نۇرمەمەتنىڭ بەخت تۇيغۇسى

日期:2022年05月13日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىياڭ شۇخەن

كەم سۆز، ھاراققا ئامراق، خىزمەتتە بىپەرۋا، بۇ، 2018- يىلىدىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئىلى«لىنېڭ» كۆمۈر چەكلىك شىركىتى پىلىچى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ كۆمۈر قېزىش ئىشچىسى نۇرمەمەت خېلىلنىڭ كۆپچىلىككە بەرگەن تەسىرى.

قىزغىن، ئەستايىدىل، پۇختا، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، بۇ، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن يېپيېڭى باھاسى.

«بۇنداق تۈپتىن ئۆزگىرەلىگەنلىكىم ئۈچۈن ۋۇ ئاكامغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ خىزمەتتە ماڭا يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، تۇرمۇشتىمۇ ماڭا تەسىر كۆرسەتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ۋۇ ئاكام بولمىغان بولسا، ھازىرقى مەن بولمىغان بولاتتىم.» ئۆزىنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى ئۆزگىرىشلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ھاياجانلانغانلىقتىن نۇرمەمەتنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كەتتى.

نۇر مەمەتنىڭ ئاغزىدىكى ۋۇ ئاكا، ئۇ تۇرۇشلۇق كۆمۈر قېزىش 1- بەنىنىڭ بەنجاڭى ۋۇ خۇ.

 بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى ۋۇخۇ، ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى نۇرمەمەت).

ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ شىكۇن فوتوسى

2013 - يىلى، نۇرمەمەت پىلىچى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا خىزمەتكە چۈشتى، ئەسلىدىلا جىمىغۇر ھەم ھاراق ئىچىدىغان ئادىتى بار بولغاچقا، بەزىدە مىقدارىنى كونترول قىلالماي ھاراقكەش بولۇپ قالدى. دەم ئېلىش كۈنى بولسىلا، ئۇ غەرق مەست بولۇپ، ئەتىسىدىكى خىزمىتىگە دائىم تەسىر يەتكۈزدى. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئىشقا چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولماي، خىزمەتتىكى نەتىجىسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، كىرىمى تەدرىجىي ئازىيىپ كەتتى، ئائىلىنىڭ نورمال چىقىمىمۇ جىددىي ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. كېسەلچان ياشانغان دادا، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۈچ بالا، خىزمىتى يوق خوتۇن... بۇ بىر قاتار قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، ئۆيدە جېدەل قۇرۇماي، خاتىرجەملىك بۇزۇلدى.

بەنجاڭ ۋۇ خۇ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، نۇرمەمەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانلاشتى. نۇرمەمەتنىڭ ھاراقخورلۇقىنى ئۆزگەرتىش، ئۇنى خىزمەت ۋە تۇرمۇش يولىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، ۋۇ خۇ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى.

ھەر كۈنى، ۋۇ خۇ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۇنىڭغا ئۆگەتتى، خىزمەت تالونىنى بىر- بىرلەپ تولدۇرۇشتىن خىزمەت پىلانى يېزىشقىچە، كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىشتىن سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى جەملەشكىچە، چاپچىلىق ماشىنىسى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكىچە ۋۇ خۇ زېرىكمەستىن قولمۇقول ئۆگەتتى، بۇ، نۇرمەمەتنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى.

ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى، نۇرمەمەت ئىش ئورنىغا چىقىش ئالدىدىكى يىغىندا كۆپچىلىكنى بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرىدىغان بولۇپلا قالماي، كومپيۇتېردا تۈرلۈك مەلۇمات جەدۋەللىرى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى تولدۇرۇشقىمۇ پىششىق بولۇپ كەتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ چاپچىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەش تېخنىكىسى تېز سۈرئەتتە ئۆستى، كىرىمىمۇ تېز ئۆستى، خىزمەتكە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئۆستى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

ۋۇ خۇ (ئوڭدا) نۇرمەمەتكە چاپچىلىق ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگەتمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ شىكۇن فوتوسى

كىچىككىنە بىر ئىش نۇرمەمەتنى ھەر ۋاقىت ھەسرەتكە سالىدۇ. «بىر قېتىم، مەن نەپسىمنى بېسىۋالالماي، دوستلىرىم بىلەن ئىچىشكىلى چىقىپ كەتتىم، يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئۇخلىماپتۇ، ئۈچ بالام قورقۇپ كېتىپتۇ، خوتۇنۇمنىڭ ئەندىشىسى چىرايىغا چىقىپ كېتىپتۇ.» نۇرمەمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ۋۇ ئاكىنىڭ يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى تەرەپ- تەرەپتىن ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلگەندە، ئۇ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بوپتۇ. نۇرمەمەتنىڭ ئۆيىگە بىخەتەر كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ۋۇ خۇ ئۇنى تەنقىد قىلماپتۇ، پەقەت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، ئاندا- ساندا ھاراق ئىچىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىپ قويسا كارايىتى چاغلىق ئىكەنلىكى، لېكىن ھەرگىز ھاراقخورلۇق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ، نۇرمەمەت ھاراق تاشلاپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەنسىرەتمەسلىك، ھەممىدىن ۋۇ ئاكىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىك ئىرادىسىگە كەپتۇ.

تۇرمۇش تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان كىشىلەرنى نائۈمىد قويمايدۇ. 2019- يىلى، نۇرمەمەت شىركەتنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى مۇسابىقىسىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 2020- يىلى، ئۇ يۈك قاچىلاش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگىنىۋالدى، يەنە خىزمەت يېڭى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىش ئورنىدىكى «كۆپ تەرەپلىمىلىك ماھىر» غا ئايلاندى؛ 2021- يىلى، ئۇ شىركەتنىڭ «بىخەتەرلىك ئۈلگىسى» بولۇپ باھالاندى؛ بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ بەش كالا، 20 قوي سېتىۋېلىپ، خوتۇنىنىڭ ئائىلە باقمىچىلىق كۆلىمىنى زورايتتى، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«ھازىر بىر تېمىممۇ ھاراق ئىچمەيمەن، كىم مېنى ھاراق ئىچكىلى چاقىرسىمۇ بارمايمەن. بوش ۋاقتىم بولسا ئائىلەمدىكىلەرگە ھەمراھ بولغاندىن باشقا، كەسپىي كىتابلارنى كۆرۈپ نەزەرىيە ۋە تېخنىكا ئۆگىنىمەن، نېمىلا دېگەن بىلەن بىزنىڭ بۇ كەسپىمىزدە نەزەرىيەدە پۇختا بولغاندىلا تېخنىكا مۇستەھكەم بولىدۇ.» نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: ۋۇ ئاكامنىڭ تەسىرىدە، كەلگۈسى تۇرمۇشۇم تىرىشىش نىشانى ۋە ئۈمىدكە تولدى.

«يىل ئاخىرىدا بىر پىكاپ سېتىۋالىمەن، ئۈچ بالام قىشتا مەكتەپكە بارغىچە توڭمايدىغان بولىدۇ، مېنىڭ كېيىنكى ياخشى كۈنلەرنى كۆرىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم ناھايىتى تولۇق، ئۆز ئاكام ۋۇ خۇ مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلگەم!» ئۆزىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى تىلغا ئالغاندا، نۇرمەمەتنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.