 2013-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ ھەر يىلى مەكتەپكە بىر تۈركۈم ئوقۇش قوراللىرىنى ئىئانە قىلدى.

كەنت كادىرى ئەلى نىياز مۇنداق دېدى: «جاڭ مۇئەللىمنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياردەم بېرىشى بىلەن، ئوقۇشۇمنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم. كىچىكىمدىنلاجاڭ مۇئەللىمدىن ئۆگىنىپ، كۈچۈمنىڭيېتىشىچە باشقىلارغا ياردەم بېرىشئىرادىسىنىباغلىغانىدىم.»

ئۇئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چېغىدا،200 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تېرىقچىلىق قىلدى، بۇنىڭ بىلەنئۇنىڭ قولىغائاستا-ئاستا پۇل كىردى. كەنت ئاھالىلىرىگە جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالسا ئۇنىڭدىن ياردەم سورىدى، ئاز بولغاندا 1000 يۈەنكۆپ بولغاندا 60 مىڭ يۈەن بەردى ۋە ئەزەلدىنقەرز بەرگەن پۇلىغاھېچقانداقئۆسۈمئالمىدى، بەرگەن قەرزنىمۇ سۈيلىمىدى.

دېھقان ئەمەر ھاپىز ئائىلىسىنىڭيېرى ئاز، جان سانى كۆپ ئىدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇتەييارلىقى باشلانغاندا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىسېتىۋېلىشقاپۇلى كەملەپ قالدى،بۇ چاغدا جاڭ جۇڭچياڭ ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل بېرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى. «بىر قېتىم ئاكامنىڭ كېسىلىتۇيۇقسىزقوزغىلىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلدى، جاڭ مۇئەللىم تەشەببۇسكارلىق بىلەنئاپتوموبىل تېپىپ كېلىپ بىزنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، يەنە 2000 يۈەن داۋالىنىش پۇلىنى ئالدىن تۆلىدى، ماڭا ئاكامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىمنىتاپىلاپ،ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىزنىڭ بۈگۈنكى ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىمىز جاڭ مۇئەللىمنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى ئەمەر.

2017-يىلىنىڭ بېشىدا، كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ رېھىم تىراكتور سېتىۋالماقچى بولدى، لېكىن مەبلەغ يېتىشمەي قالغاچقا، جاڭ جۇڭچياڭ ئۆيىدىكى 60 مىڭ يۈەننىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بەردى؛ 2018-يىلى 6-ئايدا، كەنت ئاھالىسى قاھار رېشىت بۇغداي ئورۇش ماشىنىسى سېتىۋالماقچى بولغاندا، جاڭ جۇڭچياڭ ئۇنىڭغا 80 مىڭ يۈەن بېرىپ مەبلەغ توپلىشىغا ياردەم قىلدى... جاڭ جۇڭچياڭنىڭ ھېسابات دەپتىرىگەھازىرغىچە كەنت ئاھالىلىرىگە بېرىپ تۇرغان 760 مىڭ يۈەندىن كۆپرەكپۇل خاتىرىلەنگەنىدى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق بىر جۈملە سۆزنىئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ: «ئىشىمىز بولسىلا جاڭ جۇڭچياڭنى ئىزدەيمىز».بۇنىڭغاجاڭ جۇڭچياڭ مۇنداق جاۋاببەردى: «كۆپچىلىكنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم.»

1989-يىلى 10-ئايدا،جاڭ جۇڭچياڭكەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى. 1996-يىلى ئۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. جاڭ جۇڭچياڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، كەنتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يېرى ئۈچ موغىمۇ يەتمەسلىكتەك رېئاللىققا قارىتا، ئۇ تاشلىۋېتىلگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆلچەملەشتۈردى ۋە رەتكەسالدى. ئۇ يەنە «سىرتىغا مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ ئىچىگە كېۋەز تېرىش، باغ ئىچىگە بۇغداي كىرىشتۈرۈپ تېرىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كېۋەز تېرىقچىلىقىنى دەسلەپ باشلىغاندا، كەنت ئاھالىلىرى كېۋەز تېرىشنى بىلمىگەچكە، جاڭ جۇڭچياڭ ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلدى، تامىقىنى ئېتىز بېشىدا يېدى، ھەتتا ئېتىز بېشىدا يېتىپ-قوپتى. كېيىن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىئومۇملاشتۇرۇلغاندا، كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭغا تازا قايىل بولمىدى، جاڭ جۇڭچياڭ بىرنەچچە ئائىلىلىك دېھقان بىلەن بىرلىشىپ ئاۋۋال سىناق قىلىپ كۆردى، كۆپچىلىك بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىكەنتتە ئومۇملاشتى.

جاڭ جۇڭچياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتە باغ-ئورمانچىلىق، كېۋەز تېرىقچىلىقى، پارنىككۆكتات تېرىقچىلىقى، باقمىچىلىقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپ بارلىققا كەلدى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىدىكى نەچچە ئونمىڭ يۈەندىن1 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى دەسلەپكى 1400 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، جاڭ جۇڭچياڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقۋەزىپىسىنى ئۆتىمەسلىكنى ئىلتىماس قىلدى، لېكىن كەنت كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر ئۇنىڭغا قىيمىدى، كۆپچىلىكنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن، ئۇ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىئۈستىگە ئالدى.

ھازىر كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانئەلى مەمەت مۇنداق دېدى: «جاڭ جۇڭچياڭ گەرچە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىسىمۇ، ئەممامەسىلىلەرگە يولۇقساقئۇنىڭدىن پىكىر ئالىمىز، چۈنكى ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدۇ، كەنتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ».