【مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى】 «يىتىپ كېتىپ تېپىلغان خۇرۇم سومكا» شىنجاڭ ئورقۇغا «تۇغقان يوقلاپ كەلدى»

日期:2022年05月09日
来源:天山网
【字体:

نەرسىنى سەككىز مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش ھەممە يەردە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

چاڭ جيابىڭ ئەينى چاغدا يىتىپ كېتىپتېپىلغان سومكىنىئالايىتەنئېلىپ كەلدى.

گاۋ شۈفوتوسى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇاڭشىلىق ساياھەت يېتەكچىسى چاڭ جيابىڭ شىنجاڭ قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدىكى «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى»دا يېڭىدىن ئېچىلغان بىر ناۋايخانىغا كېلىپ، ناۋايخانىنىڭ ئىگىسى ھوشۇراخۇن قۇربانغا يۈزتۇرا رەھمەت ئېيتتى. چاڭ جيابىڭنىڭ قولىدا قوڭۇر رەڭلىك خۇرۇم سومكا بار ئىدى. يېرىم يىلئىلگىرى بۇ سومكائورقۇدا يىتىپ كەتكەن بولۇپ،بۇلتۇر يىل ئاخىرىداھوشۇراخۇن ئۇنى گۇاڭشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن، ھازىر چاڭ جيابىڭ ئۇنى يەنە ئورقۇغائېلىپ كەلگەنىدى.

«يىتىپ كەتكەن سومكامنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلگەن شۇ دەقىقىدىلا، مەن شىنجاڭغا كېلىپ تاغامغا رەھمەت ئېيتىشنى ئويلىغان» دېدى چاڭ جيابىڭ.

ھوشۇراخۇن قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى چىغانلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاڭ جيابىڭ ساياھەت ئۆمىكىنى ئورقوغا ساياھەتكە ئېلىپ كەلگەندە،ئېھتىياتسىزلىقتىن يان تېلېفون، گۇۋاھنامە قاتارلىق بۇيۇملار سېلىنغان خۇرۇم سومكىسىنى ھوشۇراخۇننىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىدا ئۇنتۇپ قالغانىدى. ھوشۇراخۇن بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنىخۇرۇم سومكىنىڭ ئىگىسىنى ھەر تەرەپتىن ئىزدىدى، بۇلتۇر 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئاخىر بۇخۇرۇم سومكىنى گۇاڭشىغا ئەۋەتىپ بەردى.

چاڭ جيابىڭ بۇ قېتىم ناۋايخانىغا كەلگەندە يەنەلەۋھەدىن بىرنى ئېلىپ كەلگەنىدى، لەۋھەنىڭ ئۈستىگە «ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق، نەرسىنى سەككىز مىڭ چاقىرىميىراقلىقتىكىئىگىسىگە تاپشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممە يەردە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. خۇرۇم سومكىنىڭ يىتىپ كېتىپ قايتا تېپىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا، چاڭ جيابىڭ شېنجېنداخىزمەت قىلىۋاتقانىدى. «مەن دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردىم، تاراتقۇدا ئىشلەيدىغان دوستلىرىمبۇ ئىشنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەندى __ يىتىپ كەتكىنىگە شۇنچە ئۇزاق بولغان سومكا بىر ۋاراق قەغەزمۇ يوقاپ كەتمەي شۇ پېتى ئەۋەتىلىپتۇ» دېدى ئۇ.

سومكا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى، لېكىن ئىككى ئائىلىنىڭ ھېكايىسى تېخى ئاخىرلاشمىدى. «دادام بۇ ئىشنى بىلىپ، بىز ئىككى ئائىلە خۇددى تۇغقانلاردەكبېرىش-كېلىش قىلايلى، دېدى. بىز تاغاملارنىڭ گۇاڭشىدىكى تۇغقانلىرى، تاغاملار بىزنىڭ شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرىمىز» دېدى چاڭ جيابىڭ.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى ئائىلە دائىم ۋىيشىندا پاراڭلىشىش، سىنلىق سۆزلىشىش ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇردى. بۇ قېتىم «1-ماي»لىقدەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ، چاڭ جيابىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگەخۇرۇم سومكىنى كۆتۈرۈپ، لەۋھەنى ئېلىپ تاغ ـ داۋانلاردىن ئېشىپ تۇغقان يوقلاشقا كەلدى.

ئورقۇ رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭھوشۇراخۇنغا «ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشى» دەپ نام بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپچاڭ جيابىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە بىز سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، تاغامدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك». گەرچە بۇ ئورقۇ رايونىغا پەقەت 2-قېتىم كېلىشى بولسىمۇ، چاڭ جيابىڭنىڭ بۇ يەرگە بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر، «تاغامنىڭ بۇنداق ياخشى بىنا ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ يەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بۇنچە تېزلىكىنىئويلىماپتىمەن، شىنجاڭلىقلار بەك ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل ئىكەن، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن».

5-ئاينىڭ 1-كۈنى، چاڭ جيابىڭ تەكلىپ بىلەن «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى» ۋە بەيياڭخې چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن سەل ھاياجانلاندى، «ئەگەر پۇرسەت بولسا، مەن بۇ يەردە قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى خالايمەن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ يەنە بىر تۇغقىنىم بۇ يەردە» دېدى ئۇ.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى»دىن تەرجىمە قىلىندى